تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۈندىدار بازىرىدىكى قىلتاق

  ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن ھەلىمە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپلا ئوقۇشتىن توختاپ قالدى ھەم كۈنلىرى بىكارچىلىقتا ئۆتتى. ئۇ كۈنبۇيى يانفون ئويناپ، ئۈندىداردا «بازار» ئېچىشنىمۇ ئۆگىنىۋالدى ھە بۇ تېخنىكىسىنى ئەمدى ئادەم ئالداشنىڭ يولى قىلىپ تاللىدى.

ھەلىمە 10-ئىيۇن «زاۋۇتتىن بىۋاسىتە تارقىتىلىدىغان توپ مال بازىرى» دېگەن نام بىلەن ئۈندىداردىلا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا، دوستلىرىغا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى دوستلار چەمبىرىكىگە تارقىتىپ قويۇشقا سەپەرۋەر قىلدى. بىر ئادەم ئىككىگە، ئىككى ئادەم تۆتكە ... دېگەندەك ھەلىمەنىڭ «توپ مال بازىرى» ھەققىدىكى ئۇچۇر ئۈندىداردا تېز تارقىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلارمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى.

 مالنى قەيەردىن تارقىتىپ بېرىسىز؟ دەپ گەپ قالدۇردى بىر كۈنى ئەكبەر ئىسىملىك خېرىدار ئۇنىڭغا.

 گۇاڭجۇدىن تارقىتىمەن، مال زاۋۇتتىن بىۋاسىتە تارقىتىلغاچقا، ئوتتۇرىدىكى ھالقىلارغا قوشۇلىدىغان ھەق زور دەرىجىدە ئازلايدۇ، بىۋاستىلا خېرىدارلارنىڭ قولىغا يەتكۈزەلەيسىزدە، ئوتتۇرىدىكى ھالقىلاردىكى پايدىنى ئالىسىز.

ئەكبەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەسلەپكى قەدەمدە 1400 يۈەنلىك مال زاكاز قىلىپ، پۇلنى ھەلىمەنىڭ بانكا كارتىسىغا سېلىپ بەردى.

ھەلىمە 12-ئىيۇن ئوخشاش ئۇسۇلدا پەرىزاتتىن 1000 يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالدى. بۇ نەچچە كۈن ئىچىدە ئۇنىڭدىن مال زاكاز قىلىدىغانلار كۆپەيدى. 14-ئىيۇنغىچە 11 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل كارتىسىغا كىردى، كېيىن مال زاكاز قىلغانلار مالنى تاپشۇرۇۋالالمىغاندىن كېيىن ئالدانغانلىقىنى بىلىپ ج خ ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلىشتى. ھەلىمە 9-ئىيۇل ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، 10-ئىيۇل جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلدى، 14-ئاۋغۇست قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى.

ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 3-دېكابىر ئۇنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە شەخسلەرنىڭ 11 مىڭ 650 يۈەنىنى ئۈندىدار ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ قاراپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك يەتتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 5000 يۈەن شىتراپ قويدى.

بۇ قارىماققا ئادەتتىكى بىر دېلو بولسىمۇ، 16 ياشلىق بىر قىزنىڭ قىسقىنە ۋاقىت ئىچىدە شۇنچە كۆپ پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىشى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. زامانىۋى تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تىز بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ياشلارنىڭ بۇنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ قورالى قىلىۋېلىشىدىن ھەزەر ئەيلىشىمىز، ئۈندىدار ئارقىلىق مال سېتىۋالغاندا، يەڭگىللىك بىلەن قارشى تەرەپكە پۇل ئەۋەتىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك، بۇ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئىبرەت بولۇپ قالغۇسى.

 

«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز