خاسلىق
(نەسىر)
ئاڭقىرالماي قالغان كۆزگە چېلىقماس ساماۋى ئۇزۇن خىياللىرىم، يىراق يېتىمسىراش يېشىل قىرغاقلىرىنى ئوزۇق ئاختۇرۇپ، ھەقىقەتەن تېنەپ ھەم تېنىمەي قالدى. مەۋھۇم ئەقىدىلىك روھلىرىم ئۆتمۈشنىڭ جىلۋىگەر ياشلىق بوستانلىرىدىكى شېرىن دەملىرنى سېغىنىپ تولۇق ئەسكە ئالدى. ياشلىق يىراقلاپ، خىرەلىشىپ، گىرىمسىمان قويۇق تۇمانلار ئىچىدە تۇتىيا بولۇپ، ئارزۇلار چىرىقى گاھ روشەن ياندۇرۇپ، گاھ تۈتەك ئۆچۈرۈپ، ئۇنتۇلماس گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ تاتلىق كۈيلىرىنى يارقىن مۇڭ زارى بىلەن راسا ئەۋجىگە كۆتۈردى.
ئىنسان ئاجايىپ تىرەن تەپەككۇرى، شەرمى ھاياسى بىلەن بارلىق مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئەقلىدار. ئۇنىڭ خىسلىتى، ئالاھىدىلىكى، قىممەتلىكلىكى ،مۆجىزىسى خاسلىق. خاسلى- ئۈستۈنلۈك دېمەكتۇر. خاسلىق-غەلىبە دېمەكتۇر. خاسلىق بايلىق، شەرەپ دېمەكتۇر. خاسلىق پەرق دېمەكتۇر. ئىنسان خاسلىقى بولغاندىلا ھاياتلىق ساماسىدا ئەركىن بەھۇزۇر قانات قاقالايدۇ، خاسلىق بولغاچقىلا تۇرمۇشنىڭ كۆركىلەم ئۇپۇقىدا قۇياشسىمان پارلىيالايدۇ.
تۈگمەننىڭ ئالدىدا ياغاچچىنىڭ نېمە ئىشى؟ ئەليۇل ئەلا كامالەت، خاسلىق بىلەن ئىنسان شۇنچە قەدىرلىك، شۇنچە زىبا. خاسلىق بىلەن ئادەم شۇنچە بەرىكىتى ھوسۇلدار، خاسلىق بىلەن ئىنسان ھايات ماماتلىق جەڭگاھلاردا ئاجايىپ غەيۇر. خاسلىق بىلەن ئادەم ھېكمەت قايناملىرىدا نۇسرەتكار. خاسلىقنى پەرق ئەتمەي قارا قويۇق چەكلەش بەلكىم نورمالسىزلىق ۋە ياكى خاتادۇر. خاسلىققا تاغدەك مەدەت بولۇپ قوللاش، يېتىلدۈرۈش مەڭگۈ توغرىدۇر. خاسلىق ماكان ھەم زاماننىڭ، تۇرمۇشنىڭ تار، ناتوغرا چەك-چېگرىسىدىن بۆسۈپ ئۆتەلەيدۇ. خاسلىق ئۆزگىچە خاسلىق رەڭگارەڭ،چېكى بىپايان.
يېڭىچە، تولۇق ۋايىغا يەتكەن خاسلىق يۈكسەك ئەقىدە، بۈيۈك شىجائەتنىڭ، ھارماس تىرىشچانلىقنىڭ مول سەمەرىسى. خاسلىق بىلەن ئىنسان ھامان بەختىيار. خاسلىققا قەلبىمدە ئۆمۈرلۈك شوخ مۇھەببىتىم بار. مەن بۇ قىممەتلىك ھاياتىمدا بىر ئۆمۈر تىنىم تاپماي خاسلىق ئىزدىدىم، ھازىرمۇ قىلچە ئېرىنمەي يەنىلا خاسلىق گۈلىنى ئىزدىمەكتىمەن، كېيىنكى بىباھا ھاياتىم ھامان خاسلىق ئىزدەش بىلەن داۋاملىشىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن خاسلىق شۇنچە قەدىرلىك، بۇنى چۈشەنمەكمۇ ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس.
ئاپتورى: مۇھەممەدجان ئېلياس دەۋكار