ئالما شىركىتى ئىزچىل سامسۇڭدىن باشقا ئۆزىگە ئۆزەك ياساپ بېرىدىغان شىركەتنى ئىزدىمەكتە . ئامېرىكا نىيويوركتىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ شۇ يەردىكى ئۆزەك زاۋۇتى Foundries نىڭ ئالاقىدار خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلشىچە بۇشىركەت ئالما شىركىتىگە ئۆزەك ياساپ بەرمەكچى بولىۋېتىپتۇ .
ئىگلىنىشچە Foundries شىركىتى ئۆزىنىڭ مالتاغا جايلاشقان 8-نومۇرلۇق زاۋۇتىدا ئالما شىركىتىنىڭ iPhone ۋە iPad لىرىگە ئىشلىتىدىغان ئۆزەكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن .
نۆۋەتتە سامسۇڭ شىركىتىنىڭ تېكساس شىتاتى ئاسدىنغا جايلاشقان ئۆزەك زاۋۇتى ئالما شىركىتىگە ئۆزەك ياساپ بېرىدۇ . سامسۇڭ شىركىتى Foundries نىڭ ئالما شىركىتىگە ئۆزەك ياساش تۈرىگە ياردەملىشىۋاتقان بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن ئالما شىركىتى ئامېرىكىدا ئىككى ئۆزەك ياساش بازىسىغا ئىگە بولغان .
Foundries نۆۋەتتە 2مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ "تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى " قۇرغان، بۇ مەركەز ئۆزەك كۆپلەپ ياساشتىن ئىلگىرى ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ . نۆۋەتتە بۇ مەركەزدە قۇرلۇش قىلىنىۋاتقان بولۇپ كېلەر يىلى پۈتتۈرۈش مۆلچەرلەنمەكتە ، سامسۇڭ شىركىتىمۇ بۇ مەركەزنى ئىشلىتىدۇ .
ئىگلىنىشچە سامسۇڭ شىركىتى تېخنىكا ئۆمىكىنى Foundries گە ھەمكارلىشىشقا ئەۋەتمەكچى بولغان بولۇپ ، بۇ شىركەتنىڭ ئالما شىركىتىگە ئۆزەك ياساش جەريانىغا ياردەملىشىدۇ .
Foundries بولسا AMD دىن بۆلۈنۈپ چىققان ئۆزەك ياساش كارخانىسى بولۇپ ، كېيىن سىنگاپور تېشۈ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتى بىلەن بىرلەشكەن .ئۆتكەن يىلى AMD بۇ شىركەتنىڭ پاي ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ ئۆزەك ياساش كەسپىدىن چېكىنىپ چىققان ، نۆۋەتتە Foundries قا ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر شىركەت ئىگدارچىلىق قىلىدۇ.
نۆۋەتتە Foundries سىرىتقا نىسبەتەن بۇ خەۋەرنى جەزىملەشتۈرمىگەن ياكى ئىنكار قىلمىغان .
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى Foundries ، سامسۇڭ ۋە IBM ئۆزەك ياساش ساھەسىدىكى شېرىكلەر بولۇپ ، بۇ ئۈچ شىركەت تەشكىل قىلغان "ھەمكارلىق سەھنىسى " دە ياساش تېخنىكىسى ۋە ياساش ئەسلىھەلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىشقا بولىدۇ .
نۆۋەتتە ئېنىق بولمىغان بىر نۇقتا شۇكى Foundries كەلگۈسىدە بىۋاستە ئالما شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاپ ئۇنىڭ خېرىدارىغا ئايلىنامدۇ ياكى سامسۇڭ شىركىتىگە ۋەكالىتەن ئالما شىركىتىگە ئۆزەك ياساپ بېرەمدۇ بۇنىسى تېخى نامەلۇم .
ئىلگىرى ئالما بىلەن سامسۇڭ ئوتتۇرىسىدا پاتېنت ماجراسى بار ،مۇناسىۋىتى يامانلاشقان ، ئالما شىركىتى ئۆزىگە ئۆزەك ياساپ بېرىدىغان باشقا ئۆزەك ياساش سودىگەرلىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ دېگەن قاراش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىدى .تەيجىدىيەن ، ئىنتېل قاتارلىق شىركەتلەر ئالما شركىتىگە ئۆزەك ياساپ بېرىدىغان كارخانىلارغا ئايلاندى دېگەندەك خەۋەرلەرمۇ تارقالغان . ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى سامسۇڭ شىركىتى ئالما ششركىتىگە ئۆزەك ياساشنى توختاتتى دەيدىغانغا ھېچقانداق ئىسپات يوق دەپ خەۋەر قىلغان .
ئالما شىركىتى بىلەن Foundries نىڭ ھەمكارلاشقانلىق خەۋرى تارقالغاندىن كېيىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى شۇمو ئۆزىنىڭ بۇ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئېيىتقان .
شۇمو يەنە Foundries نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ ئالما شىركىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقۇسى بارلىقىنى ئېيىتقىنىنى ئاشكارىلىغان .