تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
شائىر، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مۇھەممەدتوختى ئەھمەد ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى

شائىر، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مۇھەممەدتوختى ئەھمەد ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى

 



تۆمۈر قادىرى

( خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاساس مائارىپ بۆلۈمىدىن )

 



     قاشتېشى دىيارى خوتەندە بارلىقىنى ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، 50 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئېلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالىغان ئەدىبلىرىمىز ساناقلىقلا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى تالانتلىق شائىر، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ژۇرنالىست مۇھەممەدتوختى ئەھمەدتۇر.

      مۇھەممەدتوختى ئەھمەد 1947-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى چىرا ناھىيە بازىرىدا تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، 1955-يىلىغىچە ئائىلە تەربىيەسىدە بولغان. 1956-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە باشلانغۇچ دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كىيىن، يېڭىچە پەننىي مائارىپ تەبىيەسىگە يۈزلىنىپ، 1958-يىلىدىن 1962-يىلى 7-ئايغىچە چىرا ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1962-يىلى 9-ئايدىن 1968-يىلىغىچە چىرا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» بولۇۋاتقانلىقتىن، ئەينى ۋاقىتتىكى زىيالىي ياشلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتنىڭ روھى بويىچە 1978-يىلى 2-ئايغىچە چىرا ناھىيە «شەرق قىزاردى» خەلق كوممۇناسى (ھازىرقى چىرا بازىرى) نىڭ دۆڭئېرىق ۋە ئاياغ كۆكمەت كەنتلىرىدە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن چېنىققان. دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان تۈزۈمى قايتىدىن ئەسلىگە كېلىش بىلەن تەڭ ئىمتىھاندىن يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ، 1978 -يىلى 3-ئايدىن 1983-يىلى2-ئايغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، باكالاۋرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، 1983-يىلى 3-ئايدىن 1984-يىلى 9-ئايغىچە قاراماي شەھەرلىك خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ ئشلىگەن. 1984-يىلى1-ئايدىن 1985-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىگى كاتىبات 1-باشقارمىسىدا كاتىپ بولغان. 1985-يىلى 11- ئايدىن 2004- يىلى 3-ئاينىڭ 30- كۈنىگە قەدەر خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى پارتكوم- مەمۇرىيىتىدە كاتىپ، مەكتەپ گېزىت- ژۇرنال تەھرىراتىدا مۇھەررىر، تەھرىرات باشلىقى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان، ھازىر دەم ئېلىشتا.

      مۇھەممەدتوختى ئەھمەدنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىدىلا باشلانغان بولۇپ، «خوتەن گېزىتى» نىڭ 1964-يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى سانىدا «ۋەتىنىم» ناملىق شېئىرى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك گېزىت- ژۇرناللاردا 2000 پارچىدىن ئارتۇق نەزمىي ۋە نەسرىي ئەسىرى، كۆپلىگەن ئەدەبىي، ئىلمىي، نەزەرىيەۋى تەتقىقات ماقالىلىرى،  پۇبلىستىك ۋە بىيوگىرافىك ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەمدە ئاخبارات ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1992- يىلى «جانان بىلەن ئېيتقان ناخشىلار» (شېئىرلار توپلىمى)، 1999- يىلى «تارىم ساھىلىدا» (ئەدەبىي، ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى) ناملىق توپلاملىرى نەشىر قىلىنغاندىن باشقا، يەنە ھەرقايسى نەشىرىياتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ۋەتەنگە مەدھىيە» (شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1979- يىل)، «ئۈمىد چېچەكلىرى» ( مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1981-يىل)، «بۇلبۇل ناۋاسى» ( مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1983- يىل)، «گۈزەل ئارزۇلار» (قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تۈزگەن، 1984- يىل)، «توي چاچقۇسى» (شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1985- يىل)، «گۈلدەستە» (قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تۈزگەن، 1982- يىل)، «ئارزۇ بوستانى» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1989- يىل)، «سەھەردىكى ناخشا» (شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1990-يىل)، «مۇھەببەت لىرىكىلىرى» (شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1991-يىل)، «ۋىسال شادلىقى» (شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1991-يىل )، «توي ناخشىسى» (شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1991- يىل)، «قامچا» ( مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1993- يىل)، «خوتەن يولىدا پايانداز» (خوتەن ۋىلايەتلىك قاتناش باشقارمىسى تۈزگەن، 1993-يىل)، «خوتەندە راۋان يوللار» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1995- يىل)، «مۇقام تۆھپىكارلىرى»(شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1995-يىل)، «ئاھ، نۇرلۇق ئابىدىلەر» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1996-يىل)، «ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» (خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى تۈزگەن، 1998-يىل)، «تاللانغان رۇبائىيلار» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1999-يىل)، «شانلىق قىرىق يىل» (قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تۈزگەن، 2002-يىل)، «خويمۇ ئۇز خوتەن» (شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت نەشىرىياتى، 2010- يىل)، «يۇرۇڭقاش شادلىقى» (شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت نەشىرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن-سىن نەشىرىياتى، 2011- يىل) قاتارلىق توپلاملارغا ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى «يازغۇچى» نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1990- يىلى نەشىر قىلىنغان «تەڭرىتاغ سادالىرى» ناملىق توپلامغا بىر تۈركۈم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

     مۇھەممەدتوختى ئەھمەد ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان دەسلەپكى يىلىدىن باشلاپ، مەيلى ئوقۇش ھاياتىدا بولسۇن، مەيلى يېزا تۇرمۇشىدا چېنىقىش چاغلىرىدا بولسۇن، مەيلى خىزمەت يىللىرىدا بولسۇن ۋە ياكى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنكى مەزگىللىرىدە بولسۇن قەلەمنى تاشلىماي، ئىزچىل تۈردە بەدىئىي ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. شۇڭا، ئۇنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئىجادىيەتكە كىرىشكەنلىكىنىڭ 40 يىللىقىنى مۇبارەكلەش يۈزىسىدىن 2004- يىلى 8-ئاينىڭ 26- كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن تون يېپىپ، ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بارلىق يازغۇچى- شائىرلار، بىر قىسىم رەھبەرلەر ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئەدىبلەر قاتناشقان مۇھاكىمە يىغىنى سورۇنىدا مۇبارەكلىدى، بۇ ھالدىن تەسىرلەنگەن شائىر نەق مەيداندا:

تون ئەمەس بۇ كىيگىنىم، ئەلنىڭ- ئاۋامنىڭ ھۆرمىتى،

ئوتقا ئوت قوشتى شۇ دەم مۈشكۈل ئىجادنىڭ شۆھرىتى.

دەلمۇ- دەل قىرىق يىل ئەدىبلىك كويىدا تۆككەن تېرىم،

ئەيلىدى تەقدىم ماڭا ئىقبال، ئەزىزلىك نۇسرىتى.

ئىختىرا قىلغانلىرىم ئازغانمۇ يا سەبدە، دېسەم،

گۈل! دېدى خەلقىم، شۇئان ئىچتىم ئەمىنلىك شەربىتى.

ئۇشبۇدەم كۆككە تاقاشقاندەك بېشىم، قەلبىمدە نۇر،

يېڭى بىر مەنزىلگە دەۋەت ئەيلىدى ئەل رىغبىتى.

ئەل- ئاۋام كۈتكەن ئۈمىدكە ئەھمىدى ئاق يۈز تۇتار،

خورىماس ئاداققى دەمگە بۇ قەلەمنىڭ قۇربىتى.

دەپ يازغىنىدەك، تېخىمۇ شىجائەتلىنىپ، ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن ئىجادىيەت يولىدا تىرىشىپ، تېخىمۇ مول ھەم تەملىك مېۋە بېرىپ كەلدى.

     50 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، تۆككەن ساپ تەرلىرى بىكار كەتمىدى، ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئادىل باھالارنى بەردى، بىر قىسىم ئىجادىيەتلىرى ھەر دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا نائىل بولدى: 1985- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭنى سۆيىمەن» تېمىسىدىكى ناخشا قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە ئۇنىڭ «خەزىنە ئاچقۇچى قولدا» ناملىق ناخشا تېكىستى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن 3- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، 1993-يىلى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە «پايانداز» تېمىسىدا قوبۇل قىلىنغان ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا «ئاھ يوللار» ناملىق چاتما شېئىرى خوتەن ۋىلايەتلىك قاتناش باشقارمىسى، مەدەنىيەت باشقارمىسى، «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، 1994- يىلى مەملىكەتلىك 5- قېتىملىق ناخشا قوبۇل قىلىش مۇسابىقە پائالىيىتىدە «يىپەكچى قىزغا» ناملىق ناخشا تېكىستى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە خوتەن مەمۇرىي مەھكىمە تەرىپىدىن 3- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، 1995- يىلى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە «يول ئىشقى- دىل ئىشقى» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە «يولۇچىلار ھەققىدە غەزەللەر» ناملىق چاتما غەزىلى خوتەن ۋىلايەتلىك قاتناش باشقارمىسى ۋە «خوتەن گېزىتى» ئىدارىسى تەرىپىدىن 3- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا؛ خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 1998-، 1999-، 2000- يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە «ئۇخلىمايدۇ كۆڭۈل قۇياشى» ناملىق شېئىرى 3- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا؛ 2002- يىلى مەملىكەتلىك 13- قېتىملىق مۇكاپاتلىق ناخشا- مۇزىكا ئىجادىيىتى مۇسابىقىسىدە «گۈليارەي» ناملىق ناخشا تېكىستى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە خوتەن مەمۇرىي مەھكىمە تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، 2002- يىلى «شىپاھى ماكان قەسىدىسى» ناملىق چاتما شېئىرى خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن 2- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، 2008- يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە «خوتەن گېزىتى» ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاپتور 1- دەرىجىلىك «مۇنەۋۋەر ئىختىيارىي مۇخبىر» مۇكاپاتىغا، 2009 – ۋە 2010- يىلى ئايرىم- ئايرىم ھالدا يۇقىرىقى ئورۇنلار تەرىپىدىن 1-ۋە 2- دەرىجىلىك «مۇنەۋۋەر ئىختىيارىي مۇخبىر» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

     مۇھەممەدتوختى ئەھمەدنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە شېئىرىيەت ئاساسىي ئورۇندا بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى تىلىنىڭ ساددا ھەم يېقىملىق، شېئىرىي ھېسسىياتىنىڭ قۇيۇق، ۋەزنى يەڭگىل ھەم ئاھاڭدار، شەكلى خىلمۇ- خىل، مەزمۇنى چوڭقۇر ھەم راۋان بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن گەۋدىلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسىدە مىللىي شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئارۇز ھەم بارماق ۋەزىنلىرى بويىچە شېئىرىيەتنىڭ ھەر قايسى تۈر- ژانىرلىرىدا ئوخشاشلا قەلەم تەۋرىتىپ كەلدى. بولۇپمۇ ئۇ مىللىي شېئىرىيىتىمىزنىڭ كىلاسسىك شەكىللىرىدىن بولغان، ئەمما نۆۋەتتە ئېتىبارسىز قارىلىش سەۋەبىدىن ئىستېمالدىن قېلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان مۇتەسسە، مۇۋەششەھ، مۇستەھزاد، مۇرەببە، مۇسەللەس قاتارلىق بىر قىسىم شەكىللىرى ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپ قەلەم تەۋرىتىپ، شېئىرىيەتنىڭ ھەر قايسى تۈر- ژانىرلىرىنى يېڭى دەۋر بەدىئىي ئىجادىيەت مۇساپىسىدە گەۋدىلەندۈرۈش ۋە ئۇنى يېڭى يۈزلىنىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، شېئىرىيەت مۇنبىرىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، ئاسراش، ئاشۇ خىل شەكىللەردىمۇ ئوي- پىكىرنى راۋان گەۋدىلەندۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىش يولىدا تىرىشىپ، مەزمۇن تېرەنلىكىنىڭ شەكىل بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى ۋە راۋاجلىنىشىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ھەسسە قوشۇپ كەلدى. ئومۇمەن، ئۇنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللار بىلەن گەۋدىلەندى.

     مۇھەممەدتوختى ئەھمەد بەدىئىي ئىجادىيەت بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپ، سەمەرىلىك نۇرغۇن تەتقىقات ماقالىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە ۋە ھۆرمىتىگە نائىل بولۇپ كېلىۋاتقان ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى، شۇنداقلا بەدىئىي ئىجادىيەت تەتقىقاتىغا ئائىت يېڭى پىكىر، يېڭى قاراشقا ئىگە ماقالىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ۋە پايدىلىنىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.

      ئۇ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى.


    مەنبە:  «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 2-سانى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز