1. باش بەت ئورۇنلاشتۇرۇشى
ئاندىرويىد ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ مۇنداق بىر ئادىتى بار، ئىچى پۇشقاندا تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ باش بەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۆزگەرتىپ باقىدۇ ياكى ئوخشىمىغان شەكىلدە لايىھەلەپ باقىدۇ. لېكىن، iPhone دا باشقا كۆپ تاللاش يوق بولۇپ، ھەربىر بەتتىكى يوغان-يوغان سىنبەلگىلەرنى ئۇيان-بۇيانغا سۈرۈپ ئوينىغاندىن باشقا تۈزۈك بىر «مەززىسى» يوق.
2. ئەپ قىسقۇچ
باش بەت ئىقتىدارىدىن ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن، كۆپلىگەن ئاندىرويىد ئىشلەتكۈچىلىرى ئەپ قىسقۇچنى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىدۇ. ئەگەر iPhone دا ئەپ قىسقۇچنى ئىشلەتمىگەندە ئېكران سىنبەلگىلەر بىلەن توشۇپ كېتىدۇ، ھەتتا ئادەتتە كۆپ ئىشلەتمەيدىغان ئەپلەرمۇ بارماقلىرىڭىزغا پۇتلىشىپ يۈرىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن بىر قالايمىقانچىلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، iPhone دىكى نۇرغۇن سۈكۈتتىكى ئەپلەرنى ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولمايدۇ.
3. مۇزىكا ھۆججىتى قوشۇش
نورمال ئەھۋالدا، iPhone تېلېفونغا مۇزىكا ھۆججىتى قوشۇش ئۈچۈن iTunes ياكى باشقا ئۈچىنچى تەرەپ ياردەمچىلەرنى ئىشلىتىش كېرەك. بۇ كۆپلىگەن ئاندىرويىد ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ ئىچىنى سىقىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى، بولۇپمۇ، بىر توپ MP3 مۇزىكىلارنى iPhone غا كۆچۈرۈش ناھايىتى قولايسىز.
4. يان تېلېفون قوڭغۇرىقىنى ئىختىيارى بەلگىلەش
iPhone نىڭ قوڭغۇرىقىنى ئىختىيارى بەلگىلىگىلى بولىدۇ، لېكىن، كومپيۇتېردىكى بىر مۇزىكا ھۆججىتىنى iPhone غا قوڭغۇراق قىلىپ تاللىماقچى بولساق، يۇقىرىدا ئېيتىلغان قەدەم باسقۇچلارنى قىلغاندىن سىرت، يەنە مۇزىكىنىڭ ھۆججەت شەكلىنى AAC غا ئۆزگەرتىپ ئاندىن يەنە iPhone غا قەدەمداش قىلىش كېرەك. بۇ مۇرەككەپ قەدەم باسقۇچلارغا ئاندىرويىد ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ھەقىقەتەن چىداپ بولمىقى تەس. ئەمەلىيەتتە، iPhone ئىشلەتكۈچىلىرىمۇ بۇ ئىشلارنى قىلىشتىن ئېرىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن iPhone ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ تېلېفون قوڭغۇرىقى دائىم بىرلا خىل، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان باشقا مۇزىكىلارنى تەڭشىۋالغانلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
5. ھۆججەت سىستېمىسى
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، iOS سىستېمىسى يېپىق كودلۇق سىستېما، مەيلى ھۆججەت يوللاش ياكى باشقۇرۇش جەھەتتە بولسۇن، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىگە بولغان ئەركىنلىكى ناھايىتى ئاز. بۇنىڭ ھەم ئارتۇقچىلىقى ھەم كەمچىلىكى بار. ئاندىرويىد سۇپىسىدا بولسا، ئىشلەتكۈچىلەر ئاۋۋال ھۆججەت باشقۇرغۇچىنى ئېچىپ، مەلۇم بىر ھۆججەتنى تاللىغاندىن كېيىن، كۆپ خىل ئېچىش شەكلىنى تاللىيالايدۇ، ياكى باشقا ئەپكە بىۋاسىتە يوللىيالايدۇ. لېكىن iOS سىستېمىسىدا بۇنداق ئەمەس، ئىشلەتكۈچىلەر بەلگىلەنگەن ئەپنى تاللاپ ئاندىن ھۆججەت يوللىيالايدۇ.