بۈركۈت بىلەن شەپقەت
(مەسەل)
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى
يەتتە ياشلىق شەپقەت مەھەللىنىڭ يېنىدىكى ئورمانلىقتا ئويناۋاتسا، بىر بۈركۈت كېلىپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
— ھەي، سەن ئادەمزات ئوخشىمامسەن؟
— ھەئە.
— مېنىڭ سىلەرگە بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ.
— نېمىشقا؟
— سىلەر يەر يۈزىدە كەچكىچە ئىككى پۇتلاپ ئۆرە يۈرگىنىڭلار يۈرگەن، بىزگە ئوخشاش كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلالمايسىلەر؟ - شەپقەت بۈركۈتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قاپتۇ.
ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتۈپتۇ. ھېلىقى بۈركۈت ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ چوپچوڭ بولۇپ كەتكەن شەپقەتنىڭ ئايروپىلان ھەيدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. «بۇ نېمىدېگەن چوڭ ھەم تېز ئۇچىدىغان قۇش – ھە!» ئۇ شۇنداق ئويلاپ ئايروپىلانغا ھۆرمەت بىلەن سالام بېرىپتۇ:
— ئالىيلىرى، ئۆزلىرى قانداق قۇش؟ قانات قاقمايمۇ ئەجەب ئېگىز ئۇچالايدىكەنلىغۇ؟
بۈركۈتنىڭ سۆزلىرىنى ئايروپىلان ئاڭلىيالمىغان بولسىمۇ، ئۇچقۇچى شەپقەت ئاڭلاپتۇ. ئۇ بۈركۈتنى قايىل قىلالىغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ تېخىمۇ ئېگىز ئۆرلەپتۇ.