بالىلار ئۈچۈن نالىلەر بولمىسا...
ئېلزات ئىلھام
ئىلاۋە:
بىر مىللەتنىڭ سەنئىتى، ئەدەبىياتى شۇ مىللەتنىڭ يىغىسىغا ئىرادە ۋە سەبىر، تۇرمۇشىغا مېھىر - مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك، ئىدىيەسىگە ساغلاملىق ۋە ئىلغارلىق، يولىغا نۇر بېغىشلىيالمىسا ئۇنداق ئەدەبىيات بىلەن سەنئەتنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئەمەس، شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئالدىدا قانچىلىك قىممىتى بولىدۇ دەيسىز؟! بۇنداق دېيىشىمدە مۇنداق بىر تار دائىرىلىك ئاساسىم بار. يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە ئىگە - چاقىسىز ياكى قىسمەت كوچىلىرىدا ۋاقىتلىق تېڭىرقىغان بالىلارغا ياكى ئاتا - ئانىسى ئايرىلغان بالىلارغا كۆيۈنگەندەك تەسىر بېرىشنى ئىستىگەن مەزمۇندىكى ناخشا تېكىستلىرى، ئاھاڭلىرى ماڭا ئۇلارغا كۆيۈنگەندەك ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ھاياتقا بولغان ئاكتىپچانلىقىنى ئاقسىتىۋاتقاندەك، ئىرادىسىنى ئېرىتىۋاتقاندەك، خۇددى «سەن بەك بىچارە! چارىسىز قالدىڭ، ساڭا بەك ئىچىم ئاغرىدى» دېگەندەك بىلىنىدۇ. ئىچ ئاغرىتىشنىڭ ھەقىقىي قۇدرىتى ھايات نۇرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ لاۋۇلدىتىش ئۈچۈن بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە كۆيۈنىشىمىز يىغلاۋاتقان ئادەمنى يىغىدىن توختىتىش ئەمەس، ئۇنىڭ يىغىسىنى ئۇلغايتىپ، ئۇنىڭغا بولغان كۆيۈنۈشنى ئۇنىڭدىن ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇپ يىغلاش بىلەن؛ ئەسلىدىمۇ تەسەللى ۋە رىغبەتگە تەشنا بولغان قەلبنى تېخىمۇ ئاچچىق ھېسلارغا چۆمدۈرۈش بىلەن ئىپادىلەنمەكتە. ئەدەبىيات - سەنئىتىمىز ئۇلارنىڭ يۈرىكىدە بار بولغان قارا داغنى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلامدۇ؟ بىز نېمىشقا ئىشنىڭ پاسسىپ تەرىپىنى ئويلايمىز؟
دۇنياۋى داڭلىق سەنئەتكار ياننى (YANNI) 2009- يىلى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا - مۇزىكا كېچىلىكىدىكى بىر ناخشىغا ئالاھىدە چۈشەنچە بېرىپ: «تۆۋەندىكى ناخشىنى مېنىڭ گىتارچىم سېرېد راماس يازغان، ناخشىنىڭ ئىسمى ‹نويابىرنىڭ ئاسمىنى›. ناخشىدىكى باش قەھرىمان بولغان بالىلار ھەر كۈن ئاخشىمى كوچا - كويلاردا ئۇخلايدىغان ئۆي - ماكانسىز بالىلار. بۇ بالىلار چۈشىدە ئۆزلىرى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئۆيلەرنى ۋە ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئانىسىنى كۆرىدۇ. ناخشا دەل شۇ بالىلارغا بېغىشلانغان، ياقتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» دەيدۇ. ناخشىنى ۋېنېزۇئېلانىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئەندېر توماس ئورۇنلايدۇ. ناۋادا سىز بۇ ناخشىنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن مەزمۇنىدىن بىخەۋەر بولسىڭىز، مېنىڭچە بۇ ناخشىنىڭ شۇ بالىلارغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئەندېر توماسمۇ بۇ ناخشىنى شۇنچىلىك جۇشقۇن كەيپىياتتا زوق، شوخ بىلەن ئېيتىدۇكى، گەرچە ناخشا ئۆي - ماكانسىز، يېتىم بالىلارغا بېغىشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ناخشىنىڭ سېھرىي كۈچى بىلەن كىشى قەلبى ئۈمىدكە تولىدۇ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تاشىدۇ. ناخشىدىكى «تاشلا ئازابلىرىڭنى، سەن گەرچە ئازابلىنىۋاتقان بولساڭمۇ، لېكىن قەدىر - قىممىتىڭ تېخى سۇنغىنى يوق. ئىشەنگىن، نويابىرنىڭ ئاسمىنىدا پەرىشتە ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ... » دېگەندەك تېكىستلەر دەل بۇنىڭ مىسالى.
گەرچە بىزنى «ناخشا - ئۇسسۇل مىللىتى» دېيىشنى پەقەتلا ياقتۇرمىساممۇ، ئەمما ئۆزۈم سەنئەتكە قىزىقىمەن. چۈنكى سەنئەت ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل. سەنئەتنىڭ نەزىرىمدىكى ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ مەن ئۈچۈن ھاياتىمنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلغۇچى، بېيىتقۇچى ئەڭ مۇھىم ئەنگۈشتەرلەرنىڭ بىرى. سەنئەت، تارايتىپ ئېيتقاندا ئاھاڭدارلىققا ئىگە سەنئەت ئىنساننى گاھ كۈلدۈرسە، گاھ يىغلىتىدۇ؛ گاھ گۈزەل مۇھەببەت گۈلزارىدا سەيلە قىلدۇرسا، گاھ ئازاب چۆلىدە يېگانە تاشلايدۇ؛ گاھ ئىرادە بىلەن دادىل قەدەمگە ئىگە قىلسا، گاھ سېھىرلەنگەن كەبى مىلودىيىلىرىنىڭ تەسىرىدە مۇڭ بىلەن قەدەم ئېلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. مانا بۇ سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچى! شۇنداق سېھرىي كۈچكە ئىگە بولغان سەنئەت ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى كۆرسىتىپ، تارىختىن بۇيان ئۆچمەس مەنىۋى بايلىقىمىزغا ئايلاندى. ئەمما بۇ بايلىقنى نېمە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش؟ بولۇپمۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قانداق خىزمەت قىلدۇرۇش نۇرغۇن سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىيەت پىلانلىرىدا ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا نۇرغۇنلىرىنىڭ ئېڭىدا تېخى ئېنىق ئەمەسكەن. ئاھاڭ بىلەن يىغلىتىش، تېكىست بىلەن دىلنى ئازابلاش خاھىشلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ناخشا ساھەسىدە خۇددى توختام سۇدىكى پاقا لېشىدەك لەيلەپ يۈرمەكتە. ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇنداق ئازابقا تولغان، پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان سەنئەتلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ پەرزەنتلەرگە باغلانغان تېمىدىكى سەنئەت پەقەتلا گۈزەللىككە، مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان بولۇشى؛ يېتەكلەش، ئالغا ئىنتىلدۈرۈش، ئەقلىنى ئېچىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن ئۆزۈمچە. قايسىدۇر بىرلىرىنىڭ بالىلارغا ئاتالغان ناخشىسى نالىلەرگە تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەلب يارىسىنى ساقايتماقتا يوق، بۇ ناخشىنىڭ ئۇنىڭ ھايات يولىنى تېخىمۇ خۈنۈكلەشتۈرۈش، ئىرادىسىنى سۇندۇرۇشتىن بۆلەك رولى يوقتەك قىلاتتى. مېنىڭچە بۇ خىل ناتوغرا يېتەكلەش ئۇسۇلى، ناتوغرا خەيرخاھلىق ھازىرقى ياشلاردا تېخىمۇ كۆرۈلمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ھازىر ياش سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ پەرزەنتلەرگە ئاتالغان ئىجادىي ئەسەرلىرىگە پايدىلىق ماتېرىياللارمۇ كۆپ، ئۇچۇر - ئالاقە ۋاسىتىلىرىمۇ كۆپ.
زادى بالىلارغىلا ئەمەس، سۆيگۈ مۇھەببەت تېمىسىدىكى ۋە ئاتا - ئانىغا ئاتالغان تېمىلاردىكى ناخشىلارنىڭمۇ تولىسى ناھايىتى تىراگېدىيەلىك (ئەلۋەتتە يېقىشلىق چىققان ئەسەرلەرمۇ ئاز ئەمەس). شۇنداق ئاددىيغىنە كۆزىتىشىمچە، قىسمەن ئانىلىرىمىزمۇ بالا تەربىيەسى داۋامىدا بالىسى بىرەر پېشكەللىككە ئۇچرىسا ياكى بىرەر باش ئاغرىقىغا دۇچ كەلسە بالىلىرىنى «بىچارە بالام» دەپ ئۆزىنىڭ ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىكەن. ئانىلارنىڭ باغرىنىڭ يۇمشاقلىقى بالىلىرىغا توختىماي ئىچ ئاغرىتىش، ئىچ ئاغرىتىش بولغاندىمۇ بالىلىرىغا ناتوغرا كۆيۈنۈش، چارىسىزلىك پاتقىقىغا باشلاش بىلەن ئىپادىلەنگەنىكەن. شۇنداق چارىسىزلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان پەرزەنتلەردە ئاتا - ئانىغا تايىنىش، قورقۇنچاقلىق، مۇستەقىل پىكىرلىك بولماسلىق، گېزى كەلگەندە ئاتا - ئانىسىدىن نازارى بولۇش خاھىشلىرى كۆرۈلمەسمۇ؟!
شۇڭىمۇ مەن شائىر مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ «ئاتىلار» ناملىق شېئىرىنىڭ «مەن يىقىلسام ئانام يىغلىدى، ئاتام سىلكىپ مىندۈردى ئاتقا. جاپالاردا راسا تاۋلىدى، خار قىلماي دەپ ياۋلارغا، ياتقا» دېگەن قۇرلىرىنى تولىمۇ سۆيۈپ، سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئوقۇيمەن. شۇنداق بىر يىقىلغان چېغىمىزدا ئانىمىزدىن رازى، ئاتىمىزدىن نارازى بولىمىز - يۇ، ئەمما بىر كۈنلەردە ئاتىمىزنىڭ تولىمۇ مۇنەۋۋەر ئاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.
مەيلى ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت تەربىيەلىرىدە بولسۇن پەرزەنتلىرىمىزگە باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، ھادىسىلەرگە غەيرەت - شىجائەت، ئۈمىدۋارلىق بىلەن يۈزلىنەلەيدىغان روھى ھالەت، ساغلام پىسخىكا ئاتا قىلىشنى بىر تۈرلۈك تولىمۇ مۇھىم بۇرچىمىز، دەپ قارىشىمىز كېرەك. ھېچكىم كۆڭۈلسىزلىكنى ۋە ھاياتىمىزدىكى تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ، ھېچقانداق ئەر - ئايال ئاجرىشىشنى، پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە تۇرالماسلىقنى خالىمايدۇ، ئەمما بەزى رېئاللىقتىن بىر قىسىم ئائىلىلەر قېچىپ قۇتۇلالماي قالىدىغان ئەھۋاللار ھە دېگەندە بولۇپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئايرىلغانلىكى ئائىلىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ئايرىلىشىدا چوقۇم بىر سەلبىي سەۋەبنىڭ بولۇشى ناتايىن. ئەسلىدىمۇ ئىككى خىل تەربىيەدە چوڭ بولغان ئىككى كىشىنىڭ بىر ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرۈشى نىسبەتەن مۆجىزىلىك ئىش. ھېچقايسى بىر ئەلدە بىر ئائىلىنىڭ پارچىلىنىشى قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىيلىقتا مۇتلەقلىق بولمىغاچقا، ھەممە ئائىلىنىڭمۇ ئىجىل - ئىناق، مەڭگۈ بىللە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. زىددىيەت ئىنسانلار ئارىسىدىن مەڭگۈ يوقىمايدۇ. دېمەك، بۇ يەردە ھېچكىم خالىمايدىغان رېئاللىققا شۇ مۇناسىۋەت چەمبىرىكىدىكى ھەر كىم يۈزلىنىشكە مەجبۇر. قانداق يۈزلىنىش كېرەك، ئۆزىنى قانداق تېپىش كېرەك؟ ھاياتنى يەنە سۆيۈپ ياشاش ھوقۇقى بارمۇ يوق؟ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللار ئۇلارنىڭ ئالدىغا قەدەمدە تاشلىنىپ، پۇتلىشىپ تۇرغان بولىدۇ....شۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇلارغا مەدەت ۋە ئىلھام بولىدىغىنى، رېئاللىققا ئاكتىپ پوزىتسىيەدە يۈزلىنىپ، ھاياتىنى قەدىرلەشنىڭ يەنىلا ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ھەرقايسى كەسىپتىكىلەرنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى.
شۇڭا ھازىرقى دەۋرىمىزدە سەنئەتخۇمار (ئېتىراپ قىلغۇم يوق ئاساستا سەنئەتخۇمارلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىمەن) خەلقىمىزنىڭ كۆڭلى خۇش بولىدىغان، تەسەللى تاپىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى سەنئەت بولغانلىقى ئۈچۈن، سەنئەتنىڭ تەشۋىقات كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەمما ماقالىنىڭ بېشىدا دېيىلگىنىدەك، سەنئەت بىزنى خۇش قىلسۇنكى، بىزگە ھەرگىز ۋەھىمە پەيدا قىلمىسۇن. قايسى كۈنى بىر تاماقخانىدا بىر چىرايلىق غىزالىنىپ تۇراتتۇق، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ «جان دادام»دېگەن ناخشىسى چىقىپ قالدى. ئارىمىزدىكى دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بىرەيلەننىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، خېلىغىچە ئېسىنى يىغالمىدى. بىزمۇ خوجايىنغا: «بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق ناخشىلىرىڭ يوقمۇ؟» دەپ چاقچاق ئارىلاش تەگكۈزۈۋالدۇق. خېلى يىللار ئىلگىرى بىرىنىڭ «ئاھ ئانا!» دەپ ۋارقىراپ، يىغلاپ، چاپچىپ تەرلەپ ناخشا ئېيتىۋاتقىنىنى دىسكىدا كۆرۈپ، بەك ئىچىم ئاغرىغان ئىدى. مەن ئۇنى بۇ ئازابلىق ۋارقىرىشىدا بىتاپ بولۇپ يېتىپ قالارمۇ؟ دەپمۇ ئويلىغان. چۈنكى ئۇ ناخشا ئېيتقاندا بەك كۈچەپ ناخشىغا بېرىلىپ كەتكەچكە، بويۇن تومۇرلىرى تاسما پۇرچاقتەك چىقىپ كەتكەن ئىدى. كېيىن ئاڭلىسام بۇ «ۋاپادار» ئوغۇل ئەمەلىيەتتە پەقەتلا ۋاپادار ئەمەسكەن. ئومۇمەن بىزدە باشقىلارنى يىغلىتىش ئارقىلىق تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىش تاس - تاس قېلىۋاتىدۇ ئومۇملىشىۋاتقىلى. زادى يىغلىتىش كېرەك بولسا مۇنۇ تېكىستلەرگە قاراڭ: «ئەسلە بالىلىقىڭنى، گۆدەكلىك بەڭۋاشلىقىڭنى، شېرىن، تاتلىق يارالغان، سەبىي گۆدەكلىكىڭنى.
قايتالمايمەن بالىلىقىمغا، شۇنچىلىك پاك سەبىي چېغىمغا،
كەلمەس بولۇپ قالدى مەڭگۈگە، ئەسلىمە بوپ يۈرەك بېغىمدا.
بالىلىقتا چىۋىقمۇ تۇلپار، بالىلىقتا سۈپۈرگە دۇتار،
كۆرگەن كىشى زوقلىنار بىزگە، شەكسىز كۈلكە بولاتتىغۇ يار»
مانا بۇنىڭدەك شېرىن تۇيغۇلارغا چۆمدۈرسىڭىز، ئاڭلىغۇچىمۇ شېرىن ئەسلىمە ئىچىدە بالىلىقىنى، بالىلىقىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان بارلىق ئاچچىق ۋە شېرىن ھېسلىرىنى ۋەھىمىسىز ئەسلەپ، ئىسسىق ياشلىرىنى تۆكۈپ بېرىشى مۇمكىن.
ئىنساننىڭ قەلبى تولىمۇ نازۇك، بالىلارنىڭ قەلبى تېخىمۇ شۇنداق. ھەممىمىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىمىز بولغاندەك، ئۇلارمۇ چوڭ بولۇش جەريانىدا تۈرلۈك سىناقلارغا، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا ھەممە ئاتا - ئانىنىڭ مېھرىنى بېرىش ئۇسۇلى، تەربىيە شەكلى ئوخشىمايدۇ. بەزى ئاتا - ئانىلارنىڭ تەربىيەسى، يېتەكلىشى، ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى بەلگىلىشى ناتوغرا بولغاچقا، ئاتا - ئانىلار ۋە بالىلار تەبىئىيلا جەمئىيەتنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج بولىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، جەمئىيەتتە ئۇلار خاپىلىققا تولغان كەيپىياتتىن يىراق بولۇشنى خالايدۇ. بىر ئائىلىدە تۇرۇپمۇ كۆڭۈلسىز كەيپىياتتا ياشاپ، پەرزەنتىگە ئوڭلاپ تۆت ئېغىز سىڭىشلىق تەربىيە بېرەلمەيدىغانلار بار؛ يالغۇز ئاتا ياكى يالغۇز ئانا تۇرۇپمۇ پەرزەنتنى ياخشى تەربىيەلەپ، پەرزەنتتە ۋە ئۆزىدە ئاكتىپ روھىي ھالەت يېتىلدۈرگەنلەر بار. شۇڭا تەڭپۇڭسىز جەمئىيەتتە سەنئەت ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى ژانىرلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. سەنئەت تارىخىمىزنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، ئىنسانىيەتنىڭ سەنئەت دۇنياسىغا خېلى تەسىر كۆرسەتكۈدەك سەنئەت دۇردانىلىرىمىز بار. ئەمما ھازىرغىچە تاشلىماي، «خەلق سەنئىتى» دەپ، كىشى نومۇس قىلغۇدەك تېكىستلەر ئىشلىتىلگەن بىر ناخشىنى ياشقا چوڭراق بىر كىشىنىڭ سەھنىدە ئۇياقتىن - بۇياققا دۇمىلاپ ئېيتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ بەك نومۇس قىلغان ئىدىم. تارىختا ئۆتكەنلىكى كىشىنىڭ قالغان نەرسىلىرى «ئالتۇن» ئەمەس. بىزدىمۇ تاشلايدىغان نۇرغۇن «ئەخلەت» نەرسىلەر بار. لېكىن تارىختا شۇنداق سەنئەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن كىشىدىكى سەۋىيە، ئاڭ، كۆرگەن - بىلگەن شۇنچىلىك بولغاچقا ئارتۇق ئەيىبلەشنىڭ ھاجىتى يوق.
ھازىرقى دەۋردىكى سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرى مەيلى قايسى مەزمۇندىكى ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرسۇن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، خاپىلىقنى، پاسسىپلىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىشى كېرەك. كۆيۈنۈش خاراكتېرىدىكى مەزمۇنلار ئەگەر ئىجادىيەتچىنىڭ قۇربى يەتسە يېتەكلەش، ئالغا ئىنتىلدۈرۈش رولىنى ئوينىسۇنكى، كىشىنى ھەرگىز ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتۇرىدىغان، كۆزلىرىنى نەمدەيدىغان بولمىسۇن. بولۇپمۇ بالىلارغا ئاتالغان تېمىدىكى سەنئەتلىرىمىز نالىلەرگە تولمىسۇن!
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى