تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
سىز ھازىرمۇ كىچىك زېرەك يانفۇنىنى ئىشلىتىۋاتامسىز؟

سىز ھازىرمۇ كىچىك زېرەك يانفۇنى ئىشلىتىۋاتامسىز؟

 

كىچىك زېرەك يانفۇنى 1997-يىلى خاڭجۇدا تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بازاردىن چېكىنىپ 3G غا يول بېرىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان ، گەرچە يېڭى كەسىپلەر ئېچىلمىغان بولسىمۇ ، بىراق يەنىلا بىر قىسىم ئابونىتلار ئىشلىتىپ كەلمەكتە .

       دۆلەتلىك سانائەت-ئۇچۇر مىنىستىرلىكىنىڭ سىتاتسىتىكا دوكلاتىغا قارىغاندا ، ئەينى ۋاقىتتا دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىلىپ نەچچە يۈز ئابونىتلارغا ئىگە بولغان كىچىك زېرەكنىڭ ھازىر پەقەت نەچچە ئون مىليونلا ئابونىتى قاپتۇ . جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ چۈشەندۈرىشىگە قارىغاندا ، ھازىر گۇاڭجۇدا كىچىك زېرەكنىڭ نەچچە ئون مىڭلا ئابونىتى بار ئىكەن . 
       كۆپ خىل ئالاقە تورىنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، دۆلەت سانائەت-ئۇچۇر مىنىستىرلىكى ئىلگىرى 2011-يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن كىچىك زېرەك چاستوتا بۆلىكى ۋە تورىنىڭ پۈتۈنلەي تاقاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى ، بىراق ئاللىقاچان ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى ، كىچىك زېرەك يانفۇنلىرىنى ئابونتلار يەنىلا ئىشلىتىۋاتىدۇ . ئىگىلىنىشچە ، تېلېگراف سودىگەرلىرى كىچىك زېرەك تورىغا نىسبەتەن مەبلەغ سېلىشنى ۋە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كىچىك زېرەك ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلار بۇ يانفۇننى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاللىقاچان توختىتىپ بولغان . ھازىر كىچىك زېرەك ئابونىتىلىرىنىڭ سانىمۇ ئۈزلۈكسىز ئازايماقتا ، ئومومىي ئەھۋالدىن قارىغاندا كىچىك زېرەك تورىنىڭ تاقىلىشىغىمۇ ئۇزاق ۋاقىت قالمىغاندەك تۇرىدۇ .
       كىچىك زېرەك ئابونىت سانى ئۈزلۈكسىز ئازىيىۋاتقان بولسىمۇ ، بىراق سانائەت-ئۇچۇر مىنىستىرلىكىنىڭ سىتاتسىتىكا دوكلاتىغا قارىغاندا ، 2012-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا ھەربىر كىچىك زېرەك ئابونىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 746 قېتىم تېلېفۇنلاشقان ، مۇشۇ بويىچە بولغاندا ھەر بىر ئابونىت كۈنىگە ئىككى قېتىم تېلېفۇنلاشقان ، بۇ ئابونىتلارنىڭ كىچىك زېرەككە نىسبەتەن يەنىلا بىر خىل ياخشى كۆرۈش ھىسياتى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .
  

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز