تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
نازاكەتلىك بولۇشنىڭ سىرى

نازاكەتلىك بولۇشنىڭ سىرى

نازاكەتلىك بولۇشنىڭ سىرى نەدە؟ بۇ پۈتۈن دۇنيا ئاياللىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە. بىز دائىم باشقىلارنى ئۆزىمىزگە جەلپ قىلىشنى ئويلايمىز ھەم بۇ خىيالىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى تاپالماي زارلايمىز. قېنى بىز پارىژدا تىراژى ئەڭ كۆپ بولغان ھەپتىلىك ژۇرنال «ھازىرقى زامان ئاياللىرى»دا تونۇشتۇرۇلغان توققۇز خىل ئۇسۇلغا قاراپ باقايلى:

مۇۋاپىق يەپ-ئىچىڭ. بۇ ھەرگىزمۇ «ئورۇقلاش جېڭى» قىلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئادىتى بويىچە كۈندە ئۈچ ۋاخ غىزالىنىڭ. 

بىكار قالغان چاغلىرىڭىزدا ھەرگىزمۇ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەڭ. ئەڭ ياخشىسى ئاخشاملىرى سۇس دەملەنگەن بىر ئىستاكان چاي بىلەن پېچىنە يەڭ. كۆكتات، مېۋە-چېۋە شەربىتى قاتارلىقلارنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلىڭ. چاي، سۈت ياكى قەھۋەنى كۆپ ئىچىڭ، چۈنكى ئىسسىق ئىچىملىكلەر ئادەمگە تويۇنغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. 

قاتناش قوراللىرى ۋە لىفىتقىلا تايىنىۋالماڭ. يول مېڭىش ناھايىتى ئۈنۈملۈك چېنىقىش ئۇسۇلى، لېكىن ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ. 

ئەتىگىنى بۇرۇن تۇرۇپ، چېچىڭىزنى كۆڭۈل قويۇپ تاراڭ. ئاخشىمى يۈزىڭىزنى پاكىز يۇيۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولغان مايلارنى سۈركەپ يېتىڭ. 

كىيىنىشكە ئېتىبار بېرىڭ. زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ماسلىشىشىغا دىققەت قىلىڭ، باشقا ياشتىكى خانىم-قىزلارنىڭ كىيىمىنى كىيىپ كۆرۈپ بېقىڭ. ھەرگىزمۇ كونىراپ كەتكەن سومكا ياكى رەسىملىرى ئۆڭۈپ كەتكەن قەغەز سومكىلارنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقماڭ.

ھەر ئاخشىمى ئايىغىڭىزنى پاكىز تازلاپ مايلاپ قويۇڭ. ئاياللارنىڭ كونا كىيىم كىيىشى كارايىتى چاغلىق ئىش، لېكىن ئاياقنى پاسكىنا كىيىش ئەڭ زور نۇقسانلارنىڭ بىرى.

ئەرزان ئەتىرلەرنى ئىشلەتكەندىن كۆرەك، ئىشلەتمىگەن ياخشى.

دائىم كۈلۈمسىرەڭ. چۈنكى كۈلكىدەك ھۇزۇر ئاتا قىلىدىغان مول سېھرىي كۈچكە ئىگە نەرسە يوق. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز