شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئانا بولغۇچى بالىسىنى ئالتە ئايدىن ئارتۇق ئېمىتىپ بەرسە، فىگۇرىسى تېز ئەسلىگە كېلىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار 740 مىڭ ئايالنى تەكشۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ئالتە ئاي بالا ئېمىتسە،0.9 كىلوگرام ئورۇقلىغانلىىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالىسىنى ئالتە ئايدىن ئارتۇق ئېمىتكەن ئاياللارنىڭ تېز ئورۇقلايدىغانلىقى ھەمدە سېمىزلىك ۋە سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان راك، يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
بالا ئېمىتكەندە ئانىنىڭ تېنىدىكى ئارتۇقچە ئېنېرگىيىنى تېز خورىتىدىكەن، مۇتەخەسىسلەرنىڭ ھېساپلىشىچە، بالا ئېمىتىدىغان ئاياللاردا كۈنىگە 500 كالورىيە ئېنېرگىيە خورايدىكەن، بۇ بىر سائەت بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن. مۇتەخەسسىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئانا سۈتى بالىغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ئوزۇق بولۇپ، ئانىنىڭ سالامەتلىككىمۇ پايدىلىق ئىكەن.