تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ساتىراشنىڭ «ھۈنىرى»

مەن ياسىن ئۇستامنى سىرتىدىنلا تونۇيتتىم، داڭقىنى ئاڭلاپ يۈرگىنىمگىمۇ خېلى بولۇپ قالغانىدى. بىراق، چېچىمنى ئالدۇرۇپ باقمىدىم. ھەر قېتىم ئۇنىڭ دۇكىنىغا بارغاندا نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ نائۈمىد قايتىپ كېتەتتىم. دۇكاندا ياسىن ئۇستامدىن باشقا ئىككى ياش شاگىرت بار ئىدى. لېكىن، بالىلاردىن باشقىلار ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارمايتتى.

    بۈگۈن يەكشەنبە كۈنى ئىدى، چېچىمنى ياسىتىپ كەلمەكچى بولۇپ ياسىن ئۇستامنىڭ دۇكىنىغا يەنە باردىم. دۇكاندا ئوتتۇرا بويلۇق، بۇغداي ئۆڭلۈك، يۈزى ياپىلاقراق كەلگەن 50 ياشلار چامىسىدىكى ياسىن ئۇستام يۇمشاق ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە بېشىنى قويۇپ، ساقىلىنى ئالدۇرۇۋاتقان سېمىز بىر كىشىگە سۆز قىلىۋاتتى:

    - چاچ ئېلىشنى بىلگەن بىلەن تېخنىكىسى بولمىسا بىكار، مېنىڭ ئالدىمغا ھەر قايسىلىرىدەك رەھبەرلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدۇ. ئىشقىلىپ، كۆڭۈلدىكىدەك رازى قىلىمەن، پات-پات كېلىپ تۇرسىلا!...

    رەھبەر كۈلۈمسىدى، ئورنىدىن تۇرۇپ ئەينەككە يېقىنراق كېلىپ قارىدى-دە، چېچىنىڭ ياسىلىشىدىن مەمنۇن بولغان ھالدا:

    -رەھمەت ئۇستام، مەن قايتاي، -دەپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى.

    - خوش، خوش، -دەپ ئېگىلدى ياسىن ئۇستام، رەھبەر ئىشىكتىن چىقىپ ئۇزاق كەتكۈچە قول باغلاپ تۇرۇپ. شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايىدا تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىق ئىپادىسى جىلۋىلەنگەنىدى، ئاندىن نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا قارىدى-دە:

    -ھوي، ئەخمەتجان، قېپقاپلىغۇ، تىنىچلىقمۇ ئۆزلىرى، - دېگىنىچە مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق، قارا سوكنادىن چاپان كىيىۋالغان بىر كىشى بىلەن قىزغىن سالاملاشتى ۋە ئۇنى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلغاچ قوشۇپ قويدى، -خېلى بولدى كۆرۈنمەي كەتتىلە!

    -بار، يېقىندىن بۇيان ئىلى تەرەپكە بېرىپ ئۈرۈمچىگە گۆش يۆتكەش بىلەن بولدۇق، ئۆزلىرى تىنچلىقمۇ؟

    -تىنچلىق، تىنچلق. شىركەتتە ھەر قايسىلىرىدەك يار-بۇرادەرلەر بولغاچقا گۆشتىن قىسىلماي كېلىۋاتىمىز-دە!

    ئۇستام مەززە قىلىپ كۈلدى.

    ئالدىمدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا سىغدىلىشىپ نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەر غۇدۇراشقا باشلىدى:

    -بىز كەلگىلى نەۋاق، بۇ ئۇستام تازىمۇ نائىنساب ئىكەن، ساپلا باشلىقلارنىڭ، تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ چېچىنى ئالىدىكەن.

    -ھەي، بىر كۈنلۈك دەم ئېلىشىمىز مۇشۇ يەردە تۈگەيدىغان بولدى-دە.

    -مۇشۇنداق ئىشلار قاچانمۇ تۈگەر!...

    بىر نەچچە كىشى خاپا بولۇشۇپ دۇكاندىن چىقىپ كېتىشتى، ياسىن ئۇستام بۇ خېرىدارلارغا قاراپمۇ قويمىدى. ئۇ ھېلىقى تونۇشى بىلەن نېمىنىدۇ كېلىشىۋاتاتتى. مەنمۇ بايىقى كىشىلەر بىلەن ئوخشاش پىكىردە ئىدىم. بىراق، ئاخىرىغىچە چىداپ ئولتۇرۇپ باقماقچى بولدۇم.

    ياسىن ئۇستام ھېلىقى كىشىنىڭمۇ چېچىنى ياساپ بولدى. ئۇنىڭ چاچ ئېلىش تېخنىكىسى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، چاچنى چىرايلىق، تەكشى ياسايدىكەن. ئولتۇرغانلارنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەردىكى ھېچقانداق ئۇستا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدىكەن، بىراق، ئۇ ئادەم...

    يەنە ئىككى كىشىدىن كېيىن ماڭا نۆۋەت كەلدى، مەن چاپىنىمنى كىيىم ئاسقۇچقا ئىلىپ قويۇپ ئولتۇراي، دەپ تۇرۇشۇمغا دۇكانغا ئاق چاچلىق، ئېگىزرەك كەلگەن بىر كىشى كىرىپ كەلدى.

    -ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، ئۇستام!

    ياسىن ئۇستام ئارقىغا بۇرۇلدى-دە، ھېلىقى كىشىنى كۆرۈپ قىزغىن سالاملىشىپ كەتتى:

    -ھە، ئابدۇرېشىت ئاخۇنمۇ سېلى. قانداق ئەھۋاللىرى؟ ماگىزىنغا نەچچە قېتىم باردىم، كەم دىدارغۇ؟

    - ھە، بىرلەشمە يەرمەنكە ئاچتۇق، شۇ يەردە بولۇپ قالدىم.

    -چاغانلىق يېڭى ماللار كەلگەندۇ؟
  -ھە، ئۆيدىكىلەر بىر-ئىككى كىيىملىك شىپۇن دۇخاۋىنىڭ گېپىنى قىلىۋىدى...

    مەن ئورۇندۇققا ئەمدىلا ئولتۇرغانىدىم، ياسىن ئۇستام سەل ئېڭىشىپ پەس ئاۋازدا:

    -ئۇكام، رەنجىمەي ئازراق تەخىر قىلىپ تۇرسىلا، ماۋۇ كىشىنىڭ چېچىنى ئېلىۋېتەي-ھە، -دېدى.

    مەن نائىلاج ئورنۇمنى بوشىتىپ بەردىم، سائەت توپتوغرا 11 بوپتۇ، كەلگىنىمگە ئىككى سائەتتىن ئېشىپتۇ. يەنە قانچىلىك ساقلارمەنكىن-تاڭ...

    ئارىدىن ئون مىنۇت ئۆتمەستىن دۇكانغا پاكار، دوغىلاق بىر كىشى كىرىپ كېلىۋىدى، ياسىن ئۇستام بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا تۆۋەندىكىدىك پاراڭ بولۇپ ئۆتتى:

    -ھە، قاسىمجانمۇ؟ بەللى، بەللى، ئەتىگەنلا ئۆيدىكىلەر بىلەن سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلىشقانتۇق. دەل ۋاقتىدا كەلدىڭىز-دە...

    -قانداق، بىرەر ئىش-كۈش بارمىدى؟

    -ھە، تىككۈزىدىغان بىر پەلتو بار ئىدى...

    -بولىدۇ، ئېلىپ بارسىلا، ئارىغا قىستۇرۇپ بولسىمۇ بىر نېمە قىلىمىز...

    ئەمدى نۆۋەت ساقلاشنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى، سەۋرىنىڭمۇ چېكى بولىدۇ-دە، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇستامنىڭ ئالدىغا كەلدىم، ۋە ئەلەملىك كۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا تىكىپ:

    -ئۇستام، سىلىنىڭ ساتىراشلىقتىن باشقا مۇنچىلىك ھۈنەرلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەي كىرىپ قاپتىمەن، خوش، مەن قايتاي! -دېدىم-دە، دۇكاندىن چىقىپ كەتتىم، ياسىن ئۇستام چىرايى تاتارغان ھالدا:

    -ھوي...بۇ-...دەپ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قالدى.

    يولدا كېتىۋېتىپ ئويلىنىپ قالدىم: «جەمىئيەتنى تۈزەپ، كىشىلەردە گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش مەن ئويلىغاندەك ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىكەن، ساتىراش ئۇستامدەك ھۈنىرى بارلار ئازمۇ؟...

ئەسلى مەنبەسى: www.uzar.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز