تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(6)
يالغانچى ئايال مالاي
ساغلاملىق پسىخىكىسى تەتقىقاتچىسى چىڭمۇ ناھايىتى زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئالىم بولۇپ، ئۇ ئىلىم-پەن ئۈچۈن ئۆمۈر بويى توي قىلماسلىققا قەسەم قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا مەسئۇل بولىدىغان ئايال مالايدىن باشقا، كىتاب ۋە قوليازمىلارلا بار ئىدى.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى پىسخولوگىيە فاكۇلتېتى قۇرۇلغىنىغا 30 يىل بولغان خاتىرە كۈن بولۇپ، كۆپچىلىك مۇشۇ ئىشنىڭ تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئىدى، يىغىندا مەكتەپ رەھبەرلىرى، فاكۇلتېت رەھبەرلىرىمۇ سۆزلەپ بولدى، پەقەت ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى چىڭمۇلا كۆرۈنمەيتتى.
تەشكىللىگۈچى ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى ئىزدىدى، لېكىن ئۇ ئاللىبۇرۇنلا ئۆز ئۆيىدە ئۆلگەن دېدى.
ساقچىلار دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى، رازۋېدچىكلار باشلىقى ئايال مالايدىن گەپ سورىدى:
«تەخمىنەن ئىككى سائەت ئىلگىرى» دەپ گەپ باشلىدى، ئايال مالاي. «چىڭمۇ ئەپەندى ماڭا مۇز سېلىنغان ۋىسكىدىن بىر رومكا قۇيۇپ بېرىشنى بۇيرۇپ بولۇپ، يەنە مېنىڭ مۇنچىنى تەييارلاپ بېرىشىمنى تاپىلىدى. ئۇ يەنە مۇنچىغا چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇخلايدىغانلىقىنى، ئىككى سائەتتىن كېيىن ئويغىتىپ قويۇشۇمنى ئېيتتى، چۈنكى فاكۇلتېتتا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشماقچى ئىدى. لېكىن مەن ئىشىكنى شۇنچە چەكسەممۇ ئىچىدىن ھېچقانداق ئىنكاس چىقمىدى، شۇڭا مەن ئۇخلاۋاتقان ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىردىم، بۇ چاغدا ئۇ ئاغزىدىن كۆپۈك ئېقىتقان ھالدا يەردە ياتقانىكەن».
رازۋېتكا باشلىقى چىڭمۇنىڭ رومكىسىدا مۇزدىن باشقا، يەنە ئۇيقۇ دورىسىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى.
مۇنداق قارىغاندا، چىڭمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندەك قىلاتتى، لېكىن رازۋېدچىكلار باشلىقى بۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى بولۇپ، بۇ ئىشنى ئايال مالاينىڭ قىلغانلىقى ئېھتىمالغا بەك يېقىن دەپ قارىدى.
مەزكۇر دېلونى پاش قىلىشتىكى ئاچقۇچ نېمە؟