تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلارغا گۆشنى كۆپ بېرىش پايدىلىقمۇ

بالىلىق دەۋر ئۆسۈش ناھايىتى تېز بولىدىغان مەزگىل بولۇپ، ماددا ئالمىشىش تېز، ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇڭلاشقا بالىلارغا بېرىلىدىغان ئوزۇقلۇقنى ئەتراپلىق تۇلۇقلاش ئىنتايىن زۆرۈر، لېكىن بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بالىلارغا گۆش، مايلىق نەرسىلەرنى كۆپرەك يېگۈزسە سالامەت بولىدۇ، دەپ ئويلاپ، ئۇلارغا گۆش، مايلىق نەرسىنى كۆپ يېگۈزىدۇ. باشقا يېمەكلىكلەر ۋە كۆكتات، مېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە نىسبەتەن سەل قارايدۇ. بۇ بىر تەرەپلىمىلىك قاراش بولۇپ، نەتىجىدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    گۆش كۆپ ساندىكى كىشىلەر ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ۋە تەركىبىدە ئورگانىزم ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئاقسىل، ماي، ئانورگانىك تۇز ۋە ھەر خىل ۋىتامىنلار مول بولغان يېمەكلىكنىڭ بىرى. لېكىن بالىلارنى ئۇزۇن مۇددەت گۆش ۋە ماي بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇش زىيانلىق. بالىلىق دەۋردە ھەر خىل توقۇلمىلار ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، بەدەندە ساقلىنىۋاتقان ماي ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىن بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېسەللىككە بولغان قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچى تۆۋەنلەيدۇ. كىچىكىدە گۆش، ماينى زىيادە ئىستېمال قىلغان ھەمدە ناھايىتى سېمىز بالىلار ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان مەزگىللىرىدە قىزىل قان تۇمۇر قېتىش، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا يۇقىرى بولىدۇ. خېلى نۇرغۇن مەملىكەتلەردىكى تېببىي ئىلمىي جەمئىيەتلىرىنىڭ تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى گۆش ۋە ماينى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان رايونلاردىكى كىشىلەردە قىزىل قان تۇمۇرلار بوتقىسىمان قېتىشىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، ئەمچەك راكى ۋە ئۈچەي راكىنىڭمۇ كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. تۇرمۇش سەۋىيىسى تۆۋەنرەك مەملىكەت خەلقلىرىنىڭ گۆش – ماي ئىستېمال قىلىشى ئازراق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردا يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولماقتا. ھايۋاناتلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردىمۇ ھايۋاناتلارغا بېرىلىدىغان يەم – خەشەك ئىچىدە ماي مىقدارى كۆپەيسە ئۆسمىلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ نىسپىي ھالدا يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ ئۇزۇقلۇقىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ۋە ھەر خىل بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئاتا ــ ئانىلار ۋە يەسلىدىكى تەربىيەچىلەر بالىلارنىڭ كۈندىلىك تامىقى تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە ۋە ھەر خىل بولۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئۇزۇقلۇقى تەركىبىدىكى گۆش – مايلادىن قوبۇل قىلىدىغان ئىسىسقلىقى ئومۇمىي سەرپ بولىدىغان ئىسىسقلىقنىڭ 25 ــ 30 پىرسەنتىنى ئىگەللىسە بولىدۇ. 5 ــ 7 ياشلىق بالىلار كۈنىگە 200 گىرام ئۇن ياكى گۈرۈچ، 200 – 300 گىرام كۆكتات، 50 گىرام ئەتراپىدا گۆش، بىر تال تۇخۇم، ئازراق شېكەر يېسە مۇۋاپىق بولىدۇ. شارائىتى يار بەرسە 200 ــ 300 گىرام سۈت ۋە مۇۋاپىق ھالدا ھەر خىل مېۋە سەيلەرنى بەرسە بولىدۇ. بالىنىڭ كۈندىلىك تامىقى تەركىبىدىكى كاروتىن مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېشىل ياپراقلىق كۆكتات بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۈلۈش كېرەك. پات – پات جىگەر يېدۈرۈپ بەرسە پايدىسى كۆپ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/27/content_493758.htm 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز