تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مۇھەببەت ئىزدەي دېسىڭىز...

مۇھەببەت تۇرمىشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ. مۇھەببەتسىز تۇرمۇش مېۋىسىز دەرەخكە ئوخشايدۇ، دەيدىغان گەپ بار، مۇھەببەت كىشىنى قانلاندۇرىدۇ، ياشارتىدۇ. قىزلار مۇھەببەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇنىلارنى قىلىشى كېرەك.

پاكىز يېقىملىق بولۇڭ. يۈرۈش تۇرشى پاكىز، رەتلىك بولسا، ھېچكىم يىراق تۇرمايدۇ، ھەركىم يېقىنلىشىشنى خالايدۇ.
ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولسۇن. ئۆزىگە ئىشىنىش غەلبە قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل. قىسقىسى، سىز ئۆزىڭىزنى جەلپكار دەپ ھېس قىلمىسىڭىز، باشقىلارنى قانداق ئىشەندۈرەلەيسىز؟
قىزىقىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى زەن سېلىپ ئاڭلاپ، بىلمىگەننى سوراڭ، قارشى تەرەپنىڭ قىزقىشىنى قوزغايدىغان تېمىدا سۆزلەڭ. مۇۋەپپەقىيەتلىك سۆھبەت زەن سېلىپ ئاڭلاش ۋە ئىزھار قىلىشنىڭ نۇقسانسىز بىرىكىشىدۇر.
تۇنجى كۆرۈشۈشنىڭ ۋاقتى قىسقا بولۇشى كېرەك. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئەڭ مۇۋاپىق، ئەگەر كۆڭۈلدىكىدەك ئاياغلاشسا، يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشكە ئاسان بولىدۇ.
سەمىمىي بولۇڭ. نۇرغۇن كىشى باشقىلارغا چوقۇنىدۇ، ئۇلارنى دوراشنى ياخشى كۆرىدۇ. ياخشىسى يەنىلا ئۆزىڭىز بولۇڭ.
ئۈمىدۋار بولۇڭ. ھەممە كىشىگە ياراپ كېتىشىڭىز ۋە ھەممە كىشىنىڭ سىزگە ياراپ كېتىشى ناتايىن. ئەگەر ئۇچرىشىش كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا مەيۈسلەنمەڭ، ئۈمىدۋار بولۇڭ.
ئالدۇراڭغۇلۇق قىلماڭ. بەزىلەر تېزلا بەختىنى تاپىدۇ، بەزىلەرنىڭ بەختى سەل كېچىكىپ كېلىدۇ.
مۇھەببەتنى ھېس قىلىڭ. مۇھەببەتنىڭ بىشارىتى ئاشكارىمۇ، يوشۇرۇنمۇ بولىدۇ. ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە دىققەت قىلىپ بېقىڭ، بەلكىم بەختىڭىز يېنىڭىزدا بولۇشى مۇمكىن. 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز