ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئادەتتە جىگەر كەچ سائەت 11 دىن باشلاپ سەھەر سائەت 1 گىچە ئۆزىدىكى توكسىننى ھەيدەيدۇ، يەنى ئۇنىڭ ئۆزىنى تازىلاش ھەرىكىتى ئادەم تاتلىق ئۇيقۇدىكى چاغدا پەللىگە چىقىدۇ. شۇڭا ئادەم بالدۇر يېتىپ، جىگەرگە ۋاقىت بېرىش بىلەن بىللە يەنە مۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن ياخشى:
يېشىل كۆكتات.
تېۋىپلار مۇنداق دەيدۇ: يېشىل كۆكتات جىگەردىكى ئاچچىقنى ئالىدۇ، ئۇنىڭ جىگەرنى تازىلاش، كۆڭۈلنى يورۇتۇش، كەيپىياتنى تەڭشەش رولى بولغاچقا، جىگەرنىڭ ئۆزدىكى توكسىننى ھەيدىشىگە ھەمدەم بولىدىغان يېمەكلىككە تەۋە. يەنە بىر تەۋسىيە شۇكى، ئادەم كۈندە كۆك ئاپلىسىن ياكى لىموننى پوستى بىلەن ئېزىپ شەربەت چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەرنىڭ توكسىننى ھەيدىشى تەسكە توختىمايدۇ.
ئالقات.
جىگەرنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ھەمدەم بولغاندىن باشقا، يەنە جىگەرنىڭ زەھەرلىنىشىگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش تولىمۇ مۇھىم. سىزنى بۇ مەقسەتكە يەتكۈزىدىغان ئەڭ ئېسىل يېمەكلىك ئالقات. ئالقاتنىڭ جىگەرنى قوغداش ئىقتىدار ئىنتايىن ياخشى، ئۇ جىگەرنىڭ زەھەرلىنىشىگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى زورايتىدۇ، ئالقاتنى بىۋاسىتە ئۇزاق چايناپ بەرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، كۈندە بىر قوشۇق ئالقات يەپ بەرسىلا كۇپايە.
كۆز يېشى.
كۆپ يىغلىمايدىغان ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ ئۆمرى ئۇزاق بولىدۇ، بۇ ھادىسىنى كۆز يېشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دېگىلى بولمايدۇ. تېۋىپلارمۇ بۇ قاراشنى قوللايدۇ، غەرىپ تىبابىتىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتىڭ نەتىجىسى بۇ قاراشنى دەلىللەيدۇ، ئادەمدىكى ئاچچىق ۋە ئازابنى ھەيدەيدىغان سۇيۇقلۇق سانىلىدىغان كۆز يېشىدا تەر ۋە سۈيدۈك سۇيۇقلۇقىغا ئوخشاش بەدەنگە زىيانلىق تۈرلۈك بىئو خىمىيىلىك ماددىلار بار، شۇڭا ئادەم ئازابلانغان، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان، بېسىمغا دۇچ كەلگەن چاغدا تازا بىر يىغلىۋېتىشتىن نومۇس قىلمىغىنى ياخشى، چۈنكى بۇ جىگەرنى تازلىغان بىلەن باراۋەر.