يېقىندا ئامېرىكا «ئالدىنى ئېلىش» ژۇرنىلى ۋىتامىن B12 كەم بولغاندا، بەدەندە سەككىز تۈرلۈك ئەھۋال كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ چىقتى:
1. ئاسان مۈگدەپ، بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش. ئاسان چارچاش ۋىتامىن B12 كەم بولۇشنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى. چۈنكى بەدەن بۇ خىل ۋىتامىنغا تايىنىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئىشلەپچىقىرىپ، شۇ ئارقىلىق ئوكسىگېننى يەتكۈزىدۇ. ھۈجەيرىدە ئوكسىگېن كەمچىل بولغاندا، مەيلى قانچىلىك ۋاقىت ئارام ئېلىشتىن قەتئىينەزەر چارچاش ھېس قىلىدۇ.
2. مىسكىن يۈرۈش. بەدەندە ۋىتامىن B12 كەم بولسا، يەنە مەيۈسلىنىش ۋە تەشۋىشلىنىش كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ۋىتامىن B12 نىڭ كەيپىياتنى تەڭشەشكە قاتنىشىدىغان ماددا 5 – سېروتونىن ۋە دوپامىن قاتارلىق بىرىكمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئۆلچەپ چىقىلغان.
3. پۈتۈن بەدەن ئۇيۇشۇپ قېلىش. ۋىتامىن B12 كەم بولسا، بەدەن ئۇيۇشۇپ قېلىش ۋە يىڭنە سانچىلغاندەك ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ نېرۋىلارنىڭ زەخىملەنگەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن.
4. تەڭپۇڭلۇق ناچارلىشىش. تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىش سېزىمى بەدەندە ۋىتامىن B12 كەم بولغاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى. تۈركىيە ئالىملىرى تېنىدە ۋىتامىن B12 كەم بولغان ئاغرىقلار ۋە بەدىنى ساغلام 100 پىدائىي ئۈستىدە سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسى تۆۋەن بولغان ئاغرىقلارنىڭ بەدىنىدىكى ۋىتامىن B12 نىڭ مىقدارى ساغلام كىشىلەرنىڭكىدىن %40 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
5. تېرە سارغىيىپ قېلىش. بەدەندە ۋىتامىن B12 كەم بولغاندا، قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئاسانلا يېرىلىپ، بىلىرۇبىن قويۇپ بېرىدۇ – دە، تېرە سارغىيىپ قالىدۇ.
6. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش. ۋىتامىن B12 كەم بولغاندا، چوڭ مېڭىدە ئوكسىگېن كەم بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشقاندا، ئادەم ئاسانلا ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ.
7. تەم سېزىمى ناچارلىشىش. بەدىنىدە ۋىتامىن B12 ئېغىر كەمچىل بولغان %50 تىن ئارتۇق ئاغرىق تىل نېرۋىسىنى (تىلنىڭ ئارقا ۋە يان تەرىپىدىكى ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچىلەر) يوقىتىدۇ، ئۇنىڭدا تەم سېزىمىنى قوبۇل قىلغۇچى ئەزا بار بولۇپ، بۇنى يوقاتقاندا، تەم سەزگۈسىگە تەسىر يېتىدۇ.
8. كۆرۈش قۇۋۋىتى چېكىنىش. ۋىتامىن B12 كەم بولغاندا، ئېغىر بولغاندا كۆرۈش نېرۋىسى زەخمىلىنىدۇ ياكى كۆرۈش تورلۇق پەردىسىدىكى قان تومۇرلار توسۇلۇپ، ئېنىق كۆرەلمەسلىك، ھەتتا كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوقىتىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/26/content_502103.htm