تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
توردىكى 10 قىلتاقتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك


ئېنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تور پونكىتىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىدىغان ئالدامچىلار ئارقا- ئارقىدىن پەيدا بولدى، ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىدىغان تور بەتلىرى ئۆزىگە نۇرغۇن ئالدامچىلىق ۋاستىلىرىنى مۇجەسسەملىگەن، يېقىندامۇتەخەسسىسلەر ئېنتېرنېت تورىدىكى ئالدامچىلىق ۋاستىلىرى ئارسىدىكى ئومۇملىشىپ قالغان 10 چوڭ ئۇسۇلنى يەكۈنلىدى.

 

1- پۇل تۆلەپ كۇلۇبقا ئەزا بولۇش، يەنە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ پۇل تېپىش ئۇسۇلى. ئەنئەنىۋى شاخلىتىپ سېتىشقا قارىغاندا ئۇنىڭ تارقالغان دائىرسى تېخىمۇ كەڭ، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، ئۇنىڭ ئۈستىگە شاخلىتىپ ساتىدىغان مەھسۇلاتلار گىرىم بۇيۇملىرى، دورا بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، يەنە كومپيۇتېرنىڭ يۇمشاق دېتالى، ھەر خىل ئۇچۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

2- پاي چىكى سودىسى قىلىدىغانلار ئارىسىدىكى ساختىلىق قىلىدىغانلار توردا ساختا خەۋەرلەرنى تارقىتىپ، توردىلا پاي چېكىنىڭ باھاسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. پايغا مەبلەغ سالغۇچىلار پاي باھاسىنىڭ ئۆسكەنلىكى ياكى چۈشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن يەنە دەرھال تەدبىر قوللىنىدۇ، بۇ نۇرغۇن پۇلغا چېتىلىدىغان تەۋەككۈلچىلىك. 

 

3- تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقى ۋە مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا پايدا ئالىدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىپ، بۇ تۈرگە قاتناشقانلارنى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ خام ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش، مەھسۇلات پىششىقلاپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۆزى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما سېتىۋالىدىغان چاغدا سۈپەت ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ ياكى مال تاپشۇرۇش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرىۋەتكەن دېگەننى باھانە قىلىپ، سېتىۋېلىشنى رەت قىلىدۇ. بۇ خىل ئالدامچىلىق پىششىقلاپ ئىشلەشنى ھاۋالە قىلىش تۈرلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.

 

4- چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش. ئەگەر بەزىلەر سىزگە e-mail (ئې- مايىل) (يەنى ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى) ئەۋەتىپ سىزنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى ئېيتسا، سىز ھەرگىز ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭ، چۈنكى بۇمۇ ئەستايىدىل پىلانلاش ئارقىلىق قۇرۇلغان قىلتاق. ئۇلار بەلكىم سىزگە بىر نەچچە يۈەن ئەۋەتىپ ئەھۋالنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرۇشى ياكى ئۇلارنىڭ سىزگە پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىشىگە قولاي بولسۇن ئۈچۈن، سىزدىن پوچتا پېرېۋوت ھەققىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.

 

 

 

e-mail -5  ئەۋەتىپ ياكى قوبۇل قىلىپ پۇل تېپىش. ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىش ياكى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق پۇل تېپىشقا قىزىقتۇرۇش توردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل پۇل تېپىش ئۇسۇلى، بۇنىڭدا ئالدامچىلار دائىم سىزنى ئامېرىكا دوللىرىغا قىزىقتۇرۇپ قىلتاققا چۈشۈرىدۇ، ئەمما سىز شۇنچە ئۇزاق ئاۋارە بولۇپمۇ ھەتتا تورغا چىققىدەكمۇ پۇل تاپالماي قالىسىز، قاراپ تۇرۇپ باشقىلارغا بىكارغا ئىشلەپ بېرىپ لېۋىڭىزنى چىشلەپ قالىسىز. توردا تازا راۋان بولمىغان ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز ھالىڭىز تېخىمۇ خاراب بولىدۇ، يېنىڭىزدىن پۇل چىقىرىپ تور ئېلانى سودىگىرىگە پۇل تېپىپ بېرىمىز، خالاس.

 

6- سىز ئۈچۇر يوللىسىڭىز ئۇلار پايدا ئالىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل e-mail ئەۋەتىش ياكى قوبۇل قىلىشقا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما ئالدىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىڭىز بەك يۇقىرى. ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسىدا سىزگە بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە تاپشۇرۇپ ئالغان ئۇچۇرىڭىزنى نەچچە نۇسخا كۆپەيتىپ باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە سىزگە ئازراق بولسىمۇ پۇل ئەۋەتىپ بېرىدۇ، يەنە سىزگە بىر خىل ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، سىزگە قانچىلىك ۋاقىتتا قانچىلىك پۇلغا ئىگە بولىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئىنتايىن چوڭ ئالدامچىلىق.

  

7- ئۇلاش قىلتىقى. سىزگە قانداقتۇر بىر خىل يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرسىڭىز "كېڭەيتىش ھەققى"گە ئېرىشىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىدۇ، ئەمما بۇ خىل يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلاش تەرتىپىنى ئورۇندىغان چېغىڭىزدا، بۇ يۇمشاق دېتال ئابونت بىلەن ispنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزىنى ئېتىۋېتىدۇ ھەمدە سىزنى چەت ئەلگە تېلېفۇن ئۇلاپ بېرىش ئىستانسىسىغا ئۇلاپ قويىدۇ، شۇنداق قىلىپ سىز چەت ئەلگە تېلېفۇن بېرىش ھەققىگە قەرزدار بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى تۇيمايلا قالىسىز.

 

8- ئېلان تورىنى چېكىش. بۇ ھازىر ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان پۇل ئالدىۋېلىش ئۇسۇلى. سىز تورغا چىققان چېغىڭىزدا ئۇلار سىزدىن ئېلان سودىگىرى بەرگەن بىر تۈرنى چېكىشنى تەلەپ قىلىدۇ، سىز توردىكى ئېلان بېتىنى كۆرگەن ۋە چەككەن چېغىڭىزدا، ئېلان ۋاكالەتچىسى سودىگىرى سىزگە ئۆز ئېلانىڭىزنىڭ كومپيۇتېردا كۆرۈلگەن ۋاقتى ياكى چەككەن قېتىم سانىڭىزغا ئاساسەن ھېسابلاپ، سىزگە بەلگىلىك خىراجەت تەقسىم قىلىدۇ، بىراق پۇل سىزگە يىتىپ كەلگىچە ئالدامچىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. 

 

 

9- تورغا چىقىپ نومۇر يىغىش ئارقىلىق پۇل تېپىش ئۇسۇلى- چەت ئەللەردە ئاللىقاچان قاتاردىن قالغان توردىكى ئالدامچىلىق ۋاستىسى. دۆلىتىمىزدىكى تور پونكىتلىرى پەقەت ئۇنىڭ نامىنى ئۆزگەرتتى. بۇ يەردىكى پۇل ئەمەلىي تاۋار، ئەمما سىز ئۇنى نەق پۇل تۆلەپ ئالىسىز، شۇڭا بۇنىمۇ ئېنتېرنېت تورىدىكى ئالدامچىلىق ۋاستىلىرىنىڭ قاتارىغا قوشقىلى بولىدۇ. نومۇر يىغىشنىڭ ئۇسۇلى تور پونكىتىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش، تور پونكىتىنى كۆرۈش، چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان. ئەمما بۇ يەردە پەقەت ۋاستىچىلىك رولىنى ئوينايدىغان دۆلىتىمىزدىكى تور پونكىتلىرى ئادەتتە ئادەمنىڭ ئەقلىي ھۇشىنى تاڭ قالدۇرغىدەك دەرىجىدە نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىدۇ. 

 

10- نىمكەش ماللار بازىرىدا ھارام ماللارنى سېتىش. دىققەت قىلىشقا بەكرەك ئەرزىيدىغىنى، توردىكى نىمكەش ماللار بازىرى، ئادەتتە "خېرىداردىن خېرىدارغا" دېگەندەك ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ، نازارەت قىلىدىغان ياكى ۋاستىچىلىك قىلىدىغان ئاپپارات يوق. توردىكى نىمكەش ماللار بازىرىدا قېلىپلاشقان باشقۇرۇش ئۇسۇلى يوق. ھامان بۇلغانغان نەرسىلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ، شۇڭا بۇ يەر ھازىر ھارام ماللارنى يوشۇرۇپ ساتىدىغان ۋە ئالدامچىلار مىغىلداپ كەتكەن خەتەرلىك رايونلارنىڭ بىرى. 

 

مەنبە: رادىئو ئىستانسىسى


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز