بۇ يىل 10-ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانى، ئوقۇتقۇچىلار سالاھىيەت «پېداگوگىكا، پىسخولوگىيە» ئىمتىھانى توردا تىزىملىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىكەن. بۈگۈندىن باشلاپ 9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار «شىنجاڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تورى» دا تىزىملىتىپ، پۇل تاپشۇرسا بولىدىكەن. تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىپ ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاياغلىشدىكەن، 9-ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە تىزىملاتقان جايدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئىمتىھانىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا بېرىپ، نەق مەيداندا جەزملەشتۈرۈش رەسمىيىتى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى قولىغا ئالىدىكەن.