سونىي شىركىتى بۈگۈن گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدىكى ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد بايراقدار يانفونى- Xperia Z3 نى رەسمىي ئېلان قىلدى، سونىي شىركىتىنىڭ بۇ قېتىملىق بېرلىن IFA كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىنىدىغان ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، Z3 يانفونىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، كامىراسى ۋە ئاۋاز سۈپىتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئىقتىدارلىرى كۆپ ئىلغارلاشتۇرۇلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە چاڭ-توزان ۋە سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ۋە NFC ئىقتىدارى قاتارلىق سونىي شىركىتىنىڭ يانفونلىرىدا ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئىقتىدارلارمۇ بۇ يانفوندا يەنىلا ۋارىسلىق قىلىنغان ھالدا ساقلاپ قېلىنغانىدى. سونىي شىركىتىنىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان Xperia Z3 يانفونىغا ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئالدىنقى ئەۋلاد Z2 يانفونىغا ئوخشاشلا سىنەپدىراگون كىۋالكۇم 801 تىپلىق تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، يانفون بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنىڭ ئاساسىي چاستوتىسى بولسا 2.5GHz غا يەتكۈزۈلگەنىدى. بۇ يانفونغا يەنە IPS تېخنىكىسى ئاساسىدىكى 5.2 دىيۇملۇق Live Colour LED سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران سەپلىنىلگەن بولۇپ، ئېكرانىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى 1920×1080 پېكسىلغا يەتكۈزۈلگەنىدى.
Z3 يانفونىنىڭ ئارقا تەرىپىگە 20 مىليون 700 مىڭ پېكسىللىقتىكى يېڭى بىر ئەۋلاد G كامىراسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كامىراسى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى نۇر سېزىمچانلىقىغا ئىگە قىلىنغانىدى.
سونىي Xperia Z3 يانفونىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە پۈتۈنلەي ئالدىنقى ئەۋلاد يانفونلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى ۋارىسلىق قىلىنغان بولۇپ، يانفوننىڭ ئالدى ۋە ئارقا تەرىپىگە ئوخشاشلا قوش ئەينەكلىك يانفون لايىھىسى قوللىنىلغانىدى. بۇ يانفوننىڭ گەۋدىسى سەل چوڭراق بولۇپ، ئۇنىڭ يانفون گەۋدىسىگە يۇمىلاق شەكىللىك ئاليۇمىن گىرۋەكلىك يانفون ئۇسلۇبى قوللىنىلغانىدى، بۇ يانفوننىڭ قېلىنلىقى بولسا ئارانلا 7.3 مىللىمىتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ ئاق رەڭلىك، كەھرىۋا سېرىقى رەڭلىك ۋە قارا رەڭلىكتىن ئىبارەت نۇرغۇن خىل رەڭلىك نۇسخىسىنى تاللاپ سېتىۋېلىشقا بولىدىكەن. بۇ يانفوننىڭ ئېغىرلىقى بولسا 152 گىرام كېلىدىغان بولۇپ، يانفوننىڭ سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى مۇشۇ ساھە بويىچە ئەڭ ئىلغار سەۋىيىگە يەتكۈزۈلگەن بولغاچقا، بۇ يانفوندا يامغۇردا بىمالال تېلىفون سۆزلەشكىلى شۇنداقلا يەنە سۇ ئاستىدىمۇ رەسىمگە تارتىش ۋە سىن ئېلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار بىلەن شۇغۇللانغىلى بولىدىكەن.
تۆۋەندە بىز بىرلىكتە يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان سونىي Xperia Z3 يانفونىنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى.