خەلق تورى 31-ماي بېيجىڭ خەۋىرى. «1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومېتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، گۇۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ خۇنەن شياڭشى ۋۇلىڭ تاغلىق رايونىدا نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە، مەخسۇس شۇ جايدىكى يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بۇلۇپمۇ ئاتا-ئانىسى سىرتتا ئىشلەپ، ئۆزى ئۆيدە قالغان بالىلاردىن ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
25-ماي، گۇجاڭ ناھىيەسى موروڭ بازىرى ماۋپىڭ كەنتىدىكى ئوقۇتۇش نۇقتىسىنىڭ _ ماۋ پىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىگە ۋېن جياباۋ بالىلارغا يېڭى سومكا ئېلىپ كەلدى. ۋېن جياباۋ زوڭلى شاپتۇل چېچىگى رەڭلىك سومكىنى خىزمەتچىلەردىن ئېلىپ، سەككىز ياشلىق لوڭ يىڭجۈنگە بەرمەكچى بولغاندا، ئۇ ئالغىلى ئۇنىماي، «مەن دېگەن ئوغۇل بالا، بۇ رەڭلىكىنى ئالمايمەن» دەپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرىۋەتتى. زوڭلى«ئاپلا، مەن سېنىڭ ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىڭنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن!» دېگىنىچە دەرھال كۆك رەڭلىك سومكىغا ئالماشتۇرۇپ بەردى. بۇ خاراكتېرى كۈچلۈك «يىگىت» سومكىنى قولىغا ئېلىپ، ۋېن زۇڭلىغا سالام قىلدى.