تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ھەر خىل چايلارنىڭ ئۆزگىچە رولى

قىزىل چاي ئىچىپ بەرسە تارقىلىشچان زۇكامدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. قىزىل چاي مۆتىدىل بولۇپ، بەدەندىكى ھارارەتنى تولۇقلايدۇ؛ قىزىل چاي تەركىبىدە مول ئاقسىل ۋە شېكەر بولغاچقا، ئۇنى ئىچكەندە بەدەندە ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىپ، قورساقنى ئىسسىق ساقلاپ، بەدەننىڭ سوغۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. قىزىل چاينىڭ يەنە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ياغنى سېرىش رولىمۇ بار. جۇڭگونىڭ بەزى يەرلىرىدە كىشىلەر قىزىل چايغا شېكەر، سۈت، كۈنجۈت ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن، بۇنداق قىلغاندا ھەم بەدەننى ئىسسىتقىلى ھەم قۇۋۋەت تولۇقلاپ، بەدەننى كۈچلەندۈرگىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، قىزىل چايدا ئېغىز چايقىسا ياكى ئۇنى داۋاملىق ئىچىپ بەرسە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. قىزىل چاينىڭ يەنە سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرە راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىمۇ ئالاھىدە رولى بار. قىزىل چاي بىر خىل ئېچىتىپ ياسالغان چاي بولغاچقا، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى تۆۋەن بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچىيىدە مەسىلە كۆرۈلگەن ۋە بەدىنى ئاجىزراق كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە ئىنتايىن باب كېلىدۇ.

ئىسسىقىڭىز ئېشىپ كەتسە كۆك چاي ئىچىڭ. ياز پەسلىدە كىشىلەر پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، ياغلىق ھەم ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئادەمنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ، ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ، ئېغىز قۇرۇپ، ھەتتا ئېغىز-تىللارغا ئۇچۇق چىقىپ قالىدۇ. كۆك چاي دەل مۇشۇ پەيتتە شىپالىق رول ئوينايدۇ. كۆك چاي ئېچىتىلمىغان بولغاچقا تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىقلىقنى قايتۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئىچىملىك. كۆپ چاي بەدەندىكى سۇنى تولۇقلاپ ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ. يېنىك دەرىجىدىكى ئاشقازان يارىسىنى ساقايتىش رولىغا ئىگە، قاندىكى ياغ ماددىسىنى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنىڭ قېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاسان ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدىغان، ئادەتتە ھاراق، تاماكىنى ياخشى كۆرىدىغان، بەدىنى سېمىزرەك بولغان كىشىلەر كۆك چاي ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئەمما ئاشقازان-ئۈچىيىنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلەر كۆك چاي ئىچىشكە باب كەلمەيدۇ.

روھىڭىز چۈشكۈن بولسا پەمىل چېيى ئىچىڭ. پەمىل چاي يەسىمەن گۈل چېيى، ئاق گۈللۈك ماگنولىيە چېيى، ئوسمانتۇس گۈلى چېيى، قىزىل گۈل چېيى قاتارلىق چايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پەمىل چېيىنى كۆك چاينى خام ماتېرىيال قىلىپ، ھەرخىل خۇش پۇراقلىق گۈللەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىسلاپ ياسايدۇ. ئادەتتە پەمىل چېيى جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى راۋانلاشتۇرۇش، قول-پۇتلارنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. پەمىل چايلار ئىچىدىكى يەسىمەن گۈل چېيىنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، ئىسسىق ئۆتۈشنى داۋالاش، تالنى ياخشىلاپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولى بولۇپ، تولغاقنى داۋالاشتا ھەمدە ئاشقازان ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە.

ئۇچقات بەرگى چېيىنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش رولىدىن باشقا يەنە گالنىڭ ئىششىپ ئاغرىشىنى ئۈنۈملۈك داۋالاشتا، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ پايدىسى بار.




ئەسلى مەنبەسى: 360doc.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز