تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تېلېفوندىكى مۇھەببەت

  تەقدىر ئاجايىپ سىرلىق نەرسە، بەزىدە ئۆزىنىڭ چاقچاقلىرى بىلەن سېنى ۋىلىقلاپ كۈلدۈرسە، بەزىدە يەنە ئازاپلىق قىسمەتلىرى بىلەن سېنى چوڭقۇر ھاڭغا باشلايدۇ. بەزىدە تۇرمۇشنى كىنودىنمۇ بەك ئاجايىپلىقلارغا تولغانمىكىن دەپ ئويلايمەن، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قېلىشىممۇ ئەنە شۇنداق سىرلىق ۋە قىزىقارلىق ئىدى.
  يامغۇر سىم-سىم يېغىۋاتاتتى، كىچىكىمدىن يامغۇر ياغسا بەك خۇشال بولۇپ كېتىمەن، ھەر قېتىم يامغۇر ياغسا ئاللاھتىن مۇشۇ يامغۇر بىلەن پۈتۈن جاھان پاكلانسا، پۈتۈن قەلبلەر پاكلانسا دەپ تىلەپ كېتىمەن.دېرىزە سىرتىغا قاراپ خىيال سۈرمەكتىمەن، يېقىندا خىزمىتىمدىن ئايرىلدىم، ئاتا-ئاناممۇ مېنى توي قىل دپ ئالدىرىتىۋاتىدۇ، لېكىن كۆڭلۈمگە يارىغىدەك بىرەرسىنى ئۇچراتمىدىم، خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى مېنى گاڭگىرىتىپ، ھالسىرىتىپ قويىۋاتاتتى، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان چاغلار نېمە دېگەن گۈزەل دەپ ئويلاپ قالىمەن، غەم-ئەندىشىسىز، تۇيۇقسىز ئۇنى ئەسلەپ قالدىم، ئۇ ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ ھە؟توي قىلدى دەپ ئاڭلىدىم، ھازىر قانداق ئۆتىۋاتقاندۇ، قولۇمنىڭ تېلېفون كۇنۇپكىسىنى قانداقلارچە باسقىنىنى ئۇقمايمەن، ئۇنىڭ تېلېفونى ئۇلاندى.
-ياخشىمۇ؟دىلبەر
-خاتا ئۇرىۋاپسىز، مەن دىلبەر ئەمەس، تېلېفوندىن ناھايىتى يېقىملىق ئاۋاز چىقتى.
-بۇ دىلبەرنىڭ نومۇرى ئەمەسمۇ؟
-كىمنى ئىزدىگىنىڭىزنى بىلمەيمەن، لېكىن مەن دىلبەر ئەمەس.ئۇنىڭ ئاۋازى ھەقىقەتەن يېقىملىق ئىدى.
-ئەمىسە سىز كىمۇ؟ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئارتۇقچە سوئال سورىغىنىمنى بىلمەيمەن، بەلكىم ئۇنىڭ ئاۋازىنى بىردەم ئۇزاق ئاڭلىۋالغىم كەلسە كېرەك.
-ھە؟ھاھا، سىز نېمانداق قىزىق ئادەم، مېنى سوراپ نېمە ئىش قىلىسىز؟
-كەچۈرۈڭ، شۇھان ئېسىمنى تاپتىم دە ئەخمىقانە ئىشتىن بىرنى قىلغانلىقىمدىن ئەپسۇسلاندىم.
-ياقەي، ھېچقىسى يوق.ئۇ ناھايىتى يېقىملىق قىز ئىدى.
  تېلېفوننى قويىۋەتتىم، نومۇرغا قارىسام دىلبەرنىڭ نومۇرى، ئۇ بۇ نومۇرنى ئىشلەتمەپتىدە دەپ ئويلىدىم، لېكىن بۇ قىز كىمدۇ، ئۆزەمگىمۇ ھەيران، ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم، راستىمنى ئېيتسام ئۇنى چۈشىنىپ باققىم، قانداق قىزكىن بىلىپ باققىم كەلدى.
  كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئۇنىڭ تېلېفونىغا ئۇچۇر يازدىم:
"ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، مېنى ناچار بالا دەپ ئويلاپ قالماڭ، سىزنى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرنى يازغىنىم يوق، پەقەت سىز بىلەن تونۇشقۇم بار، راستىمنى ئېيتسام ئاۋازىڭىز بەك يېقىملىق ئىكەن، سىز بىلەن دوست بولۇپ قالسام بولامدۇ؟يېزىپ بولۇپ ئۆزۈمنىڭ ئۇچۇرى ئۆزۈمگە شۇنداق تېتىقسىز تۇيۇلۇپ كەتتىدە قايتىدىن تەھرىرلىدىم.
  "ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، مەن ئەكبەر، سىز بىلەن تونۇشۇپ قالغىم بار، خالىسىز1نى قايتۇرۇڭ، تېلېفون قايتۇرىمەن. خالىمىسىڭىز2نى قايتۇرۇڭ، بۇندىن كېيىن ھەرگىز ئۇچۇر يازمايمەن.
-1
شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتىم، ئاللاھ ئۇنى ئۇچرىتىشنى ماڭا نېسىپ قىلىپتۇ دەپ ئاللاھقا شۈكۈرلەرنى ئېيتتىم دەپ ئۇنىڭ نومۇرىنى باستىم...
-ياخشىمۇ، مەن ئەكبەر
-ئۇچۇردا دېدىڭىزغۇ
-ھە، شۇشۇ، سىزنىڭچۇ؟ئىسمىڭىز نېمە؟
-ئىسمىم ئاينۇر
-ھە، خاتا چۈشەنمەڭ، شۇ سىزنىڭ ئاۋازىڭىز يېقىملىق تۇيۇلۇپ تېلېفون قىلغان، مېنى ناچار بالىمىكىن دەپ قالماڭ، مەن ئۈچتە ياخشى بالا
-ھاھا(ئۇنىڭ كۈلىشىمۇ شۇنداق يېقىملىق ئىدى)قايسى ئۈچ تەرەپتە ياخشى؟
-ئىچمەيمەن، چەكمەيمەن، ناماز ئوقۇيمەن
-ھە، ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويدى، ئەمىسە راست ياخشىكەنسىز
-ئەمىسە سىزگە تېلېفون قىلىپ تۇرسام بولامدۇ؟
-ئىختىيارىڭىز
-ماقۇل ئەمىسە، سىزگە كېيىن تېلېفون قىلاي، بالدۇر ئارام ئېلىڭ
  ئۇنىڭ جاۋابى گەرچە تولۇق ماقۇللۇق بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر ھالدا رەت قىلىش ئەمەس ئىدى.
بۈگۈن بىر كۈنۈم ئىش ئىزدەش بىلەن ئۆتتى، نۇرغۇن يەرگە بارغان بولساممۇ، بەزىلىرىنىڭ مائاشىنىڭ تۆۋەنلىكى، بەزىلىرىنىڭ يىراقلىقى تۈپەيلىدىن يالتىيىپ قالدىم، كۈڭلۈم شۇنداق يېرىم، كەچلىك تامىقىمنى يەپ بولۇپ، ئۇدۇللا ئۆيگە قايتتىم دە ئۇنىڭ نومۇرىنى يەنە باستىم...
-ياخشىمۇ، ئاينۇر؟
-ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟
-ياخشى، خۇداغا شۈكرى، سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويمىغاندىمەن؟
-ياقەي،ئۇ دائىم قىسقىلا جاۋاب قايتۇراتتى.
-يېقىندا خىزمىتىمدىن ئىستېپا بەرگەن، ياخشى خىزمەت تاپالماي يۈرىمەن، سىزچۇ نەدە ئىشلەيسىز؟
-كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ئۈمىدۋار بولسىڭىزلا خىزمەت چوقۇم تېپىلىدۇ، مەن ئوقۇغۇچى(ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى)
-قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسىز؟
-شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا، بۇ يىل مەكتەپ پۈتتۈرىمەن.
-ھە، ياخشى قىز، مېنى داۋالاپ قويمامسىز؟
ئۇ تېلېفوننى قويىۋەتتى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمىدىم، سەل ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويدۇممۇ قانداق، ئۇ گېپىمنى خاتا چۈشىنىپ قالغان ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇردۇم.
-"خاپا بولماڭ، مەن ئۇ گەپنى سىزگە باشقا مەقسەتتە دېمىدىم، خاتا چۈشەنمەڭ"ئۇ بىرلا ئېغىز جاۋاپ قايتۇردى، لېكىن ئۇنىڭ جاۋابى بىلەن بىر چېلەك سۇنى بېشىمدىن قۇيىۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم.
- مەن ياخشى قىز ئەمەس، مەن ئەيدىز

ئۇنىڭ بۇ گېپىگە نېمە دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمىدىم، شۇنداق يېقىملىق بۇ ئاۋازنىڭ ئىگىسى ئەجىبا ئاشۇ مۇدھىش كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بىر شاللاق قىزمىدۇ؟ۋە ياكى ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانمىدۇ؟ۋەياكى مەندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شۇنداق دەپ قويغانمىدۇ؟ياق، مەن ئۇنىڭدىن مەن بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز دېسەم «ھەئە»دەپ جاۋاپ بەرگەن.كاللامدا نۇرغۇنلىغان سوئاللار، قەلبىم تېخى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىگەچكە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشنى ئويلىدىم.
-مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالامسىز؟قىسقىلا قىلىپ ئۇچۇر يازدىم.
-نېمە؟مېنى ئەيدىز دەپ ئىچ ئاغرىتىپ كۆرۈشەي دەمسىز؟ياكى نېمە تەسىرلىك ھېكايىسى باركىن ئاڭلاي دەمسىز؟ۋە ياكى سىزمۇ ئەيدىز بولغاچ مۇھەببەتلىشەي دەمسىز؟
-ياقەي، ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى، گەرچە سىزمۇ ئەيدىز بولغاچقا دېگەن گېپىگە ئاچچىغىم كەلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ گەپلەرنى ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە قىيداپ دەۋاتقانلىقىنى مانە مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.
-كۆرۈشەمسىز؟مېنىڭ پەقەت سىز بىلەن دوست بولۇپ قالغۇم بار؟
-ياق، كۆرۈشمەيمەن
-ئەمىسە سىزگە ئۇچۇر يازسام، تېلېفون قىلسام بولامدۇ؟
-ئىختىيارىڭىز، يەنىلا شۇ جاۋاب
بۈگۈن ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدىكى بىر شىركەتتىن مال يۆتكەش خىزمىتىنى تاپتىم، كۈنلىرىم شۇنداق ئالدىراش، كۈندۈزدە ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازغۇدەك ۋاقىت چىقمىدى، ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ، ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.توۋۋا، بۇرۇن ئىشتىن قايتسام ئاغىنىلىرىم بىلەن ئۇ-بۇ كۇلۇبقا باراتتىم، بىليارت ئوينايتىم، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان كۆڭلۈم ئۇنى تارتىپ، ئۆيگە قايتقۇم، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقىملا كېلەتتى.تېلېفوننى يەنە قولۇمغا ئالدىم.
-ئاينۇر؟نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
-دەرس تەكرارلاۋاتىمەن.ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ھەيران قالدىم، ئەگەر ئەيدىز بولسا نېمە ئۈچۈن يەنە ئوقۇيدىغاندۇ؟بەرىبىر ئارقىسى چىقمايدىغان كەلگۈسى ئۈچۈن جاپا تارتىپ نېمە قىلىدىغاندۇ؟
-ھە، بىردەم پاراڭلىشايلىچۇ؟
-مەيلى، نېمە توغۇرلۇق پاراڭلىشىمىز؟
-ئۆزىمىز توغۇرلۇق.
-ئەمىسە سەن ئاۋۋال سۆزلەڭ.
-مەن شۇ ئاددىي بىر بالا، تەققى-تۇرقۇممۇ ئاددىي، ئوقۇش تارىخىممۇ ئاددىي، خىزمىتىممۇ ھەم بەك ئاددىي
-ئۇنداق دېمەڭ، بەزىلەر ئاددىي ياشاشنى ئويلىسىمۇ ئۇنداق تەلەي نېسىپ بولمايدىكەن، مانە مەندەك
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىقىم بارا-بارا ئېشىپ بېرىۋاتاتتى.
-سىزدىن نېمە ئۈچۈن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟
-ھامان سورايتىڭىز، لېكىن مېنىڭ ئۇ قاباھەتلىك چۈشنى قايتا ئەسلىگىم يوق.
-ماقۇل، كەچۈرۈڭ،ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىك قىلغىنىنى جەزىملەشتۈردۈم.كۆڭلۈم بىر خىل ئازادە بولۇپ قالدى، بەلكىم ئۇنىڭ ھەرھالدا ئۆزى خالاپ زىنا قىلىپ بۇ كېسەلنى يۇقتۇرۋالمىغىنىدىن خۇش بولسام كېرەك....
-ئەتە پاراڭلىشايلى بولامدۇ؟
-ماقۇل.ئۇنىڭ پىكىرىنى نېمە ئۈچۈن بۇنچە ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، ئۇنىڭ ماڭا ئۆچ بولۇپ قېلىپ گەپ قىلماسلىقىدىن شۇنچە ئەنسىرەيتىم.
  بۈگۈن، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىنىمنىڭ4-كۈنى، توۋۋا، دۇنيادا ئاجايىپ ئىشلار بولىدىكەن دېسە؟!4كۈن ئىچىدىلا ئۇنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرمەي تۇرۇپ، ئەڭ مۇھىمۇ ئۇنىڭ ئەيدىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ كۆڭلۈم ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا باغلىنىپ قېلىۋاتاتتى.مۇھەببەت دېسە ئىشەنمەيتىم، لېكىن ئاجايىپ بىر نازۇك ھېس مېنى قاماللاپ، ئۇنى ئۆزۈمگە ئەسرا قىلىۋالدى.بىر كۈن ئىچىدە ئەڭ كۆڭۈللۈك تۇيۇلىدىغىنى خىزمەتتىن تېزرەك قايتىپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش ئىدى. مانە بۈگۈنمۇ ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازدىم.
-ئاينۇر، ئالدىراشمۇ؟
-ياقەي، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
-ياخشى، سىزگە بىر گەپ قىلاي دېگەن، تونۇشقىنىمىزغا بىر ھەپتە بولاي دېدى،7-كۈنى كۆرۈشسەك بولامدۇ؟
-مەن سىزگە دېگەنغۇ، كۆرۈشمەيمەن دەپ
-لېكىن مېنىڭ كۆرۈشكۈم بار
-نېمە ئۈچۈن؟
-سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، بۇ گەپنىڭ قانداقلارچە ئاغزىمدىن چىكەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قالدىم.
10مىنۇتقىچە ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلمىدى، قەلبىم ئىزتىراپ ئىچىدە ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ تۇردۇم، ئالدىراقسانلىق قىلغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى نەچچە رەت تىللىۋەتتىم.
-ماڭا چاقچاق قىلىۋاتامسىز؟لېكىن مەن سىزگە چاقچاق قىلمىدىم، مەن ئەيدىز بىلەمسىز؟خەقلەر يىرگىنىدىغان، بىلسە ۋابادىن قاچقاندەك قاچىدىغان ئادەم، مەن سىزنىڭ ھېسداشلىقىڭىزغا مۇھتاج ئەمەس، مۇشۇنداق تىنچلا ياشاپ ئۆلۈپ كەتسەم دەيمەن، مېنى ئەمدى ئاۋارە قىلماڭ.
-مەن باشقىسىنى بىلمەيمەن، سىزگە ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنىلا بىلىمەن، سەۋەبىنى سورىماڭ، ئۆزۈم بىلگەن بولسام بۇنچە ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلمىغان بولاتتىم،ئەگەر سىز كۆرۈشۈشنى خالىمىسىز مەيلى، سىزنى زورلىمايمەن.
گەرچە ئۇچۇرنى بۇنداق يازغان بىلەن، ئۇنىڭ مەيلى ئەمىسە كۆرۈشەيلى دېيىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتىم، لېكىن ئۇ ئىككىلا خەت ئەۋەتىپتۇ:
-مېنى كەچۈرۈڭ
شۇنىڭدىن كېيىن ساق 3 كۈن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جاۋاپ كەلمىدى، كۈندە نېمە تۇتۇپ، نېمە قويغىنىمنى، نېمە يىگىنىمنىمۇ ئەسلىيەلمەيمەن، خىيالىم جايىدا بولمىغاچقا، باشلىقتىن نەچچە رەت تىل ئاڭلىۋالدىم، بۇنىڭغۇ كارايىتى چاغلىق، لېكىن راستىنى ئېيتقاندا ئۆزۈمنىڭ بىر كۆرۈپ باقمىغان قىز ئۈچۈن بۇنداق سەۋدايى بولۇپ قالغىنىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران ئىدىم، باشقىلارنىڭ زاڭلىق قىلىشىنى نومۇس بىلىپ ھېچكىمگە تىنمىدىم.4-كۈنى ئاخىرى ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى، ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ لاتارېيە بېلىتى چىققاندەك خۇشال بولۇپ كەتتىم.
-نەدە كۆرۈشىمىز؟ئۇچۇر قىسقا، ئاددىي، لېكىن ماڭا ئالەمچە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى.

ئېسىمنى بىلىپ بۇنداق خۇشال بولۇپ باققىنىمنى بىلمەيمەن، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان كاستۇمىمنى كىيدىم، ساقال-بۇرۇتلىرىمنى ئالدىم، چاچلىرىمنى ساتىراشخانىغا كىرىپ ياساتتىم، قىسقىسى تويۇم بولدىغاندەك تەييارلىق قىلدىم.ئۇنى ھەرخىل تەسەۋۋۇر قىلدىم، چېچى ئۇزۇنمىدۇ، قىسقىمىدۇ؟بويى ئېگىزمىدۇ، پاكارمىدۇ؟ئورۇقمىدۇ، سېمىزمىدۇ؟بۇ قىلىقلىرىمنى ئويلىساملا كۈلگۈم كېلىدۇ، ئۇنىڭغا كۆرىشىدىغان يەرنى يوللىۋېتىپ، تەييارلىقىمنى قىلىپ يولغا چىقتىم.
  بۈگۈن، ھاۋا ئىنتايىن يېقىملىق بولۇپ، سەلكىن شامال ئادەمگە باشقىچە ھۇزۇر بېغىشلايتى، پارلاپ چىققان قۇياشقا قاراپ، بۇ ھاياتنىڭ تولىمۇ گۈزەل، ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىدىن مەمنۇن بولدۇم. كۆڭلۈممۇ ھاۋاغا بېقىپ ئازادە، خۇشال ئىدى.ئۇنى ھەرخىل تەسەۋۋۇر قىلىپ دېگەندەك بىردەمدىلا كۆرۈشۈشكە پۈتۈشكەن باغچىغا يېتىپ كەلدىم.ئۇ كەلمىگەنىدى. باغچىدىكى بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، قولۇمغا تېلېفوننى ئالدىم.
-تېخى كەلمىدىڭىزمۇ؟
-ئارقىڭىزغا قاراڭ.
ئارقامغا شۇنداق قارىغاننى بىلىمەن، كۆز ئالدىمدا ئۇزۇن، تۈز چاچلىرىنى قويۇپ بەرگەن، ئاددىيغىنە، ئەمما يارىشىملىق ھال رەڭ كۆينەك كىيىۋالغان، شۇنچىلىك خۇشخۇي، زىلۋا بىر قىز ماڭا قاراپ تۇراتتى.ھەرقانداق بىر ئەر كىشى كۆرسە بىغۇبار، يېقىملىقلىقىدىن ئىختىيارسىز ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قارايدىغان بۇ قىزنى ئەيدىز دېسە ھېچكىم ئىشەنمەيتى. ئۇنىڭ شۇ ھالىتىگە قاراپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم.
-مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلمامسىز
-ياق، ھە، ياقەي، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇڭ، سۆزۈممۇ قولاشمايۋاتاتتى.
-ساقلىتىپ قويمىغاندىمەن؟
-ياقەي، مەنمۇ ھېلىلا كېلىپ تۇراتتىم.
-ھە
ئادەتتە شۇنداق سۆزمەن بالا ئىدىم، لېكىن بۈگۈن نېمە بولدىمكىنتاڭ، نېمە دېيىشىمنى تاپالماي، سۆزلىرىم قولاشماي ئۆزۈمگە ئوخشىمايلا قالدىم.
-قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟
-ياقەي، تاماق يەۋالغان.
-ھە، ئاينۇر، ئاخىرى مەن بىلەن كۆرۈشتىڭىز ھە!ئارىمىزدىكى بۇرۇختۇملۇقنى تۈگىتىشكە تىرىشتىم.
ئۇ مىيىغىدا كۈلۈپ قويدى، ئۇنىڭ كۈلگەندە پەيدا بولغان شۇ بىر جۈپ زىنىقىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش شۇنداق يېقىملىق ئىدى.
-سىزنىڭ ئاۋازىڭىز بەك يېقىملىق بىلەمسىز؟
ئۇ يەردىن بېشىنى كۆتۈرمەيتى، توۋۋا، دەيمەن، ئۇنىڭ بۇرۇن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم، كۆڭلۈمدىكى ئۇ سوئال بارغانسېرى بىر سىر بولۇپ قالدى، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ قويغان شۇ كىشىنى ئىچىمدە مىڭنى تىللاپ قارغىۋەتتىم.بىز بىردەم باغچا ئايلاندۇق، ھەرخىل تېمىدا شۇنداق ئوچۇق-يورۇق پاراڭلاشتۇق، بىللە كىنو كۆردۇق، قېرىشقاندەك، بىز كۆرگەن كىنودىكى  ئايال باش رولچىمۇ ئېغىر كېسەلكەن، ئۇ ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئاينۇرمۇ تەڭ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىدى، ئەتراپتىكى باشقىلار بىزگە قاراپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يىغىسىنى قانداق توختىتىشنى بىلمىدىم، كۆڭلۈمدە بوپتۇ يىغلىۋالسۇن، پۈتۈن ئازاپلىرىنى تۆكۈۋالسۇن دەپ ئويلىدىم.كىنودىن چىقىپمۇ يېرىم سائەتقىچە گەپ قىلىشماي ماڭدۇق، مەن ئۇنى مەكتىپىگە ئەكىرىپ قويدۇم دە كەينىمگە ياندىم.كەچ سائەت توققۇزلاردا ئۇنىڭدىن تېلېفون كەلدى.
-بۈگۈن كىنوخانىدا تولا يىغلاپ سىزنى خىجىل قىلىپ قويمىغاندىمەن ھە!
-ياقەي، ئۇنداق دېمەڭ، كۆڭلىڭىز بوشاپ قالغان بولسىلا بولدى.
-نېمە ئۈچۈن سوئالىڭىزنى سورىمايمىز؟
-بىلگۈم يوق، قەلبىمدە مەڭگۈ مۇشۇنداق بىغۇبار قېلىڭ.
-مېنى قانداق ئويلىدىڭىز ئەكبەر، ئىشەنسىڭىز، مەن ئۆز قەدىر-قىممىتىم ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلىشتىنمۇ ۋاز كەچمەيدىغان قىز، قەدىر-قىممىتىمنى ئەرلەرنىڭ تېنى بىلەن دەپسەندە قىلىدىغان شاللاقلاردىن ئەمەس.
-بولدى بىلىمەن، سۆزلىمەڭ.
-ئەكبەر، مەن سىزگە ماس كەلمەيمەن، قانداقلا بولمىسۇن مەن بىر كېسەل قىز.
-بولدى، بۇلارنى دېيىشمەيلى بولامدۇ، ئاينۇر؟بالدۇر ئارام ئېلىڭ. ئۇ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيتى، بەزىدە يىغلايتى، ئۇنىڭغا قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلمىدىم. قاچانلاردا تېلېفوننى قويغىنىمنى بىلمەيمەن، ھەرخىل گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە ئۇخلاپ قاپتىمەن.
تېلېفون ئارقىلىق يەنەئىككى ئايدەك ئالاقە قىلدۇق، قىشمۇ كىردى، ئۈرۈمچىنىڭ قىشى ئاجايىپ سوغۇق، شامىلى جاندىن ئۆتكىدەك ئىدى.بۇ ئىككى ئاي جەريانىدا ئۇنى خېلى چۈشىنىپ قالدىم.

ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىلىملىك قىز ئىدى، ھەر قېتىم پاراڭلاشقىنىمىزدا ئۇ ئەڭ يېڭى يېڭىلىقلارنى، قىزىقارلىق ئىشلارنى، ئاجايىپ - غارايىپلار توغرىسىدا قىزىق پاراڭلارنى قىلىپ بېرەتتى، ئۇنى مۇشۇنداق تەربىيىلىك، بىلىملىك، پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيىلىگەن شۇ ئاتا-ئانىسىنى بەزىدە قانداق ئادەمدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم، راستىمنى ئېتيسام مەن ئۇنىڭ ئەيدىز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپلا قالدىم، باشقىلار ئەيدىز كىشىلەردىن قاچسا، مەن ئۇنىڭغا يېقىنلىششقا تىرىشاتتىم.مەن بىر ئوغۇل بالا بىر قىز بالىنى سۆيسە ئۇنىڭ قىز بالا ئىكەنلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس ئۇنىڭ گۈزەللىكى، ئەخلاقى، بىلىمى، ۋۇجۇدى، غورۇرىنىمۇ تەڭ سۆيىدۇ ،شۇنىڭدەك بىر ئوغۇل بالا بىر قىز بالىنى دەپسەندە قىلسا ئۇنىڭ تېنىنىلا ئەمەس، گۈزەللىكى، ئەخلاقى، بىلىمى، ۋۇجۇدى، غورۇرىنى تەڭ قوشۇپ دەپسەندە قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.شۇڭا مەن ئۇنى شۇنچىلىك قەدىرلەپ،  قوغداپ، ئاشۇ باشقىلاردىن ئازار يېگەن قەلبىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئايايتىم، مەندىن بولسىمۇ مۇھەببەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشاتتىم.بەزىدە ئۇنى ماڭا ئاللاھنىڭ ئەۋەتكەن پەرىشتىسىمىكىن دەپ ئويلايمەن، گەرچە بۇ پەرىشتىدە ئازراق نۇقسان بولسىمۇ، بۇ ئۇنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ ئالدىدا ھېچ نېمىگە تەڭ ئەمەس ئىدى.بەزىدە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن پەرىشتىمىكىن دەپ ئويلايمەن، ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا رىيازەت چەككەنلىكىنى ئويلاپ مېنى قوغداشقا ئەۋەتكەن بولسا.راستىمنى ئېيتسام ئۇ قەلبىمنى شۇنداق رام قىلىۋالدىكىن، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن باشلاپ باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگەردىم.ئاغىنىلىرىممۇ بۇرۇنقىدەك سورۇنغا بارمايدىغانلىقىمدىن ئەجەبلىنىپ بىرەرسى بىلەن يۈرىۋالدىڭمۇ دەپ سورىغان بولسىمۇ ئۇلارغا كۈلۈپ قويۇپ جاۋاپ بەرمەيتىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ مېنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى، مېنى ئۇنى سۆيۈشتىن توسۇيدىغانلىقىنى بىلەتتىم.ھازىر ئۇنىڭغا بولغان ھېسياتىمنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايتى.باغچىدىن كۆرۈشكەندىن كېيىن يەنە بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشتۇق، بىللە تاماق يېدۇق، بىللە سەيلە قىلدۇق، ئىككىلىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتىمىز كۈچىيىپ بېرىشقا باشلىدى، لېكىن ئۇنىڭ بەزىدە مەندىن يەنىلا ئۆزىنى قاچۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىنى شۇ ئەنسىز كۆزلىرىدىن ھېس قىلاتتىم.مەن بۇنداق كېتىۋەرسەك بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئاخىرى ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشنى ئويلىدىم، ۋە ئۇنى يەكشەنبە كۈنى قار تېيىلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدىم.
  مانا يەكشەنبىمۇ يېتىپ كەلدى،قار تېيىلىش كىيىملىرىنى كېيىپ، بىر تال ئەتىرگۈلنى چاپىنىم ئىچىگە يوشۇرۇپ ئۇنىڭ مەكتىپى ئالدىغا كەلدىم.ئۇ بۈگۈنمۇ بەك ئوماق ياسىنىۋالغانىدى. مەن ئۇنىڭغا ئىللىق كۈلۈمسىرىدىم دە بىللى ئاپتوبۇسقا چىقىپ قار تېيىلىش مەيدانىغا ماڭدۇق.دېرىزىگە قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى، شۇنداق ئىللىپ قالدىم، تېنىممۇ، ۋۇجۇدۇممۇ ھەم.ئۇنىڭ بىلەن بىللە ناخشا ئاڭلاپ بىردەمدىلا يېتىپ كەپتۇق.قار تېيىلىش ئاياغلىرىمىزنى كېيىپ، قار تېيىلىشقا باشلىدۇق.مەن ھەر نېمە دېگەن بىلەن قار تېيىلىشقا ئۇستا ئىدىم، ئۇنىڭغا ئېرىنمەي ئۆگەتتىم، ئۇ بەك ئەقىللىق بولغاچقا بىردەمدىلا ئۆگىنىۋالدى.شۇنداق خۇشال-خۇرام ئوينىدۇق.يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ھېرىپ قېلىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق. مەن پەيتنىڭ كەلگەنلىكىنى تۇيۇپ، قوينۇمدىكى ئەتىرگۈلنى چىقاردىم دە :
-ئاينۇر، مېنىڭ قىز دوستۇم بولۇڭ دېدىم.
ئۇ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى، مەن ئۇنى تارتىنىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئۇنىڭ مۈرىسىنى تارتىپ ئۆزۈمگە قاراتتىم.ئۇ مېنى شۇنداق قوپال ئىتتىرىۋەتتى.
-ماڭا چېقىلما، نېرى تۇر.ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ تۈگىلىۋالدى.ئەتراپىمىزدىكىلەر ماڭا بىرخىل ئەجەبلىنەرلىك نەزەردە قارايتى، كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى، ئۆزۈمنىڭ يېنىكلىك قىلىپ قويغانلىقىدىن پۇشايمان قىلدىم، لېكىن ئۇنى ھەر ھالدا مېنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلىغاچقا بۇنداق ھاياجانلىنىدىغىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەنتىم.ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدىم، ئۇ بىردەمدىن كېيىن ئېسىگە كەلدى دە يېنىمدا قايتىدىن ئولتۇردى.
-مېنى كەچۈرۈڭ
-ياقاي، ئۇنداق دېمەڭ، ماڭا بۇنداق ئۆچ ئىكەنلكىڭىزنى بىلمەپتىمەن.
-ياق،سىزگە ئۆچ ئەمەس.
-ئەمىسە، نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىسىز؟
-سىزگە ھەممىنى سۆزلەپ بېرەي، بىر تامچە ياش ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرىدىن سىرغىپ چۈشتى، بۇ ياش مېنىڭ قەلبىمنىمۇ تىترىتىۋەتتى، جىم ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالدىم.
-مەن ئاتا-ئانامنىڭ بىر تالل

ئەسلى مەنبەسى: ئۆزۈم يازغان
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز