تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (36)
مۇئەللىم نېمە دەرس ئۆتىدۇ؟
شەنبىن، جۇ شياۋ، چۈەنداۋ ئۈچەيلەن كىچىكىدىنلا ياخشى دوستلاردىن بولۇپ، ئالىي مەكتەپكە چىقىشتىن بۇرۇن ئىزچىل بىر سىنىپتا ئوقۇدى، ئالى مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن پەقەت كەسىپنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئۇلار يەنىلا بىر مەكتەپتە ئوقۇدى، ياتىقىمۇ بىر بىنانىڭ ئوخشاش قەۋىتىدە ئىدى. ئۇلارنىڭ دوستلۇقىنى تەڭرى پېشانىسىگە پۈتكەندەك، ئۇلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنمۇ ئوخشاش خىزمەت قىلىشنى قارار قىلدى.
دەرۋەقە، تەڭرى شاپائەت قىلىپ ئۇلارنى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلققا تەكلىپ قىلدى، ئۇلار بۇ مەكتەپتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىئولوگىيە، فىزىكا، ئىنگىلىزتىلى، تەنتەربىيە، تارىخ ۋە ماتېماتىكىدىن ئىبارەت ئالتە خىل دەرىستىن ئىككىدىن ئۈستىگە ئالدى.
تۆۋەندە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيمىز:
1. فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بىلەن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى قوشنا؛
2.شەنبىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىكى؛
3. چۈەنداۋ، بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى ۋە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئۈچەيلەن مەكتەپتىن دائىم بىللە قايتىدۇ؛
4.بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىنىڭ يېشى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىىسىدىن چوڭراق؛
5. ئارام ئېلىش كۈنلىرى ئىنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچى شەنبىن بىلەن ۋالىبول ئوينايدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن بۇ ئۈچەيلەننىڭ قايسى ئىككى خىلدىن دەرس ئۆتىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ بېقىڭ.
رازۋېتكا ھېكايىلىرى (35) نىڭ جاۋابى:
توختاپ قالغان تام سائىتىنىڭ ئۆزى مەخپىي نومۇر. ئۇ كۈتۈپخانىغا كىرگەندە كېچە سائەت 12بولغان بولۇپ، سائەتنىڭ ئىسترېلكىسى 9 دىن 35 مىنۇت 15 سېكۇنتنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئەمەلىيەتتە، سائەت ئاللبۇرۇن توختاپ قالغانىدى.(سىز خالىغان ۋاقىتنى پەرەز قىلسىڭىز بولىدۇ، بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە سائەتنىڭ توختاپ قالغىنى) شۇڭا، سائەت توختىغان ۋاقىت بىخەتەر ئىشكاپنىڭ مەخپىي نومۇرى.