2015-يىللىق شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە يېڭى بەلگىلىمە ئوتتۇرىغا چىقتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي پىلانى بويىچە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى %90 نى ئىگىلەيدۇ.
مۇخبىرنىڭ 25-فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە ئاپتونوم رايون چۈشۈرگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى (بىڭتۇەندىكى %5 ئوقۇغۇچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) غا ئاساسەن، ھەرقايسى سىنىپ ئاچقان شەھەرلەر ئۆزلىرىنىڭ نىشانلىق ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.
قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىلىدىغان بولۇپ، زۆرۈر بولغاندا %10 لىك نىسبەتتىن ئاشسا بولىدىكەن. ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشتا شەھەر-بازار ئايرىلماي، بىر تۇتاش قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى بويىچە قوبۇل قىلىنىدىكەن.
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئومۇمىي نومۇرنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 185 ئىچىدە كونترول قىلىنىدىكەن، پىلان بويىچە شەھەر-يېزا، مىللەت، تۈر ئايرىمىسى بويىچە يۇقىرى نومۇردىن باشلاپ قوبۇل قىلىنىدىكەن.