تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۇيغۇر كلاسسىك مۇھەببەت داستانلىرىدىن ئاياللار ئوبرازىغا نەزەر

ئۇيغۇر كلاسسىك مۇھەببەت داستانلىرىدىن ئاياللار ئوبرازىغا نەزەر

 


ئابدۇراخمان ئابدۇباقى

(قاراقاش ناھىيە تۇخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

 

     ئۇيغۇر خەلقى باي خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى خەزىنىسىگە ئىگە  بولۇپ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى خەزىنىسى ئىچىدە داستانلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. خەلق داستانلىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يىرىك ژانېرى  بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. خەلق داستانلىرى شېئىرىي بايان، شېئىرىي تەسۋىرلەر ئارقىلىق مول ئىجتىمائىي تۇرمۇش مەزمۇنىنى ئىپادە قىلىپ بېرىدىغان يىرىك ھەجىمدىكى سۇژىتلىق ئەسەرلەردۇر. مەزمۇن جەھەتتىن ئالغاندا، خەلق داستانلىرىنىڭ ئەكس ئەتتۈرگەن تۇرمۇش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئەمگەكچى خەلقنىڭ تۇرمۇشى، كۈرىشى، تارىخى، مەشھۇر قەھرىمانلىرى، مۇھىم ئىجتىمائىي ۋەقەلىرى، يىگىت-قىزلارنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرى. . . قاتارلىقلار روشەن ۋە جانلىق ئىپادىلىنىدۇ. خەلق داستانلىرى قۇرۇلما جەھەتتىن بىر قەدەر مۇرەككەپ. ئۇ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەممە ژانېرلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇ ھەم نەسىر  ھەم نەزىم شەكلىنى، ھەم لىرىكىلىق ھەم ئېپىكىلىق ھەم رېئالىزملىق ھەم رومانتىزملىق ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ.

      دېمەك، باي ۋە  خىلمۇ- خىل  بولغان ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىچىدە ناخشا-قوشاق، لەتىپە-چۆچەكلەردىن قالسىلا داستانچىلىق بىر قەدەر كەڭ تۈردە خەلق ئارىسىغا ئومۇملاشقان. ئۇ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ بىرەر چوڭ ۋە قەدىمكى تىپىك قەھرىماننى تەسۋىرلەيدىغان كوللېكتىپ ئىجادىيىتى  بولۇپ، ئۇزۇن تارىختىن بېرى ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن چوڭ ھەجىمدىكى بەدىئىي ئەسەرگە ئايلانغان ھەم مۇكەممەل سۇژىت ۋە جانلىق شېئىرىي ئوبرازلار ئارقىلىق ئۆز دەۋرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر كەڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.  مانا مۇشۇ مول  بولغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىچىدىكى مۇھەببەت داستانلىرى بىرقەدەر مۇھىم  بولغان سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

      ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى ژانېرلاردا يارىتىلغان ئاياللار ئوبرازى يەنى ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى، ئىشچانلىقى، ئەقىل-پاراسىتى، چېچەنلىكى، ساداقىتى ۋە پاك مۇھەببىتى، ھەققانىيەت ئۈچۈن، ئادالەت ئۈچۈن مەردانە كۈرەش قىلىشتەك ئىسيانكار روھى، گۈزەل پەزىلەتلىرى دەۋرلەردىن بېرى ئېغىزدىن-ئېغىزغا، ئەۋلادتىن -ئەۋلادقا كۆچۈپ بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلدى. بۇ  خىل روھ خەلق داستانلىرىدا  بولۇپمۇ كلاسسىك خەلق داستانلىرى ئىچىدىكى مۇھەببەت داستانلىرىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ھەم تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلەنگەن.

مۇھەببەت داستانلىرى ـــــ مۇھەببەت مەسىلىسىدىكى زىددىيەت ۋە كۈرەش،  بولۇپمۇ مۇھەببەت تراگېدىيەلىرى ئارقىلىق فېيوداللىق قانۇن ۋە فېيوداللىق ئەدەب-ئەخلاقنى تەنقىد قىلىدىغان، پاش قىلىدىغان داستانلاردۇر.

سۆيگۈ-مۇھەببەت داستانلىرى فېيودالىزم دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى  بىلەن  باغلىنىشلىق  بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇلۇغۋار سۆيگۈ رومانتىكىسى  بىلەن  ئۇنىڭغا ئېرىشىش يولىدىكى ئاجايىپ قەھرىمانلىق بىر-بىرى  بىلەن  زىچ بىرلىشىپ كېتىدۇ. سۆيگۈ داستانلىرىنىڭ سۇژىت سىخېمىسى ئاساسەن بىر-بىرى  بىلەن  ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

      مەسىلەن: «پەرھاد-شېرىن»،  «لەيلى-مەجنۇن»،  «تاھىر-زۆھرە»،  «مەسئۇد-دىلئارام»،  «ھۆرلىقا-ھەمراخان»، «بوز يىگىت»،  «رابىئە-سەئىدىن». . . قاتارلىق داستانلاردىكى ئوخشاشلىقلار كۆپرەك. شۇنداق بولسىمۇ بۇ سۆيگۈ-       

      مۇھەببەت داستانلىرىدىكى ئاياللار ئوبرازى ئۆز ئالدىغا ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش رېتىمى ۋە ھايات سەرگۈزەشتىسى ئىچىدە ياشىغاچقا ئوخشاش بولمىغان خۇلق- مىجەز ئالاھىدىلىكلىرى  بولغان. ئەمما، بۇ مۇھەببەت داستانلىرىرىدىكى قىز-ئاياللار ئوبرازىدا يەنە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە  خىل ئورتاقلىقلارمۇ مەۋجۇد: 

  

  • گۈزەللىكى توغرىسىدا


  •        ئۇيغۇر مۇھەببەت داستانلىرىدا يارىتىلغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قەلبى گۈزەل ھەم تاشقى قىياپىتىمۇ بىر قاراشقىلا كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغۇدەك ساھىبجاماللاردىن. چېرنىشىۋىسكى:  «گۈزەللىك مەزمۇنغا قارىتا ئېيتىلغان، ئۇ ئاق كۆڭۈللۈك  بىلەن  ئوخشاش» دېگەنىدى. بۇ، كىشى ئاقكۆڭۈل بولسا باشقىلارغا گۈزەللىك تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ دېگەنلىك.

    دېمەك، ئۇيغۇر مۇھەببەت داستانلىرىدىكى قىز-ئاياللار ئۆزىنىڭ قەلب گۈزەللىكى  بىلەن  تاشقى گۈزەللىك بىرلەشكەن،  مۇكەممەل  بولغان گۈزەللىكنى شەكىللەندۈرگەن گۈزەل ئوبرازلاردۇر. مەسىلەن:  «پەرھاد-شېرىن»داستانىدىكى پەرھاد سېھىرلىك ئەينەكتىن شېرىننى كۆرۈپ:

    «ئول نە قىزدۇر، ھۆرى جەننەت ھەم بەرابەر كەلمەگەي، 

    كاكۇلگە مۈشكۇ ئەنبەر ھەم بەرابەر كەلمەگەي.

    ئول نە لەبدۇر، ئول قىزىل ھەم بەرابەر كەلمەگەي، 

    ئول نە يۈزدۇر، ئول قىزىل ھەم بەرابەر كەلمەگەي».

          «لەيلى-مەجنۇن»داستانىدىكى لەيلىمۇ ھۆسن -جامالدا تەڭداشسىز قىز  بولۇپ، شېئىردا مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:

    «ئى، ھۆسنىنى دىلپەرىز قىلغان، 

    ئەل كۆڭلىن ئاڭا ئەسىر قىلغان.

    ئى. ھۆسنىغە ئەيلەگەننى شەيدا، 

    مەجنۇنلۇغ ئىلە قىلىپ ھۇۋەيدا»

         يەنى «رابىئە-سەئىدىن»داستانىدىكى باي، دېھقان قىزى رابىئەمۇ تۆۋەندىكىدەك تەسۋىرلەنگەن:

    «ئاڭا تەڭ بولالماس قۇياش  بىلەن  ئاي، 

    داغى ياخشىلار بار دېگەن سۆزگە ۋاي».

         بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇھەببەت داستانلىرىدىكى قىزلار ھەقىقەتەن كىشىنى مەھلىيا قىلغۇدەك دەرىجىدە ئاجايىپ ساھىبجاماللاردىندۇر.


    2. يارىغا سادىقلىقى توغرىسىدا


          ئۇيغۇر كلاسسىك مۇھەببەت داستانلىرىدىكى ئاياللار ئوبرازىدا يەنە ئاياللار ئۆز يارىغا چەكسىز سادىق ھەم ئىنتايىن ئىشىنىدۇ. ئۆز ۋەدىسىگە  خىلاپلىق قىلىشنى ئۆلۈم  بىلەن  تەڭ كۆرىدۇ . ئۆز يارى ئۈچۈن قىلچىلىكمۇ تىك بارالايدۇ. ھەقىقەت ئۈچۈن ھەممىنى قايرىپ قويۇپ بىر ئىسيانكارغا ئايلىنالايدۇ.

          «غېرىب-سەنەم»داستانىدىكى سەنەمنى ئالساق، سەنەم فېيوداللىق ھۆكۈمران ئائىلىسىدە چوڭ بولىدۇ. ئۇ دەسلەپتە دادىسى ۋەدىسىگە  خىلاپلىق قىلغاندا دادىسىغا توختامنى كۆرسىتىدۇ، دادىسى يەنىلا ۋەدىسىگە  خىلاپلىق قىلىپ قەسىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىقتىن ئۆز دادىسىغا يەنە كېلىپ شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمرانغا يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ:  «شاھلارنىڭ ئۇلۇغلىقى قىلىچتا ئەمەس، مۇھەببەتلىك ئىنسانلارنىڭ قەدرىنى بىلىشتە! گۇناھسىزلارنىڭ قىساسى ئۆلمەيدۇ! ھامان بىر كۈنى ۋاپاسىز شاھلاردىن قىساس ئالماي قويمايدۇ!»دېيەلەيدىغان ھەقىقىي بىر ئىسيانكار ئايالغا ئايلىنىپ ئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن:  سەنەم غېرىبنى ئېلىپ ماڭغاندا:

    «سەنەم دەرلەر:  جاپا بىرلە جەۋرەم بار، 

    چىن ئاشىقمەن، تائابەدكە سەۋرەم بار.

    كېلەلمىسەك يول ئۈستىدە قەبرەم بار.

    غېرىب سېنى بىر ئاللاغا تاپشۇردۇم».

          يەنە «بوز يىگىت»داستانىدىكى بوز يىگىتنىڭ مەشۇقى ساھىبجامال دادىسىغا مۇنداق دەيدۇ:

    «پاڭ  بولۇپتۇ قۇلاقىم، 

    ئېيتقان سۆزۈڭ ئۇقماسمەن.

    دۇنيا خەلقىن كەلتۈرسەڭ، 

    ھېچبىرىگە باقماسمەن.

    ئەقلىم باشتىن كەتكەنكەن، 

    سىزدىن ئەقىل ئالماسمەن.

    بوز يىگىتىم بولمىسا، 

    ھېچكىم يۈزىن كۆرمەسمەن.

    ئەگەر يۈزنى كۆرمىسەم، 

    تىرىكلىكتە يۈرمەسمەن»

           دېمەك، مۇھەببەت داستانلىرىدىكى قىز-ئاياللار ئۆز يارىغا شۇ قەدەر سادىق، ۋاپاسىزلىقنى ئۆلۈم  بىلەن  تەڭ كۆرىدۇ. يارى ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقالايدۇ. باشقىلارغا بايۋەچچىلەرگە، ھوقۇق ئىگىلىرىگە نەزەر كۆزىنىمۇ سالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتى دۇرۇس، ئىرادىسى مۇستەھكەم، ئىجابىي ئاياللار ئوبرازىدىن ئىبارەت.


           3. گۈزەل تۇرمۇشقا  بولغان ئىنتىلىشى توغرىسىدا


          ئۇيغۇر مۇھەببەت داستانلىرىدىكى ئاياللارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ. گۈزەل ئىنتىلىشكە ئىگە. ھەممىسىلا گۈزەل، مۇھەببەتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن فېيودال قالاق كۈچلەر  بىلەن ، ئەركىن نىكاھنىڭ دۈشمەنلىرى  بىلەن  توختىماي كۈرەش قىلىدۇ. بۇلاردا يەنە بىر خىل كۈچلۈك قارشىلىق، ئىسيانكارلىق روھى بار.

    مەسىلەن:  «رابىئە-سەئىدىن»داستانىدىكى رابىئە ئۆز بېشىغا كەلگەن فېيودال ئاسارەتلەرگە پسىەنت قىلماي سەئىدىن  بىلەن   بولغان پاك مۇھەببىتىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ. بايلارنىڭ مۇھەببىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ. ئۆز ئەركىنلىكى ھەم مۇھەببىتى ئۈچۈن ئاخىرىغىچە قارشىلىشىدۇ. «پەرھاد- شېرىن»داستانىدىكى شېرىنمۇ ئۆز مۇھەببىتىنى، پەرھادنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدۇ، مۇھەببەتنى ئۇلۇغلايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا باشقىلارنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى، ھەسەت قىلىشى تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، باتۇر-قەيسەرلىك  بىلەن  كۈرەش قىلىپ ئەزىز جېنى ھەم ئىسسىق قېنى بەدىلىگە ئۆز قارشىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق تەڭسىز تۈزۈمگە، ئىنساننىڭ پاك مۇھەببىتىنى دەپسەندە قىلىشقا ئۇرۇنغان فېيوداللىق نىكاھ تۈزۈمىگە قارشىلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. «لەيلى-مەجنۇن» داستانىدىكى لەيلىمۇ دەل شۇنداق ئىسيانكارلىق روھىغا ئىگە ئوبرازدۇر. لەيلىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى ئىنتايىن ئېنىق  بولۇپ، مەجبۇرلانغان نىكاھىغا، ئۆز ئاتىسىغا قارشى چىقىدۇ. بۇ ئۇنىڭ دەسلەپكى قارشىلىقى  بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىن لەيلى  خىلمۇ- خىل ئەدەب-قائىدە، يوسۇن -مۇراسىم، فېيودال تەبىقە تۈزۈمىنىڭ ئارىلىشىشى ھەم ئائىلىسىنىڭ بېسىمى  بىلەن  قەيس (مەجنۇن)  بىلەن  مۇھەببەتلىشىشكە، ئەسلىدىمۇ ھەقلىق  بولغان ھوقۇقىنى قوغداشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىسيانكارلىق روھىنى ئۆز ئۆلۈمى  بىلەن  ئىپادىلەيدۇ. يەنە زۆھرە تاھىر ئۆلگەندە ئۆز ئاتىسىغا تىك بېقىپ تۇرۇپ:

    «تاھىرنىڭ ئاتاسى يوق،

    كېپەن كىيەي مەن سەنسىز، 

    بىلىدە پوتاسى يوق

    شەمۇ شەھەر كېتەي سەنسىز.

    يىغلىماڭلار يۇرت-ئاۋام،

    مېنى ئۆلتۈرگەن ئاتام، 

    ئالەمنىڭ ۋاپاسى يوق.

    كۆرگە كىرسۇن ئىمانسىز.»

            دەپ بۇ ئارقىلىق زالىم خان-پادىشاھلار، تەڭسىز تۈزۈملەر، ئەركسىز ھايات، پاك- مۇھەببەتنى بوغىدىغان فېيوداللىق نىكاھ تۈزۈمگە كۈچلۈك غەزەب-نەپرىتىنى ئىپادىلەپ، قارشىلىق روھىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە «شاھزادە نىزامىدىن  بىلەن  مەلىكە رەنا»دېگەن داستاندىمۇ شاھزادە نىزامىدىن ئۆلگەندە مەلىكە رەنا ئاتىسىغا قاراپ:

    «ئىشەنمەڭلار بۇ دۇنياغا، 

    بۇ دۇنيانىڭ ۋاپاسى يوق»

    دەيدۇ. بۇ ئەلۋەتتە شۇ تەڭسىز تۈزۈم، فېيوداللىق نىكاھقا  بولغان غەزەب-نەپرەتنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. 


    4. ۋەتەنپەرۋەرلىكى توغرىسىدا


              ئۇيغۇر كلاسسىك مۇھەببەت داستانلىرىدىكى يەنە بىر  خىل ئورتاق ئالاھىدىلىك بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز يارىغا ۋاپادار  بولۇش  بىلەن  بىرگە يەنە ئۆز خەلقىگە، يۇرتىغا  بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ئىنتايىن چوڭقۇر. ئۇلار ھەققانىيەتنى، ئادالەتنى ياقلاش يولىدا ئىنتايىن پىداكار ھەم مەردانە. ئۇلاردا ساپ ھەم چىن ئىنسانىي تۇيغۇ بار  بولۇپ شۇ ئالاھىدىلىكلىرى  بىلەن  بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. مەسىلەن:

           «پەرھاد-شېرىن»داستانىدىكى ئۆز ۋەتىنىگە ھەم خەلققە چەكسىز سادىق، مېھرىبان ئوبرازلارنىڭ بىرى دەل مېھنىبانۇ  بولۇپ، ئۇ شېرىننىڭ ئاچىسى، ئەرمەن مەملىكىتىنىڭ ھۆكۈمدارى. ئۇ بىلىملىك ھەم ئادالەتلىك پادىشاھ، ئۇ ئۆز مەملىكىتىنىڭ ئازادلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. كۆل، قانال ياساش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. سىڭلىسى شېرىننىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئوردىغا قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى توپلايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە شۇ مەملىكەت خەلقى، ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن ئىبارەت.

           يەنە «رابىئە-سەئىدىن»داستانىدىكى رابىئەمۇ گەرچە باي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن، مېھنەتخۇمار. بايۋەچچىلەرگە، ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسىغا كۆز قىرىنى سالمايدۇ. ئەكسىچە ھەققانىيەتچى، پىداكار ئاقكۆڭۈللىكىدىن سۆيۈنىدۇ. ئۇنىڭ مال-دۇنياسىنى ئەمەس ، پاك قەلبىنى چىن قەلبىدىن سۆيىدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا باي، غوجاملارنىڭ ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش، خېنىملارنىڭ ناچار خۇلقىغا يات ھالدا مېھنەتكەشلەرگە خاس ئىشچانلىق، كەمتەرلىك، مۇلايىملىق، ئىچكى-تاشقى گۈزەللىك، ئاقكۆڭۈللۈك، راستچىللىق قاتارلىق ئېسىل، گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلەر مۇجەسسەملىنىپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ھەم يارىغا  بولغان پىداكارلىقنى نامايان قىلغان.

          ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدىكى يەنە بىر ئورتاق ئالاھىدىلىك بۇ داستانلاردا تەسۋىرلەنگەن ئاياللارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى تەبىقىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئۇلارنىڭ سۆيگىنى ئۆزىدىن تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان. شۇ سەۋەبلىك ئۇلاردا تەبىقە كۆز قارىشىنى يەنە جاپاكەشلەرنى، نامراتلارنى پەس كۆرۈش، تۆۋەن كۆرۈش قاتارلىق ناچار خاھىشلار ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋجۇد ئەمەس.

         «لەيلى-مەجنۇن»داستانىدىكى مەجنۇن گەرچە بىر قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ ئوغلى بولسىمۇ، لېكىن، يەنىلا مەرتىۋە، بايلىق جەھەتتە لەيلىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن تۆۋەنرەك تۇرىدۇ. لېكىن، بۇنىڭلىقى  بىلەن  لەيلىنىڭ مەجنۇنغا  بولغان چىن مۇھەببىتى ھەرگىزمۇ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. «پەرھاد-شېرىن»داستانىدىكى پەرھاد گەرچە بىر پادىشاھنىڭ ئوغلى بولسىمۇ،  شېرىننىڭ مەملىكىتىگە گاداي سىياقىدا كېلىدۇ. لېكىن، شېرىن پەرھادنىڭ مال-دۇنياسىغا ئەمەس، بەلكى ئىشچانلىقىغا، ئاقكۆڭۈللۈكىگە، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئاشىق بولىدۇ. «رابىئە-سەئىدىن»داستانىدىكى رابىئە قىزمۇ نامرات يىگىت سەئىدىننىڭ ئەمگەكچىلەرگە خاس ئاقكۆڭۈللىكىدىن تەسىرلىنىدۇ. بۇلار ھەممىسى گەرچە باي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ مېھنەتخۇمار، بىلىملىك، جاپاكەش ئەمگەكچى خەلققە ئېچىنىدۇ، ھېسىداشلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پاك-مۇھەببىتىگە يول قويمايۋاتقان شۇ  خىل ئىجتىمائىي تۈزۈمگە نەپرەتلىنىدۇ. ئۆز مۇھەببىتىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ. مۇھەببەتنى قانداقتۇر تەبىقە كېلىپ چىقىشى ياكى مال-دۇنياسىغا قاراپ ئەمەس بەلكى سەمىمىي سادىق كۆڭلىگە  قاراپ تاللايدۇ ھەم مۇھەببىتى ئۈچۈن ھەتتا ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قۇربانلىقلارنى بېرەلەيدۇ.

            دېمەك، ئۇلار ھەممىسى گەرچە يۇقىرى تەبىقىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ شۇ تەڭسىز تۈزۈم شارائىتىدا مال-دۇنيا، ھوقۇققا ئالدانماستىن بەلكى ئۆز سۆيگۈنى، پاك-مۇھەببىتىنى ھەممىدىن جۈملىدىن تەبىقە، پۇل، مال-دۇنيا، مەرتىۋىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ ئۆز مۇھەببىتىنى شۇنداق ئۇلۇغلايدۇ.


    5. تراگېدىيەلىك گۈزەللىكى توغرىسىدا


           ئۇيغۇر مۇھەببەت داستانلىرىدىكى ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەقدىرى بىردەك ئېچىنىشلىق تۈردە ئاخىرلىشىدۇ ياكى تىراگېدىيە  بىلەن  خۇلاسىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئەركىنلىككە ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ ئەينى دەۋردىكى چەكلىمىلىكىنى ئىپادىلىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىسيانكارلىقنى، قارشىلىقنى ئىپادىلىگەن. بۇلارنى سەئىدىنگە ساداقەتمەنلىكنى ئىپادىلەپ ئۆلۈمى  بىلەن  ۋاپادارلىقىنى بىلدۈرگەن رابىئە ئوبرازى، پەرھادقا  بولغان پاك مۇھەببىتىنى قوغداپ خىسراۋ  بىلەن  ئېلىشىپ قازا قىلغان شېرىن ئوبرازى، تاھىرغا  بولغان ساپ قەلبى، چىن ئەقىدىسىنى ئۆزى  بىلەن  بىرگە ئېلىپ كەتكەن زۆھرە ئورازى... قاتارلىقلار ئارقىلىق كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سەۋەبى ئەينى دەۋردىكى فېيوداللىق نىكاھ تۈزۈمى، ئاياللارنىڭ ئەركسىزلىكىدىن ئىبارەت. بىر تەرەپتىن نەسەپۋازلىقنىڭ ياكى ھەرخىل ئىجتىمائىي تۈزۈم تۈپەيلى ئىكى ياشنىڭ ھەقلىق ھوقۇقى ئىتراپ قىلىنمايلا قالماستىن، ئاخىرىدا ئېچىنىشلىق ئۆلۈم پاجىئەسى كېلىپ چىقىدۇ.  مەسىلەن: «بوز يىگىت» داستانىدىكى ساھىبجامال بوز يىگىت ئۆلگەندە ئۆز دادىسىغا:

    «مىڭ زەيتۇننى كەلتۈرسەڭ، 

    بىرنى قوبۇل كۆرمەسمەن، 

    بوز يىگىتىم يوق بولدى، 

    قىزىڭ  بولۇپ يۈرمەسمەن»

    دەپ ئۆز ۋاپادارلىقىنى ئىپادىلەپ، بوز يىگىتنىڭ كەينىدىن ئۆز ئەركى ھەم مۇھەببىتى ئۈچۈن قۇربان بولىدۇ. يەنە زۆھرەمۇ تاھىر ئۆلگەندە تاھىرنىڭ قەبرىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

    «تاھىر ئاتلىق بارمۇ سەن؟ 

    تەختىڭدە ئامانمۇ سەن؟

    ھوجراڭغا مېھمان كەلدى، 

    ئىشىك ئىچىپ چىقارمۇ سەن؟»

    دەپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇربان بولۇشى پەقەت جىسمانىي جەھەتتىكى ھالاك  بولۇش  بولۇپ، ھەرگىزمۇ مەنىۋى جەھەتتىكى ھالاك  بولۇش ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق رەزىللىككە، فېيوداللىققا باتۇرلارچە جەڭ ئېلان قىلىپ، فېيوداللىققا، تەڭسىز تۈزۈمگە تەڭ كېلەلمەي ئەڭ ئاخىرىدا ھالاك بولىدۇ.

          مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز