ۋاڭيى تورى خەۋىرى:
ئالما شىركىتى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى Apple Watch ۋە 12 دىيۇملۇق يېڭى MacBook قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىغا پۈتۈنلەي يېڭىدىن تەتقىق قىلىنىپ چىققان Force Touch تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلاردىكى ئېكراننىڭ چەكمە مەشغۇلات ئىقتىدارى تېخىمۇ قالتىس ئۈنۈمگە ئىگە بولغان. ئىگەللىنىشىچە، ئالما شىركىتى نۆۋەتتە كىيىنكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان iPhone 6S گىمۇ دەل مۇشۇ خىل تېخنىكىنى قوللىنىشنى پىلانلاۋاتقان ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئالما شىركىتى كىيىنكى ئەۋلاد ئايفونغا Force Touch تېخنىكىسى ئاساسىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد چەكمە مەشغۇلات ئىقتىدارىنى قوللىنىشنى ئاللىقاچان «جەزىملەشتۈرۈپ» بولغان. بۇندىن ئىلگىرى تەيۋەن تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان بىر قىسىم خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، Force Touch تېخنىكىسى پەقەت 5.5 دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىدىغان يېڭى ئايفونغىلا خاس ئىكەن.
بۇ خىل يېڭى تېخنىكىغا كەلسەك، ئالما شىركىتى يېڭىدىن ياسالغان 12 دىيۇملۇق MacBook نى ئېلان قىلغاندا بۇ ھەقتە توختىلىپ، Force Touch نىڭ ھەربىر قېتىملىق چېكىلىشنى پەرق ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بېرىلگەن بېسىم كۈچىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنىمۇ پەرقلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. كونا نۇسخىدىكى چەكمە مەشغۇلات تاختىسى (سېزىمچان ئېكران) بىلەن سېلىشتۇرغاندا، Force Touch گە يېڭىدىن تۆت دانە كۈچ بېسىمىنى ئۆلچەش سېنىزورى قوشۇلغان بولۇپ، ئابونتلار بۇ خىل تېخنىكىدا ياسالغان ئېكراننىڭ ھەرقانداق بىر رايونىنى كۈچەپرەك باسقاندا، تېخىمۇ كۆپلىگەن تاللانما ئىقتىدارلارنى ئىجرا قىلالايدىكەن. بۇ پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئەۋلاد مەشغۇلات ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.