«2014-يىللىق پۇقرالارنىڭ تەن ساغلاملىقىننى تەكشۈرۈش ئاخباراتى» ئېلان قىلىندى، شىنجاڭلىقلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ئاجىزراق بولغان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ3-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى يېقىندا «2014-يىللىق پۇقرالارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈش ئاخباراتى» نى ئېلان قىلدى، شىنجاڭنىڭ 2014-يىللىق پۇقرالار تەن ساغلاملىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى 96.33 بولۇپ، مەملىكەت بويىچە28- ئورۇندا بولۇپ ئارقىدىن سانىغاندا 4 - ئورۇندا تۇرغان. ئىلگىرىكى ئىككى قېتىم يەنى 2005-يىلى بىلەن 2010 -يىلىدىكى خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭلىقلارنىڭ تەن ساغلاملىقى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا دەرىجىدىن تۆۋەن سەۋىيەدە ئىكەن. نۆۋەتتە، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىلمىي تەتقىقات ئورنى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ سانلىق مەلۇماتنى تەھلىل قىلماقتا. دەسلەپكى كۆرسىتىشىچە، شىنجاڭلىقلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ئارقىدا تۇرىشىدا كىلىمات قاتارلىق سەۋەبلەر بار ئىكەن، شىنجاڭنىڭ قىش پەسلى ئۇزۇن بولغانلىقتىن پۇقرالارنىڭ ئۆي سىرتىدىكى پائالىيتى ئاز . يەنە بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن ئادەم ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن. 1-دېكابىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پەن تەتقىقات ئورنى بەدەن سۈپىتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گۇ خەيۋەي مۇخبىرغا مۇنۇلانى دېدى: ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سىناشنىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھەر ساھە ھەر كەسىپتىكى كىشىلەردىن دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى نۇسخا ئالغان. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئالتە ۋىلايەت( ئوبلاست، شەھەر) ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سىنىقىغا قاتناشتى، ھازىرقى ئۆلچەپ تەكشۈرۈلگەن رەت تەرتىپكە قارىغاندا، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا دەرىجىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ تەن ساپاسى ئاياللاردىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن، يېزا ئاھالىسىنىڭ تەن ساپاسى شەھەر-بازاردىكىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن، ئىگىلىنىشىچە، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئاخباراتى 2000ـ يىلىدىن باشلاپ، ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدىكى ئومۇمىي خەلق تەن ساغلاملىقى پىلانىنى تۈزۈش ئۈچۈن يېتەكچىلىك قىلىنغان. كۆزىتىش ئوبيېكتلىرى 3 ياشتىن 69 ياشغىچە بولغان جۇڭگو پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ قېتىمقى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەملىكەتنىڭ 31 ئۆلكە (رايون، شەھەر) لەرنىڭ 2904 ئىدارە–ئورگان، كارخانا -كەسپىي ئورۇن، مەكتەپ، يەسلى، مەمۇرىي كەنتتىن 531 مىڭ 849 ئادەم تاللانغان. 2010-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىز خەلقى بەدەن سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. 2014-يىللىق «پۇقرالار تەن ساپاسى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى» 2010-يىلدىكىدىن % 0.15 ئاشقان، مەملىكەت بويىچە 12 ئۆلكە(رايون،شەھەر)نىڭ «پۇقرالارنىڭ تەن ساپاسى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى» ئومۇمىي سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، بىر ئۆلكە (رايون، شەھەر) تەڭلەشكەن، 18 ئۆلكە(رايون، شەھەر) ئازراق تۆۋەنلىگەن. شىنجاڭ تۆۋەنلىگەنلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. 2010-يىلى شىنجاڭ پۇقرالار تەن ساپاسى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى 97.49 بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كەينىدىن سانىغاندا 6-ئورۇنغا تىزىلغان. 2014-يىلى مەملىكەت بويىچە كەينىدىن سانىغاندا 4-ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىپ، پەقەت چىڭخەي، گۇيجۇ ۋە شىزاڭدىن يۇقۇرى ئورۇندا تۇرغان. دۆلەت 1 - دەرىجىلىك ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىسى ۋاڭ يوڭچىياڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: شارائىتى بار شەھەر ئاھالىسى يۈگۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىق قوشۇمچە سايمانلارنى ئىشلىتىپ ئۆي ئىچىدە چېنىقسا بولىدۇ، سوغۇقتىن قورقمايدىغان شەھەر ئاھالىلىرى ئاستا مېڭىشتەك« نۆل تەننەرخ »لىك ھەرىكەتنى تاللىسا بولىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، سۇ ئۈزۈشمۇ ياخشى بىر ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت. ياش-ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن، ھەر كۈنى چېنىقىشنى تەشەببۇس قىلىمىز، قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ھەپتىدە كەم دېگەندە ئىككى، ئۈچ قېتىم چېنىقىشى، ھەر قېتىم كەم بولغاندا بىر سائەت چېنىقىشى كېرەك، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا ئاندىن بەدەن ساغلاملىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/156325/15553123.html