ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئادەم ئاچچىقلانغان چاغدا، ئىچىنىڭ ئاچچىق يەلگە توشۇپ كېتىدىغىنى يالغان گەپ ئەمەس، شۇڭا ئادەم ئاچچىقلانغاندا بۇ يەللەر «كارامەت» كۆرسىتىپ، نېرىپلارنى قالايمىقان قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئاچچىق كەلگەندە، چوقۇم ئۆزىگە ئۆزى « بىر سېكۇنت تۇرۇۋالاي» دەپ كەيپىياتىنى تەڭشىۋالغان ياخشى. ناۋادا بېسىۋالالمىسا ئۇنداقتا ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ كۈچەپ نەپەس ئېلىش كېرەك، ئاندىن ئېغىزىنى ھىم يۇمۇپ، بۇرۇن بىلەن نەپەس ئالسا چوقۇم پايدىسى بولىدۇ.
بەزى ياشلار بىنانىڭ پەلەمپىيىدىن چىققاندا، بىرنەچچە قەۋەت ئۆرلىمەيلا نەپىسى يېتىشمىگەندەك ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ كېتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ نەپەس ئېلىش تېخنىكىسىنى چۈشەنمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ئەڭ ياخشىسى بىناغا چىققاندا ئېغىزىنى يۇمۇۋالمىغان تۈزۈك، ئېغىزىنى ئازراق ئېچىپ بۇرۇن بىلەن تەڭ نەپەس ئالسا، بىناغا چىققاندا ئاسان ھېرىپ قالمايدۇ.