ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئامېرىكىدىكى «پىسخىكا ۋە ياشىنىش» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: تۈرلۈك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان پىسخىك كېسەللىكلىرى تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، ياشانغانلار قانچە بالدۇر قېرىغىنىغا تەن بەرسە، دېۋەڭلىك كېسىلىگە شۇنچە تېز يېقىنلىشىدىكەن.
بۇ يەكۈننى قوللايدىغان بىر مۇتەخەسسىس مۇنداق دېدى: ناۋادا ئادەم قېرىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولسا، شۇنداقلا قېرى دەرەختەك قۇرۇپ كېتىۋاتىمەن، دەپ ئويلاپ خاۋاتىرلەنسە، ئۇنداقتا ئۇلار ئاسانلا دېۋەڭلىك كېسىلىگە مۇپتىلا بولىدىكەن. چۈنكى بۇ خىل پاسسىپ پىسخىكا بەدەندە بىر خىل سەزگۈر ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىدىكەن، بۇ ماددا بولسا چوڭ مېڭىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىكەن.