شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خۇسۇسىي ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شوپۇرلارنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا. ئۇزاققىچە ئولتۇرۇش، ھەرىكەت ئاز بولۇش سەۋەبلىك بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى، بەل ئومۇرتقىسى پولتىيىپ چىقىش، تېز بوغۇمى زەخمىلىنىش، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ناچارلىشىش، جىددىيلىشىش قاتارلىق بىر قاتار كېسەللەر پەيدا بولماقتا. شوپۇرلار يۇقىرىقى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاپتوموبىل ھەيدەش ھالىتىنى توغرىلاپلا قالماي، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە دىققەت قىلىشى، چېنىقىشى كېرەك.
1. مۈرە ۋە بەلنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك. يەنى ئوڭ قولنى كۆكرەككە قويۇپ، سول قول بىلەن ئوڭ قول جەينىكىنى سول تەرەپكە تارتىپ بېرىش كېرەك. بۇنى بەش سېكۇنتتىن ئون سېكۇنتقىچە داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپكە ئالماشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.
2. ئورۇندۇقتا تۈز ئولتۇرۇپ، بەلنى ئارقىغا كۈچەپ ئېگىش، ئىككى قول بىلەن ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆكرەكنى ئالدىغا ئىتتىرىش، يۈزىنى يۇقىرىغا 45 گىرادۇس قارىتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا بەل مۇسكۇلنىڭ كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
3. بەلنى ئوڭ سولغا ئەركىن ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش كېرەك.