يۈز يۇيۇش ئۇسۇلى توغرا بولغاندا، قورۇق چۈشۈش ۋە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئىلمان سۇدا يۈز يۇيۇش. يۈزنى بىۋاستە سوغۇق سۇدا يۇغاندا، پاكىز يۇغىلى بولمايدۇ، شۇڭا يىلمان سۇدا يۇغاندا تۈك تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىپ، يۈزنى پاكىز يۇغىلى بولىدۇ.
يۈزنى يېنىك ئۇۋۇلاش. يۈز يۇيۇش مەلھىمىنىڭ كۆپۈكى چىققاندىن كېيىن يۈزگە سۈرتۈپ، يېنىك ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
يۈز يۇيۇش مەلھىمىنى پاكىز يۇۋېتىش. بەزى خانىم-قىزلار يۈز يۇيۇش مەلھىمى سۈرگەندىن كېيىن، لۆڭگە بىلەنلا سۈرتىۋېتىدۇ، بۇ يۈزگە زىيانلىق، شۇڭا پاكىز چىقىرىۋېتىش كېرەك.
سوغۇق سۇغا چىلانغان لۆڭگىنى يۈزگە قويۇش. يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن سوغۇق سۇغا چىلانغان لۆڭگىنى يۈزگە قويۇپ بەرگەندە، تۈك تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/02/content_504409.htm