ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
مۇتەخەسسلەر مۇنداق دېيىشتى: بىز بىلىمىز، سامساقنىڭ پايدىسى زور، بىراق كۆپ يەۋالسا جىگەرگە زىيان سالىدۇ؛ ناۋادا سۆڭەك شورپىسىغا سامساق سېلىپ ئىچىپ بەرسە، تۈرلۈك كېسەللىكلەر ۋە بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ئالما بەدەندىكى ئوشۇقچە ناترىيلىق تۇزنى ھەيدەپ، قان بېسىمىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم ئالما يەپ بەرسە يۈرەكنى ياشارتىپ، بەدەننى ئورۇقلىتىش مەقسىتىنى ھاسىل قىلىدۇ.