1. بوۋاقلارنىڭ ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغىنىدىن قارا ئاشلىق ئىستېمال قىلغىنى ياخشى دەپ قاراش: ئەڭ ياخشىسى ئالتە ئايلىق بولغاندىن كېيىن ئاندىن تەدرىجىي قارا ئاشلىق بېرىشنى باشلاش كېرەك. چۈنكى بالىلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىدىكى ئامىلىزا ( كىراخمال فېرمېنتى ) ئىنتايىن ئاز ھەم ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز، ئەگەر بالدۇر ھەم كۆپ مىقداردا قارا ئاشلىق ئىستېمال قىلسا، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىدۇ.
2. بوۋاقلارغا قايناق سۇ ئىچكۈزگەندىن كۆكتات سۈيى ئىچكۈزگەن تۈزۈك، دەپ قاراش: كۆپلىگەن پېشقەدەملەر كۆكتات سۈيىدىكى ئوزۇقلۇق قايناق سۇدىن ياخشى، دەپ قارايدۇ. بۇ بىر خاتا نۇقتىئىنەزەر، بالىلارغا چوقۇم قايناق سۇنى كۆپ ئىچكۈزۈش كېرەك. چۈنكى قايناق سۈنى ئىچىپ بەرگەندە، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوۋاقنىڭ بۆرەك بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ.
3. بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قانچە كۆپ بەرسە شۇنچە تېز ئۆسىدۇ، دەپ قاراش: قوشۇمچە يېمەكلىكنى بېرىش بالىلارنىڭ يېمەكلىك تۈرىنى ئالماشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ . سۈت تۈرىدىكىلەرنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدىغان بالىلارغا تەدرىجىي قارا ئاشلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلدۈرۇشقا بولىدۇ . لېكىن ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ. بۇنى بوۋاقنىڭ يېشىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ كۆپەيتىش كېرەك . بوۋاقلار ئىككى ، ئۈچ ئايلىق بولغاندا، بېلىق جىگىرى مېيى، بەش ، ئالتە ئايلىق بولغاندا توخۇم سېرىقى ، كۆكتات شەربىتى قاتارلىقلارنى قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىش، يەتتە، توققۇز ئايلىق بولغاندا بېلىق قىيامى ، گۈرۈچ شوۋىگۈرۈچى ، مېۋە ۋە گۆش قىيامى، دادۇر يېمەكلىكلەرنى ئاق ئاشلىق يېمەكلىكلىرىگە، يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى قاتتىق يېمەكلىككە ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلىش كېرەك.
4. بوۋاقلارمۇ قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تامىقىنى ئىستېمال قىلسا بولىدىكەن، دەپ قاراش: قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تائاملىرىغا سېلىنىدىغان تۇز بىر قەدەر كۆپ، ئەگەر بوۋاقلار دائىم چوڭلارنىڭ تامىقىنى ئىستېمال قىلسا، قوبۇل قىلىنغان تۇز مىقدارى كۆپ بولۇپ ، بۆرەك ئىقتىدارىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ.
5. بوۋاقنى قېلىن يۆگەك بىلەن ھىم يۆگىسە ئاسان زۇكامدىمايدۇ، دەپ قاراش : بوۋاق ھىم يۆگەلگەندە تەر كۆپ چىقىپ ، ئاسان زۇكامدايدۇ. بالىلارنىڭ كىيىندۈرۈلۈشى ئىلمىي، قېلىن - نېپىزلىكى مۇۋاپىق بولۇشى، مۇھىت تېمپېراتۇرىسىغا قاراپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇلۇشى كېرەك.
6. بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولمىسا ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكنى كۆپ يېگۈزۈش: بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل كۆپ خىل بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ، تاماق يېمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى تېپىش كېرەك . زورلاپ تاماق يېگۈزۈشكە بولمايدۇ. تاماق يېگۈزۈشتە بىر تەرەپتىن ئوينىتىش، بىر تەرەپتىن تاماق يېگۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلدۇرغاندا، ئىشتىھاسى تېخىمۇ تۇتۇلۇپ قالىدۇ.
7. بالىلارنىڭ يىغلىشى قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، سۈت بەرسىلا بولىدۇ، دەپ قاراش: ئانا سۈتى ئېمىۋاتقان بالىلارنى ئېھتىياجىغا ئاساسەن قاچان ئېمىشنى خالىسا شۇ چاغدا ئېمىتىش كېرەك. تەييارلانغان سۈت ئىستېمال قىلىۋاتقان بالىلارغا سۈتنى قەرەللىك بېرىش كېرەك . بالىلار قورسىقى ئاچقانلىقى ئۈچۈنلا يىغلىغان بولۇشى ناتايىن. بۇنىڭدا چوقۇم باشقا سەۋەبلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/25/content_492955.htm