تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مەندىن سىلەرگە تىپىشماق كەتتى

1_بىر كۈنى بىلىقچى بىلىق تۇتۇش ئۈچۈن سەھەردىلا دەريا بويىغا مېڭىپتۇ .بىر كۈن بىلىق تۇتۇپ كەچتە قايتىپ كەپتۇ .مەھەللىگە كىلىشىگىلا مەھەللە دوقمىشىدا تۇرغان كىشىلەر سوراپتۇ :
- بىلىقچى ئۇستام ، بۈگۈن قانچىلىك بىلىق تۇتتىڭىز ؟
بىلىقچى ؛_ ئالتىنىڭ قۇيرىقىنى ، سەككىزنىڭ يېرىمىنى ، توققۇزنىڭ بېشىنى تۇتتۇم ، _ دەپتۇ .
كىشىلەر بىر بىرىگە قارىشىپ بىلىقچىنىڭ زادى قانچە بىلىق تۇتقانلىقىنى بىلەلمەپتۇ .
سىلەرچە بىلىقچى زادى قانچىلىك بىلىق تۇتتى ؟

2-بىر توكۇر غاز يەردە كىتىۋاتسا ، ئاسماندا بىر توپ غاز ئۇچۇپ كىتىۋاتقۇدەك ، شۇنىڭ بىلەن يەردىكى غاز ئاسماندىكى غازلارغا سالام بىرىپتۇ :
_ ئەسسالامۇئەلەيكۇم يۈز غاز ،
ئاسماندىكى غازلار يەردىكى غازغا جاۋاپ بىرىپتۇ ؛
- بىز يۈز ئەمەس ،بىزگە بىزدەك ، بىزنىڭ يېرىمىمىزدەك ،يېرىمىمىزنىڭ يېرىمىدەك ،يەنە سەن قوشۇلساڭ ئاندىن يۈز بولىمىز دەپتۇ .
ئاسماندىكى غازلار زادى قانچە ؟


3_ ئادەملەر جەمىيەتتە ئانچە مۇنچە ئوخشىشىپ كىتىدۇ ، بىراق يەنىلا ئاتا ئانىڭىزغا بەكرەك ئوخشايسىز ،قېنى دەپ بېقىڭ ، سىز دۇنيادا ئەڭ ئەڭ ئەڭ كىمگە بەكرەك ئوخشايسىز ؟

4- بىر خالتىغا ئاق ۋە قارا ئىككى خىل گازىر قاچىلانغان .ئۇ گازىرلارنى تۆككەندە ، بىر بىرىگە ئارلاشماي ئېقى بىر تەرەپكە ، قارىسى بىر تەرەپكە چۈشۈپتۇ ، بۇ نىمە ئۈچۈن ؟

5_ ماڭسىمۇ ياتىدۇ ، ياتسىمۇ ياتىدۇ ،قوپسىمۇ ياتىدۇ..... ئۇ نىمە ؟

6- ماڭسىمۇ ئولتۇرىدۇ ،قوپسىمۇ ئولتۇرىدۇ ،ياتسىمۇ ئولتۇرىدۇ ......بۇ نىمە ؟

7-ھەرقانداق سودىگەر ماللىرىنى داڭلاپ ساتىدۇ ، پەقەت بىر سودىگەرلا ئەسكى دەپ ساتىدۇ ........ئۇ قايسى سودىگەردۇ ؟

8- جۈپ يەپ تاق چىقىرىدۇ ، تاق يەپ جۈپ چىقىرىدۇ . بۇ نىمە ؟

 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز