ئابابەكرى ئابلىز
سالام قىلار كۈلۈپ قىزىلگۈل،
كىرەر بولسام يارنىڭ بېغىغا.
خۇش پۇراققا تولغۇسى كۆڭۈل،
كىرەر بولسام يارنىڭ بېغىغا.
پەرىزاتلار سۇنىدۇ شەربەت،
ئېچىلىدۇ سۆيگۈدىن بىر بەت.
چىقىپ كەتكۈم كەلمەيدۇ پەقەت،
كىرەر بولسام يارنىڭ بېغىغا.
چېكىسىدە گۈلدۇرمەن يارنىڭ،
كۆركىدۇرمەن پەسلى باھارنىڭ.
ئاشىقىمەن مۇڭلۇق دۇتارنىڭ،
كىرەر بولسام يارنىڭ بېغىغا.
مارار شاختىن ئەنجۈر ۋە گىلاس،
قۇشلار خەندان ئۇرۇپ توختىماس.
ھەۋەس بىلەن باقار ئامۇ خاس،
كىرەر بولسام يارنىڭ بېغىغا.
مۇقام مېنى توۋلايدۇ بىر پەس،
پورەكلەيدۇ ياپيېشىل ھەۋەس.
رۇخسارىدىن كۆز ئۈزمىكىم تەس،
كىرەر بولسام يارنىڭ بېغىغا.
باغلاپ ئوينار سۇمبۇل چېچىدا،
قالار سۆزلەر تىلنىڭ ئۇچىدا.
پۈتكۈل ئالەم دەيدۇ مەرھابا،
كىرەر بولسام يارنىڭ بېغىغا.