مەھبۇس
مايور
كۆيىمەن ساڭا چاراسلاپ ھەر دەم،
دەرمان ئىزدىمەي ئبراھىم كەبى.
مەھكۈملۈك تەقدىرىم بولدىمۇ ئەمدى،
قوللۇرۇم زەنجىرلىك بىر مەھبۇس كەبى.
ئۇيقۇلار ھارام، ئويغاقلىق ئازاپ،
سىڭىپ كىرىسەن بىر زەھەر كەبى.
ئىچىمەن توختىماي ئۆلۈش ئۈچۈن مەن،
ئۆلۈپ ھەر مىنۇت ئەزرائىل كەبى.
مەھكۇم قىلىمەن قەلبىمگە سېنى،
باغلىۋېتىلگەن بىر مەھبۇس كەبى.
ئاچقۇچ يوقالدى ئىشىكلەر تاقاق،
شۇنداق قالىسەن ھەيكەللەر كەبى.
بىر رەت كەلمىدىڭ تەنھا قەلىبىمگە،
قەلىپ مۇزلىدى زىمىستان كەبى.
كۈلۈپ كېلىسەن قەلبىم ئۈچۈن سەن،
كېچىكىپ كەلگەن باھارلار كەبى.
ئۆلۈپ كېتىسەن ئىچىمدە ھامان،
جەسىدىڭ قالىدۇ قەبرىلەر كەبى.
ئىشىك ئېچىلماس مەڭگۈلۈك ساڭا،
ئىچىمگە كۆمىمەن، مەن ئۆزۈم كەبى.
قولۇڭدىن تۇتۇپ ئۆلۈم ئىچىگە،
ئىتتىرۋېتىمەن مۇھەببەت كەبى.
تېنىڭ كەتكەي روھىڭ مېنىڭكى،
سۆيىمەن سېنى ساراڭلار كەبى.
باغلىۋېتىمەن زەنجىرلەر بىلەن،
ھەرەمگە باغلانغان شەيتانلار كەبى.
قەلبىمدە قالىسەن مەڭگۈلۈك بولۇپ،
ۋەدە قىلىنغان جەننەتلەر كەبى.
خىيالىم پەقەت يەتمەكتۇر ساڭا،
ئۇچماق ئويلىغان بىر سەبىي كەبى.
بىلىسەن مەستۇرە ئاشىق مەن ساڭا،
مەجنۇنغا يېزىلغان ھەقىقەت كەبى!