تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كۆمۈر گازى بىلەن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

كۆمۈر گازى تەركىبىدىكى كاربون(2)ئوكسىدنىڭ ئادەمگە بولغان زەھەرلەش تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، زەھەرلىنىش باشلانغاندا باش قايىدۇ، ئاغرىيدۇ، قۇلاق غۇڭۇلدايدۇ  كۆزى قاراڭغۇلىشىپ، پۇت قول ماغدۇرسىزلىنىدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قۇسۇش، يۈرەك سېلىش تېزلىشىش، ئېسىنى بىلمەي ئۇخلاش، ھوشىنى يوقىتىش، نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

كۆمۈر گازى بىلەن زەھەرلەنگەنلەر بايقالغاندا، دەرھال ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش، بىمارنى ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ھەم ئىسسىق جايغا يۆتكەش، ئەگەر بىمارنىڭ يۈرىكى ۋە نەپىسى توختاپ قالغان بولسا، دەرھال سۈنئىي نەپەس ئالدۇرۇپ جىددىي قۇتقۇزۇش، تېزدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك. 

كۆمۈر گازى بىلەن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەشنىڭ كانايلىرىنى ئوڭ ھەم ھىم كىرىشتۈرۈش، كانايلىرىنى پات-پات قېقىش، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال مەش ۋە كانايلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆيگە ئىس چىقىپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەش ئۈستىگە چېلەك ياكى داستا سۇ قويۇپ قويۇشمۇ كۆمۈر گازى بىلەن زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ تەدبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز