1. بىر-بىرىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىماسلىق، جامائەت ئالدىدا خىزمەتداشلىرى بىلەن پىچىرلاشسا، ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ.
2. كۆپ سۆزلىمەسلىك، بېرىش-كېلىش قىلىش جەريانىدا تىل سەنئىتىڭىزدىن پايدىلىنىپ، توغرا، ئېنىق، دەل جاايىدا سۆزلەڭ، ئاغزىڭىز بېسىقماي سۆزلەيدىغان ئىشنى قىلماڭ.
3. قاتتىق كۈلمەسلىك، مەيلى قانداق قىزىقارلىق چوڭ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت سەل-پەل كۈلۈمسىرەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، قاتتىق كۈلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ سالاپىتىنى يوقىتىپ قويىسىز.
4. ئورنىدا خاتىرجەم ئولتۇرۇۋالماسلىق، ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا ھەر قانداق كىشىنىڭ جىددىي بېجىرىدىغان چوڭ ئىشلىرى بولسىمۇ، پەرۋا قىلماي، سىرتىغا ئىپادىلىمەسلىك كېرەك. ئەگەر خاتىرجەم ئولتۇرماي تىت-تىت بولسىڭىز، كىشىلەردە ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىپ قويىسىز.
5. كۆپچىلىك ئالدىدا گىرىم قىلماسلىق، ئەگەر يۈزىڭىزگە ئۇپا سۈرتۈپ، گىرىم قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا، كۆپچىلىك ئالدىدا گىرىم قىلماڭ، بۇ باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولۇپ قالىدۇ.
6. ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولماسلىق، خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن سۆزلەشكەندە، ئولتۇرۇش قىياپىتىڭىزنىڭ تۈز بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ، رايىش بولۇڭ، ئارقىمۇ ئارقا قول ئىشارىسى قىلىۋەرمەڭ، يېنىڭىزدا ئولتۇرغان كىشىگە يېقىن ئولتۇرۇۋالماڭ، ياكى يۆلىنىۋالماڭ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/24/content_501612.htm