تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ...

 ھامىلە سوغۇقىنىڭ غىدىقلىنىشىغا بەك سەزگۈر بولىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار سوغۇق ئىچىملىك ئىچسە، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىكى ھەرىكىتى كۆپىيىپ كېتىدۇ. بۇ ھامىلىدارلاردىن «سوغۇق»تىن پەرھىز تۇتۇپ، ئۆزى ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان سالماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە ئاشقازان سوغۇق ۋە ئىسسىقىنىڭ غىدىقلىشىغا ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ. مارۇژنا ياكى كولاغا ئوخشاش سوغۇق يېمەكلىكلەر بىلەن كۆپ ھەپىلەشكەندە، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى قان تومۇرلار يىگىلەپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى چېكىنىدۇ، ئۇزاق داۋام قىلسا ئاشقازان كېسىلى پەيدا بولىدۇ.

    مۇھىم نۇقتا شۇكى، ھامىلىدارلارنىڭ بۇرۇن، يۇتقۇنچاق ۋە كېكىردەكلىرىدىكى نەپەس يولى شىللىق پەردىسىگە قان تولۇۋالىدۇ ياكى سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، سوغۇق ئىچىملىك قان تولۇۋالغان تومۇرلارنى تېخىمۇ يىگىلىتىپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ناچارلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسى گال ۋە باش ئاغرىش، ھەتتا يۆتەل بولىدۇ، ئېغىرلاشسا يۇقىرى نەپەس يولى يۇقۇملىنىدۇ، بادامسىمان بەز ياللۇغلىنىدۇ.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز