تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(20)
قاتىل كىم؟
ئادەتتە كىشىلەر قەبىھ قاتىللىق ۋەقەلىرىنى چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردىلا يۈز بېرىدۇ، ناھىيە بازارلىرىدا خاتىرجەم دەپ قارايدۇ، لېكىن ئادەم بارلىكى جايلاردا ھەر قانداق ئېھتىماللىق بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ يامان گېنى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مەدىنىيەتلىك ئالدىدا، ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ ئۈنۈملۈك قاتىللىق ئۇسۇلى ۋە جىنايى جازادىن قۇتۇلۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.
مەلۇم دۆلەتنىڭ كىچىك بىر ناھىيە بازىرىدا قاتىللىق دېلوسى يۈز بەردى. بىر ئايال ئۆزى تۇرۇشلۇق بىنا ئاستىدا ئۆلتۈرۈلدى.
ساقچىلار كېلىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، ئۆلگۈچىنىڭ كەچ سائەت 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى، ئەينى ۋاقىتتا بىنادا سائەت رىمونت قىلىدىغان ئۈچلا ئادەم بار ئىدى، بۇلار ئەڭ زور جىنايەت گۇماندارلىرى ئىدى.
ساقچىلار سوراق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ بىرى: «سائەت 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەن چاغدا مەن قول سائەتكە پۇرژىنا سېلىۋاتاتتىم» دېدى.
يەنە بىرى:«مەن قوڭغۇراقلىق سائەتكە پۇرژىنا سېلىۋاتاتتىم» دېدى.
ئەڭ ئاخىرقى بىرسى:«مەن تام سائىتىگە پۇرژىنا سېلىۋاتاتتىم» دېدى.
ساقچى بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، 3-ئادەمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «سەن جىنايىتىڭنى ئىقرار قىلمامسەن!»دېدى. پاكىت ئىسپاتلىدىكى، 3-ئادەم قاتىل بولۇپ چىقتى.
ساقچىلار بۇ دېلونى قانداق پاش قىلدى؟
رازۋېدكا ھېكايىلىرى (19) نىڭ جاۋابى:
قاتىل مۇنچا شىلانكىسىنى جۈمەك ئۇچىغا ئۇلاپ، سۇ چېچىپ ئىزىنى ئۆچۈرۈپ، نەق مەيداندىن كەتكەن. مۇنچا شىلانكىسىدىن چېچىلغان سۇ يامغۇردەك چۈشۈپ ئاياق ئىزنى يۇيۇۋەتكەن. يەر نەم بولغاچقا، سۇ سېپىلسىمۇ ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئىز قالمايدۇ. قاتىل بۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن تور تامدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ، سۇ تۇرۇبىسىنى ئېلىۋېتىپ، نەق مەيداندىن كەتكەن.