ياز پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن قىزلار ئۆز گۈزەللىكىنى نامايان قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لىكىن بەزى ئاياغلار سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىزنىڭ تاللىشى بولغان بىلەن، يەنە بەزى ھاللاردا پۇتلىرىڭزنىڭ دۈشمىنى بۇلۇپ قالىدۇ.
1. ساپما كەش
بۇ تۈردىكى ئاياغنىڭ ياز پەسلىدىكى بازىرى ناھايىتى ئىتتىك، خانىم قىزلىرىمىزمۇ بەكلا ياقتۇرۇپ كىيىدۇ، لېكىن بۇ خىلدىكى ئاياغنى كىيىپ يول يۈرگەندە ئالدى پۇت بارماقلىرىنىڭ تىرەش كۈچى ئازلاپ كېتىپ، پۇت بارمىقى ئاستا- ئاستا يىغىلىپ قالىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى پۈتۈنلەي ئالدى تاپانغا چۈشۈپ، تاپاننى ئاغرىشىنى ھەم ياللۇغلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، پۇت تىرناقلىرىمۇ ئۆزگۈرۈپ سىرتىغا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ.
2. پاشنىلىق ئاياغ
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلار خانىم قىزلارنىڭ نەزىرىدە قانچە ئېگىز بولسا شۇنچىلىك جەزبىدار كۆرىنىدۇ، لېكىن ئاياغنىڭ پاشنىسى 5cm دىن ئېگىز بولۇپ كەتسە، بەدەن بۇنىڭغا كۆنەلمەيدۇ، تاپان كۆتۈرۈلگەندە ئېغىرلىق مەركىزى ئالدى پۇت ئالقىنىغا چۈشىدۇ، ئوشۇق بوغۇمىنىڭ تۇراقلىقى ناچارلاپ كېتىپ، باش بارماقنىڭ تىرناق قىسىمى سىرتىغا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، ھەم يىقىلىپ كەتسىڭىز ئوشۇق قايرىلىپ كېتىدىغان خەتەرلىك ئەھۋاللارغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.
3. باسنۇشكا
باسنۇشكا ئادەتتە ئۇزۇن كۆينەك كىيىگەن خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ ياخشى تاللىشى، لېكىن بۇ تۈردىكى ئاياغلارنى ئۇزاق ۋاقىت كىيگەندە، ئاياغنىڭ تاسمىسى پاچاق پۇتىڭزنى چىڭ باغلاپ تۇرىدۇ، يول يۈرگەندە قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچىرايدۇ، شۇڭا پاقالچاق بوغۇملىرى تارتىشىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆپ يۈز بېرىدۇ.
4. پەس تاپانلىق ئاياغ
« ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلار بەدەنگە زىيانلىق، شۇڭا پەس تاپانلىق ئاياغلارنى تاللايلى بولدى»، نۇرغۇن قىزلار مانا مۇشۇنداق ئويلايدۇ، پەس تاپانلىق ئاياغلارنىڭ تەن سالامەتلىككە زىيىنى يوق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش ناھايىتى يۈزەكى ھەم خاتا بولۇپ، بۇ خىل ئاياغنى كىيىپ يول يۈرگەندە، ئاياغ يەر يۈزىنىڭ قارشىلىق كۈچى بىلەن پۇت سۆڭىكى، ئومۇرۇتقا تۈۋرىكى قاتارلىقلارغا ئېغىر سۈركۈلۈش تەسىرى ئېلىپ كېلىدۇ.
5. پانچويېس بەتىنكىسى
بۇ خىل ئاياغنى كىيىپ يول يۈرگەندە، ئادەم بەدىنى ئالدىغا ئىنتىلىپ، ئېغىرلىق مەركىزىنى يوقىتىدۇ، يىقىلىپ كەتكەندە بولسا، پۇت بوغۇمى، پەي قاتارلىقلار ئوڭاي زەخمىگە ئۇچىرايدۇ، ياپونيەدىكى كۆپىنچە قىزلار بۇ خىلدىكى ئاياغنى كۆپ كىيىدۇ، يېقىندا ياپونيەدىكى تەتقىقات ئورنىدىكىلەرنىڭ دېيىشچە، تەخمىنەن %23 قىزلار بۇ ئاياغنى كىيىپ ئاسانلا تەڭپۇڭلۇقنى يوقۇتۇپ يىقىلىپ كېتىدىكەن.
6. ئۆتمە تۆشۈك ئاياغ
بۇ خىلىدىكى ئاياغلارنىڭ ماتېرىيالى كۆپۈنچە سۇلياۋدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، سۇنى ئاسانلا ئۆزىگە سۈمۈرۋالىدۇ ھەم تەركىبىدىكى سۇ ئاسانلىقچە پارغا ئايلانمايدۇ، گەرچە پۇتنىڭ ئۈستى قىسىمىغا ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرسىمىۇ، لېكىن ھاۋاغا ئەڭ مۇھتاج تاپان قىسىمىغا ھاۋا ئۆتۈشمەي تاپان قىسىمىنىڭ نەملىكى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ ئاياغنى ئۇزاق ۋاقىت كىيگەندە پۇت پۇراش ھەم تېرە كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.