مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر
(پوۋېست)
خالىدە ئىسرائىل
1857-يىلى ئەنگىلىيە ئىشچىللىرى دۇنيا بويىچە تۈنجى پۇتبول كۇلۇبىنى قۇردى.
1863-يىلى ئەنگىلىيىدىكى 11 پۇتبول كوماندىسى بىرلىشىپ تۈنجى پۇتبول جەمىئىيىتى قۇردى،
1870-يىلى ئەنگىلىيە پۇتبول جەمىئىيىتى ئەنگىلىيە ھەم دۇنيا بويىچە تۈنجى پۇتبول مۇسابىقىسى-« يەڭگۈچى» پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆردى. شۇنىڭدىن كىيىن ئەنگىلىيىدە پۇتبول ھەركىتى كەڭ قانات يىيىپ، ئاۋىستىرىيە، ئاۋىستىرالىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە، بىلگىيە، ھوللاندىيە قاتارلىق ئەللەرگە تارقالدى.
1896-يىلى پۇتبول ھەركىتى خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر تۈرى قىلىپ قوشۇلدى.
1904-يىلى مايدا پارىژدا خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى «FIFA» قۇرۇلدى.
1928-يىلى خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 1930-يىلىدىن تارتىپ تۆت يىلدا بىر قىتىم دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى...
1870-يىللىرى ئەنگىليەنىڭ مانچىستىر شەھرىدىكى باغچا، مەيدانلاردا توپ تىپىپ يۈرگەن پىرىستان ئىشچىللىرى ئارىسىدا بىر ئۇيغۇر يىگىتىمۇ بار ئىدى. بەستلىك، چاققان، ئىنتايىن زىرەك بۇ يىگىت يىڭىلا ئۆگىنىۋالغان بىر نەچچە ئىغىز ئىنگىلىزچە سۆزىگە تايىنىپ بۇ يەردىكى ئىشچىلار بىلەن چىقىشىۋالغان ۋە پۇتبول ئويناشنى ناھايىتى ئوبدان ئۆگەنگەنتى.كىشىلەر ئۇنىڭدىن : « سەن قەيەرلىك ؟ » دەپ سورىسا، ئۇ ئويلىنىپ تۇرۇپ كىتىپ :
- مەن ئۈستۈنئاتۇشلۇق، ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ ئىكساق دىگەن يىرىدىن، - دەپ جاۋاب بىرەتتى. ھەممە ئىشقا قىزىقىدان ئەنگىلىيەلىكلەر دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۈستۈن ئاتۇش، ئىكساق دىگەن شەھەرلەرنى ئىزدەپ ئاۋارە بولۇشاتتى.
ئۇ چاغلاردا ئۈستۈنئاتۇش قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق كىچىككىنە بازار ئىدى. ئۇنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ھەقىقەتەن تاپقىلى بولمايتتى .
بۇ يىگىت ئاشۇ ئۈستۈنئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىلىك ھاشىم بالىخان دىگەن يىتىم ئوغۇل ئىدى.
ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك قالغان ھاشىم بالىخان ھاممىسىنىڭ قولىدا چوڭ بولدى. ئۇ، ھاممىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىشى بىلەن «قۇرئان» ساۋادىنى چىقارغاندىن باشقا، كۆچەت ئۇلاقچىلىقىغا ئۇستا بولۇپ يىتىلدى. ئايىغى چاققان، پاكىز، چىرايلىق كىينىپ يۈرۈشنى ياقتۇرىدىغان، ھەر قانداق ئىشنى ئىپىگە كەلتۈرۈپ قىلىدىغان ھاشىم بالىخانغا ھاممىسىلا ئەمەس، قۇلۇم - خوشنىللىرىمۇ ئامراق ئىدى. سۆزمەن- قىزىقچىلىقى، چىقىشقاقلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆرگەنلا ئىشنى قىلىپ باققۇسى كىلىدىغان ھەر دەم خىيال مىجەزىنىمۇ ئەيىپكە بۇيرىمايتتى. ئۇ ھەقتە سۆز ئىچىلسا بوۋايلار كۈلۈشۈپ : « ئوغۇل بالا شوخ بولسا، شوخ بولمىسا يوق بولسا دەپتىكەن، ھاشىم بالىزە شوخ ، كىلىشىملىك ئادەم بولدى، ئۇ ئاشۇ مىجەزى بىلەن ھەر قانداق يەرگە بارسا نىنىنى تىپىپ يىيەلەيدۇ» دىيىشەتتى .
ھاشىم بالىخان 17-18 ياش ۋاقىتلىرىدا ياشىنىپ قالغان ھاممىسى بىلەن ئىلىغا چىقىپ كەتتى.ھاممىسى ئىلىدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن كارۋانلارغا ئەگىشىپ ئەنجانغا،ئۇ يەردىن تۈركىيەگە باردى.ئىزىمىردا مۇساپىرلىق ۋە يوقسۇزلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ يۈرگەن چاغلىرىدا زەرىف بەي دەيدىغان كىشىنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىپ،خەلىقئارا يۈك پاراخۇتىنىڭ ياردەمچى يۈك تىزىملىغۇچىسى بولدى ۋە پاراخۇت بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ مانچىستىر شەھىرىگە بىرىپ ئۇ يەردە بىريىل تۇرۇپ قالدى.ئىككىنچى يىلى تۈركىيەگە قايتىپ موينا(ياۋايى ھايۋان تىرىسى)ساتىدىغان بىر دۇكاندا ئىشلەپ بىر مەزگىل ئۆتكەندە،خوجايىننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن مال سىتىۋالغۇچىلارغا يول باشلاپ سىبىرىيەنىڭ بىر قىسىم جايىغا،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالمۇتا،روسىيەنىڭ شەمەي شەھەرلىرىگە،كىيىن يەنە قازانغا باردى.
قازان ئەينى دەۋردە غەرىپ ۋە شەرق ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئىقتىسادى تۈگۈن بولۇپلا قالماي،مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان، غەرىپ دۇنياسى بىلەن شەرىق دۇنياسىغا تەۋە خىلمۇ-خىلدىن ۋە مەدەنىيەت ھادىسىللىرى، پىكىر ئىقىملىرى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ توقۇنۇشۇدىغان ھەم بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، گۈللەنگەن زامانىۋى شەھەر ئىدى. رىقابەت تۈسى قويۇق، قىزىقارلىق تەنتەربىيە تۈرى بولغان پۇتبول بۇ يەردىكى مەكتەپلەردە يىڭدىن قوبۇل قىلىنىۋاتاتتى.
ھاشىم بالىخان قازاندىكى بۇ يىڭىلىقنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى بولدى.ئۇ بۇ يەردىكىلەرگە ئەنگىلىيە ئويناش قائىدىللىرىنى ئۈگەتتى، مۇسابىقىلەرگە قاتناشتى ۋە ناھايىتى تىزلا بۇ يەردىكى داڭلىق توپچىلاردىن بوپقالدى. شۇ مەزىلدە ئۇ سودا ئىشى بىلەن قازانغا كەلگەن بىر يۇرتلۇقى،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق باي-باھاۋۇدۇن ھاجى بىلەن كۆرۈشتى.ئۇلارياش- قۇرامى تەڭ، زىھنى كۈچى، پىكىر-ھىسياتى ئۇرغۇپ تۇرغان يىگىتلەر ئىدى، ئىككىسىلا يۇرتىنى، ئىكىساقنى قىزغىن سۆيەتتى،نامراتلىق،نادانلىق ئىلىكىدە ياشاۋاتقان يۇرتداش، قان-قىرىنداشلىرىنى،بۇلارنىڭ تەقدىرىنى كۆپ ئويلايىتتى.شۇڭا، ئوي- پىكرى كۆپىنچە بىر يەردىن چىقاتتى.ھاشىم بالىخان ئۇزاق يىل مۇساپىرلىق دەردىنى تارتىپ يۇرتىنى سىغىنغانلىغىنى، يۇرىتقا كەتكۈسى بارلىقىنى، مۇشۇ يەردىكى بالىلارغا پۇتبول ئويناشنى ئۆگەتكەندەك، يۇرتىدىكى ھوشۇق ئويناپ يۇرگەن بالىلارغىمۇ پۇتبول ئويناشنى ئۆگەتكۈسى بارلىقىنى ئىيتقاند ، باۋدۇنباي كۆزلىرىگە ياش ئالدى. ئۇمۇ يۇرتىدىكى قاراڭغۇ مەدرىسلەرنى ئىسلاھ قىلىش، ئوقوتۇش مەزمۇنىغا پەننى دەرىسلەرنى كىرگۈزۈش، شارائىت يارىتىپ، بۇ يەردىكىدەك يىڭىچە مەكتەپلەرنى قۇرۇش، تەن تەربىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىق خېلىدىن بىرى ئوي -خىيالىنى چىرماپ ،يۈرىكىدىن چىقماي كىلىۋاتقان ئارزۇ - ئارمانلىرىنى سۆزلىدى ئۇلار كۆپ قىتىم ئەنە شۇنداق سىردىشىپ،ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پىلانلىرىنى تۈزۈشتى.باھاۋۇدۇنباي ھاشىم بالىخاننى يۇرتىغا قايتىدىغان كارۋانلار بىلەن يولغا سالىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا ئۈچ پۇتبول توپى بىلەن بىر ناسۇس يوللۇق تۇتتى.بۇ توپلار پامىر تاغلىرى ئارىسىدىكى تىك- خەتەرلىك مۇز-داۋانلاردىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ ھاشىم بالىخان بىلەن بىللە ئىكىساققا يىتىپ كەلدى. تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي ئىكىساق دىھقانلىرى پۇتبولنى ياقتۇرۇپ قالدى.
1880-يىللاردا ئىكساقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پۇتبول كوماندىسى بارلىققا كەلدى.ئۇلار دەسلەپتە تۆت ئادەم بىر گوروپپا بولۇپ ئوينايتتى.ھاشىم بالىخان ،تاياخۇن،نامانكام ،خەلەمكام،نەسپاخۇن،سوپىكام،نۇدۇككام،نەبىكام قاتارلىق توپچىلار ئىكىساق پۇتبولچىلىق تارىخىنىڭ تۇنجى قۇرلىرىنى يازدى .يىللارنىڭ ئۆتۈشى ،تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق ئۆزگىرىشىلىرىگە ئەگىشىپ پۇتبول ھەركىتى يېڭىلىق-تەرەققياتنىڭ سىمۇلى سۈپىتىدە ئىكىساقلىقلارنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس بىرلىشىپ كەتتى.
1927-يىلنىڭ ئاپرېل ئايلىرى. قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ نوبىشى دەرۋازىسىدىن ھېتگاھقا قاراپ سوزۇلغان ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا ئەنگلىيىنىڭ كىچىك بايرىقى قادالغان تۆت چاقلىق ئىنگلىزچە پەيتۇن ئىرغاڭلاپ تېز كېتىۋاتاتتى .ئانچە كەڭ بولمىغان بۇ كوچىدا ئات-ئۇلاق ۋە يولۇچىلارنىڭ كۆپلىكىگە قارىماي ئۇچقانداق كېتىۋاتقان پەيتۇن ئالدىدىن پات - پاتلا دوڭغاقلاپ مىڭىپ ياشانغان بوۋايلار، ئىشتانسىز كىچىك بالىلار ياكى پەرەنجىلىك ئاياللار ھۇدۇقۇپ يۈگۈرۈپ ئۆتىشەتتى. كوچىدىكى ئادەملەر چاڭ توزىتىپ يىراقلاپ كىتىۋاتقان بۇ ئالىپتە پەيتۇنغا ھەيرانلىق، قىزىقسىنىش، ئەيمىنىش ۋە نەپرەت ئارلىشىپ كەتكەن مۈرەككەپ ھىسيات ئىچىدە قارىشىپ قالاتتى.
تار كوچىدىن ئۇزۇن پەرەنجىگە يۆگەنگەن ياش، نازۇك بىر قىز يەرگە قارىغىنىچە ئاستا مىڭىپ چىقىپ كەلدى. قارىغاندا ئۇ چۇڭقۇر خىيالغا پاتقاندەك قىلاتتى، بولمىسا ئارقىسىدا كوچىنى بىر ئىلىپ تاراقلاپ باستۇرۇپ كىلىۋاتقان ئۈچ ئاتلىق پەيتۇننى بايقىغان بولاتتى. ئەمما ئۇ ھىچ نەرسىنى سەزمەيلا قالماستىن، پەرەنجىسىنىڭ گىرۋەكلىرىنى نازۇك بارماقلىرىغا يۆگەپ تۇتقىنىچە يولنىڭ قارشى تەرىپىگە قاراپ قەدەم تاشلىدى. كىشىلەر ۋارقىرىشىپ كەتتى. شۇ چاغدىلا قىز ئارقىسىغا قاراپ ئۈستىگە باستۇرۇپ كىلىۋاتقان يوغان ھارۋىنى ، ئۆزىنىڭ يوغان قارا ئاتنىڭ ئىگىز پۇتلىرى ئارىسىغا كىرىپ قالغانلىقنى بايقىدى. ئاشۇ ئاخىرقى دەقىقىلەردە ئۇ كىمدۇر ئىزدىگەندەك كەينىگە قارىدى. ئۇنىڭ تاتارغان ئەمما تەڭداشسىز گۈزەل چىراينى، ئۈمىتسىزلىكتىن خىرەلەشكەن قارا كۆزلىرىنى كۆرگەنلەر « ۋاي ئىسىت !» دەپ قلىشتى.
دەل شۇ پەيتتە مۆجىزىدەك بىر ئىش يۈز بەردى. نەدىندۇر بۇركۈتتەك ئىتىلىپ كەلگەن ياشقىنا بىر يىگىت قىزنى ئارقىسىدىن قۇچاقلىغىنىچە يولنىڭ چىتىگە قاراپ يۇمىلىدى. ئاتلار ھۆركۈپ، پەيتۇننى تاراقشىتىپ سۆرەپ كەتتى. ھەيران قالغان ھەم ھاياجانلانغان كىشىلەر قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. بۇ كوچىدىكى كىشىلەر قىزنىڭ چوڭ بىر باينىڭ يالغۇز قىزى ئىكەنلىگىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار يىگىتنى«سەن كىم ؟ قەيەرلىك سەن ؟»،«سەن ئۆزۈڭ قۇتۇلدۇرغان بۇ كىشىنىڭ كىملىگىنى بىلەمتىڭ ؟»دىگەندەك سۇئاللارغا كۆمۈپلىۋەتتى .
مەن بىر يولۇچى، - دىدى يىگىت ۋە كىشىلەرنىڭ تىخىمۇ كۆپ سۇئالىنى جاۋابسىز قويۇپ يولىغا راۋان بولدى. قىز بولسا ئالىقاچان بايا چىققان تار كوچىغا قېچىپ كىرىپ كەتكەنىدى.
پەيتۇندا ئولتۇرغان ئەنگلىيە كولسۇلنىڭ خانىمىمۇ بۇ كۆرنۈشتىن ھاياجانلانغاندى .بولۇپمۇ يىگتنىڭ چەبدەسلىكى ئۇنىڭغا ياراپ كەتتى .ئۇنىڭ ئوقتەك كېلىپ قىزنى قۇچاقلاپ يۇمۇلىغان ھالىتى خانىمغا ئەنگلىيەدە پات-پات ئۆتكۈزۈلۈپ تۇردىغان پۇتبول مۇسابىقلىرىنى ،داڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ چەبدەسلىك بىلەن ئېتىلىپ كىلىپ توپنى ئېلىپ مېڭىشلىرىنى ئەسلەتتى .بۇ ئەنگلىيەدە ئەمەس ، بۇ يەردە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ،بۇ بىر خەتەرلىك ھادىسە ،بايىلا بۇيەردە ياش بىر قىز ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالدى .شۇنداق چىرايلىق بىر قىز...
گېللىئان خانىم خونزارلىق پەيتۇنكەشكە نارازىلىق ئارلاشقان ئەندىشە ئىچىدە قاراپ قويدى. قارا چاچ تىرىسى سارغۇچ قارامتۇل كەلگەن، ياڭاق سۆڭەكلىرى بورتۇپ چىقىپ تۇرىدىغان 30 نەچچە ياشلاردىكى بۇ ئادەم تىپىك ئاسىيالىق ئىدى. ئەمما ئۇ ئۇزاقتىن بۇيان ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئارلىشىپ ئۆتكەنلىكتىن بولسا كىرەك، ئاسىيالىقلارنى، بولۇپمۇ قەشقەرلىكلەرنى پەس كۆرەتتى. پەيتۇننى ئۇچقاندەك تىز ھەيدەپ، بۇ غەلىتە ھارۋىغا ھاڭۋاققىنىچە قاراپ قىلىپ، ئۆزىنى چەتكە ئىلىشنى ئۇنۇتقان كىشىلەرنى بولۇپمۇ سەھرالىقلارنى « چۆچۆتۈپ » قويۇشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ، قۇرقۇنىچتىن ئالاق - جالاق بوپكەتكەن كىشىلەرنىڭ يىنىدىن تېز سۇرئەتتە، سۈركىشىپ دىگۈدەك ئۆتۈپ كىتەتتى ۋە ئۆزىنىڭ ماھارىتىدى سۆيۈنۈپ نەچچە كۈنگىچە كۆرەڭلەپ يۈرەتتى. ئەمما بۇ سىناق داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋەرمەيتتى. بىر قىتىم ئېشەكلىك بىر بوۋاي ئېشىكى بىلەن پەيتۇن تىگىدە قالدى. يەنە بىر قىتىم بالا كۆتىرىۋالغان بىر ئايال يىقىلىپ، بالىسى نەچچە مىتىر يىراقلىققا ئۇچۇپ چۈشكەنىدى. ھەر قىتىم ھادىسىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ تۇققانلىرى بۇ ئىشنى خۇدادىن كۆرۈپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك سەۋر- تاقەتچانلىقىنى ئىپادىلەيتتى. ھەتتا كونسۇل گېللىئان ئەپەندى ھال سوراش يۈزىسىدىن بەرگەن پۇللارنىڭمۇ قايسى بەگ، قايسى قازىنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەيتتى. گېللىئان خانىم قىزىل جىيەكلىك فورما كىيىپ، پەيتۇندا گىدىيىپ ئولتۇرىدىغان پەيتۇنكەشنىڭ مۇنداق ئىشلىرىدىن نارازى ئىدى. ئۇنىڭ پەيتۇننى پاكىز تۇتىدىغانلىقى ، ئاتلارغا ياخشى قارايدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئىشتىن بوشىتىۋىتىشكە قىيمىغانىدى. شۇڭا داۋاملىق ئۇنىڭغا پەيتۇننى ئېھتىيات بىلەن ھەيدەشنى جىكىلەپ تۇراتتى: - بۇلارمۇ ئادەمغۇ، تۇرمۇشنىڭ قىيىنلىقى، تېرىكچىلىك شارائىتىنىڭ ناچارلىقى بۇ ئادەملەرنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. ئىنچىكىلەپ قارايدىغان بولسىڭىز بۇلاردا بىر خىل ئېسىل سۈپەت بار. ئاۋۇ ئاپپاق ساقاللىق بوۋاينىڭ سالاپىتىگە قاراڭ، ئۇنىڭ پىشانىسى خۇددى سوقراتنىڭكىگە ئوخشايدىكەن ..... ئاۋۇ ئىشەكتە تۇرغان ئايالنى كۆردىڭىزمۇ. لوندۇندا بولىدىغان بولسا چوقۇم داڭلىق گۈزەللەردىن ھىسابلانغان بولاتتى. باللىرىنى دىمەيسىز، نىمىدىگەن سۆيۈملۈك ، نىمىدىگەن چىچەن - ھە. مەن ئۇيغۇر باللىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن...
خانىم شۇنداق سۆزلەپ كىتەتتى. ئوچۇق زەڭگەر كۆزلىرىنى سىرتقا تىكىپ، « مىڭ بىر كىچە » چۆچەكلىرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ ئاجايىپ يۇرت ۋە ئۇنىڭدا ياشايدىغان كىشىلەر توغرىسىدا تىنماي مۇلاھىزە قىلاتتى.
پەيتۇن قەشقەرنىڭ ئوڭغۇل-دوڭغۇل كوچىللىرىدا بىر پەس ماڭغاندىن كىيىن ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئەنجان رەستىسى تەرەپتىكى بۇرجىگىگە كىلىپ توختىدى. ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدىكى كەڭرى مەيدان ھەر قاچانقىدەك يىمەك -ئىچمەك ، يەل-يىمىش، كىيىم-كىچەك ساتىدىغان ئۇششاق تىجارەتچىلەر، خېرىدارلار، ئىش كۈتۈپ تۇرۇشقان ھاممال-مەدىكارلار، چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ جېمى جاھاننىىڭ پارىڭىنى سوقىدىغان بىكارچىلار، ساپايى چىلىپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان قەلەندەرلەر بىلەن تولغانىدى. جامەنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېگىز تېرەكلەرنىڭ سايىسى چۆچۈپ تۇرىدىغان سۇپىلاردا يوغان سەللىلىك، ئاپپاق ساقاللىق موللىلار قاتار ئولتۇرۇشۇپ قىزىق سۆھبەتكە چۈشكەنىدى. دوپپىلىق، تۇماقلىق، بەقەسەم ياكى چەكمەن تون كېيىپ بەللىرىنى باغلىغان ئەر كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا كەڭ، ئۇزۇن پەرىجە كىيىپ، يۈزىنى ياپقان، باللىرىنى ئەگەشتۈرىۋالغان ئاياللار ئاندا - ساندا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. لىق گىردە تۇلدۇرۇلغان يۇمىلاق، يوغان تەۋەڭنى بىشىغا ئېلىپ ئۇستا سېركىچىدەك مىغ- مىغ ئادەملەر ئارىسىدا خىرامان ئايلىنىپ يۇرگەن شاگىرىت بالا ، ھىلىلا بازاردىن سېتىۋالغان قىزىل خورىزىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇۋالغان تاغلىق دېھقان ئالاھىدە كۆزگە تاشلىناتتى. قاما تۇماق، تاۋار تون كىيگەن چىرايى پارقىراپ تۇرىدىغان، كەينىدە چاپارمەنلىرى ئەگىشىپ يۈرگەن بايۋەتچىلەر ئالامان ئىچىدە سوقۇشقاق خورازلاردەك گىدىيىشىپ يۈرىشەتتى. ھېيتگاھنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چوڭ يولدىن ئېسىل ئاتلار قوشۇلغان ياسىداق مەپىلەر قۇڭغۇراقلىرىنى جىرىڭلىتىپ توختىماي ئۆتۈپ تۇراتتى. كاتتىراق بىرەر مەپە ئۆتكەن چاغدا، بىكارچىلاردىن بىرەرسى: كۆردۈڭلارمۇ پالانچى ھاجىمنىڭ ياكى پالانچى بەگنىڭ مەپىسى دەيتتى . قالغانلار بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ تاكى مەپىنىڭ قارىسى يىتكىچە قارىشاتتى. ئارقىدىن تىلىنى چاكىلدىتىپ ئاتنى ياكى مەپىنىڭ بېزەكلىرىنى بىر ھازا ماختىشاتتى. تېخىمۇ ئىچكىرلەپ مەپىنىڭ ئۇجۇر-بۇجۇرلىرىغىچە سۆزلىشىپ كۆڭلىنى خوش قىلىشاتتى. ئەجنەبىيچە پەيتۇن ئەلۋەتتە بۇ يەردە ھەممىدىن زور قىزىقىش قوزغىدى. بىردەمدە پەيتۇن ئەتراپىدا بىر مۇنچە بىكار تەلەپ بىلەن تىلەمچى پەيدا بولدى. پاكار، دوغىلاق، قىزىل يۈزلۈك قاسساپ ئۆزىدىن گۆش ئالىدىغان پەيتۇنكەشنى كۆرۈپ يۈگۈرۈپ يىتىپ كەلدى ۋە تەزىم قىلىپ، ئۇنىڭغا شەرىت ئارىلاش بىر نەرسىلەرنى دېگىلى تۇردى. چىرايى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ئەر كىشىلەر باشلىرىنى ئېگىپ پەيتۇن ئىچىدە ئولتۇرغان ياش خانىمغا قىزىقىپ قارىشاتتى ۋە كۈلۈشۈپ بىر-بىرىگە بىر نەرسىلەرنى دەيتتى. بەزىللىرى پەيتۇننىڭ ئۇ يەر، بۇ يىرىنى تۇتۇپ سىلاپ بىقىشاتتى. خانىم ئەنگىلىيىدىن يىڭى كەلگەندە كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە قاراپ كۈلۈشكىنىنى كۆرۈپ ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى بىلىدىغان كاتىپتىن : « ئۇلار نىمە دەيدۇ ؟ » دەپ سورىغىنىدا كاتىپ ئۇنىڭغا : « كەچۇرسىز خانىم، ئۇلار سىزنى مايمۇنغا ئوخشايدىكەن دەۋاتىدۇ » دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.
پەيتۇنكەش قاپىقىنى تۈرۈپ ئەتراپتىكىلەرنى قوغلاشقا باشلىدى. دېمىسىمۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاجايىپ چىۋەر ئوغرىلار بار ئىدى. ئۇلار پۈرسەت تاپسىلا پەيتۇندىن قولىغا چىققان نەرسىنى ئوغرىلاپ كېتىشەتتى. ئۇلارنىڭ ئادەمنى قارىتىپ تۇرۇپ ئاشۇ نەرسىلەرنى قانداقلارچە شۇنچە تىز ئوغرىلاپ كەتكىنىگە ئادەمىنىڭ ئەقىل يەتمەيتتى.
كوچا ئاغزىدىن تىقىلىشىپ تۇرغان بىر نەچچە مەپە جايىدىن قوزغىلىپ ئەنجان رەستىسىگە ئۆتىدىغان يول ئىچىلدى، پەىيتۇنكەش ئەتراپتىكىلەرنى « ھارامتاماق ئوغرىلار، يالقاۋلار » دەپ تىللاپ ، پەيتۇننى ئەنجان رەستىسىگە ھەيدىدى. ئەنجان رەستىسى قەشقەردىكى كەڭرەك ، رەتلىكرەك كوچىلاردىن بىرى ئىدى. كوچا ئۈستى ياغاچ ، بورىلار ياكى ئىككى ياقتىكى ئۆيلەرگە ئارتىلدۇرۇپ سىلىنغان بالىخانا ئۆيلەر بىلەن يىپىلغان بولۇپ، ئۇ يەر -بۇ يەردىن چۈشۈپ تۇرغان كۈن نۇرى كوچىنى خىرە يورۇتۇپ تۇراتتى. كوچىنىڭ ئىككى يىنىدا ئۆزبىك، ھىندى ۋە يەرلىك باي سودىگەرلەر، جازانىخورلارنىڭ ئىككى قەۋەتلىك خىش ئۆيلىرى ۋە دۇكانلىرى، بىر -بىرىگە ئۇلۇشۇپ كەتكەن زەرگەر بازىرى بار ئىدى. بۇ دۇكانلاردا چەت ئەللەرنىڭ ئېسىل رەخت، موينا، كىيىم -كىچەكلىرىدىن تارتىپ ئىران گىلەملىرى، خاڭجۇ ۋە خوتەننىڭ يىپەك رەخت، ئەتلەسلىرى سىتىلاتتى. يەرلىك زەرگەرلەر ياسىغان ئالتۇن - كۆمۈش، زىبۇ - زىننەتلىرىمۇ خىلى سىپتا ئىدى.گىللېئان خانىم پەيتۇننى بازارنىڭ ئىچكىرسىدىكى بىر تار كوچىنىڭ ئاغزىغا توختاتتى. ئاشۇ تار كوچىدا خىلى چوڭ بىر يىپەك مال دۇككىنى بار ئىدى .دۇككان خوجايىنى ئەزەلدىن چەت ئەللىكلەر بىلەن سودا قىلىپ كەلگەن ئۇقۇمۇشلۇق يەرلىك سودىگەر ئىدى. دوقمۇشتا قىزىل سىرلانغان ئىگىز چاقلىق، ئىشىكىگە چىلتەكلىك تاۋار پەردە تۇتۇلغان مەپە توختىدى.
مەپە ئالدىدا قۇراللىق ئىككى ئەسكەر تۇراتتى. سەل نىرىدا يەرلىك كىشىلەردىن بىر توپ ياش ئەر بىلەن ئۇششاق بالىلار تاماشا كۆرۈپ تۇراتتى. تار كوچىغا پىيادە كىرمەكچى بۇلۇپ تۇرغان خانىم، ئەسكەرلەرنىڭ رەتلىك قەدەم تىۋىشى، ئوفىتسىرلارنىڭ بۇيرۇق ئاۋازى، مىلتىقنىڭ شاراق - شۇرۇق قىلغىنىنى ئاڭلاپ جايىدا تۇرۇپ قالدى. تار كوچىدىن يەتتە-سەككىز ئەسكەر يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ مەپىنىڭ ئەتراپىدا ئىككى قاتار بولۇپ ھۆرمەتتە تۇردى. ئارقىدىنلا بىر نەچچە ياش ئوفىتسىرنىڭ ھەمرالىغىدا قىزىل ، ھاۋارەڭ كۆڭلەك، زەرلىك تاۋار كەمزۇل، كىچىك پۇتلىرىغا گۈل بىسىلغان خەي كىيگەن ئالتۇن -كۆمۈش ،قاشتىشى زىبۇ -زىننەتلىرىنى بولۇشىغا تاقاپ، قىنىق گىرىم قىلغان ئىككى ياش خىنىم ئەركىلىپ، تولغانغىنىچە چىقىپ كەلدى. تاماشا كۆرۈپ تۇرغان ئەرلەر بىلەن ئۇششاق بالىلارنى كۆرۈپلا يۇپۇرلۇپ كەلدى. ئەرلەرنىڭ چىرايىدا ئاشكارە بىر ھەۋەس، ئېچىرقاش ئىپادىلىنەتتى. بولۇپمۇ توپنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرغان كىيىملىرى جۇل - جۇل، يۇز كۆزىنى قاسماق باسقان گومۇش چىراي بىر ئەر ياش خىنىملارغا قاراپ ھىڭگىيىپ كۈلۈۋىدى، قىلىن لەۋلىرىنىڭ بۇرجىگىدىن سىرغىغان شۆلگىيى يىپتەك ئۇزۇن سوزۇلۇپ ، كىردىن پارقىراپ كەتكەن تونىنىڭ ياقىسىغا ئېقىشقا باشلىدى.ئەركە- نايناق خېنىملاردىن بىرى ئۇنى كۆرۈپ:
-ئەييۇ، جىگې، سىڭكۇ! ئېشىن سىلى،- دىيىشىگە، ئوفىتسىرلار بىلەن ئەسكەرلەر يۈگۈرۈشۈپ كىلىپ ھىلىقى گومۇشنى يەرگە يىقىتىپ مۇشتلاپ دەسسەپ كىتىشتى. بۇنىڭ بىلەن پۇخادىن چىقماي ئەتراپتا تۇرغانلاردىن ئۈچ - تۆتنى تارتىپ ئەكېلىپ مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن ئۇرۇپ باش كۆزىنى قانغا بويىدى...
بۇ ۋەقە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە يۈز بەردى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئىككى خىنىمنى يۆلەپ مەپىگە چىقىرىپ، مەپىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ ، بىردەمدە كۆزدىن غايىپ بولدى. بۇ ۋەقەنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ھىلىقى گومۇش تىخىچە يەردە ئىڭراپ ياتاتتى تاياق يىگەن بىر نەچچسى دەلدەڭشىگىنىچە « ۋايجان - ۋاييەي » دەپ نالە قىلىشاتتى. دۇككان خوجايىنلىرى، خىرىدارلار، بايىقى بىر توپ تاماشە كۆرگۈچى بۇ يەردە ھىچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك بىر خىل سوغۇق ئىپادىدە قاراپ تۇرىشاتتى. بۇ سوغۇقلۇق نىمىشقىدۇر ئادەمنىڭ تىنىنى شۈركۈندۈرەتتى...
گىللېئان خانىم بىردىنلا كەينىگە ياندى.ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشقاندەك بولدى. ئۇنىڭ بۇ يەردىن مال سىتىۋالغۇسى كەلمىدى. بۇ كوچىدىن، بۇ كوچىدىكى، بۇ شەھەردىكى ئادەملەردىن رايى يانغانىدى.
چىنباغ-ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى جايلاشقان باغلىق قورۇنىڭ نامى. ئىيتىشلارغا قارىغاندا ئىسىم قويۇشقا ماھىر قەشقەرلىكلەر بۇ باغنىڭ پەلەمپەيسىمان يەر شەكلىنى ۋە جانا چىنىدەك چىرايلىق كۆركەملىگىنى سۈپەتلەش ئۈچۈن چىنباغ دەپ ئاتىغانىكەن.
چىنباغ ھەقىقەتەن گۈزەل بىر جاي. بۇككىدە دەل-دەرەخلەر ئارىسىغا جايلاشقان ئىگىز پوسۇندىكى ئىمارەتلەر ۋە راۋاق شەھەر سىپىلىغا ياندىشىپ پۈتكۈل قەشقەر شەھرىگە ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى چەكسىز ئېتىز-باغلارغا، ئەگرى- بۈگرى كەتكەن دەريا - ئىقىنلارغا يىراقتا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتىرىپ تۇرغان پامىر تاغلىرىغا نەزەر سىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ جاھاننىڭ تەرەپ -تەرەپلىرىدىن قەشقەرگە كەلگۈچىلەر ئۈچۈن ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ سۈت ئۇيقۇسىدا ياتقان بۇ قەدىمقى شەھەردىكى زامانىۋى مەدىنىيەتكە، بۇ شەھەرنى يىراققا تاشلاپ كىتىۋاتقان شاۋقۇن - سۈرەنلىك كەڭ دۇنياغا ۋە تەرەقىقىياتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىچىككىنە ئارال، چۆل -جەزىرىدىكى خىيالى جەننەت ھېسابلىنىدۇ.
پەيتۇن ئەنگىلىينىڭ قالقان شەكىللىك دۆلەت گېربى قادالغا كونسۇلخانا دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلگەندە سوكنۇدىن فورما كىيگەن، قىزىل سەللىلىك ، بومبۇر ساقاللىق ئىككى ھىندى ئەسكەر تىك تۇرۇپ كونسۇل خانىمغا سالام بەردى.
دەرۋازا ئىچىدىكى توپ مەيداندا ياللانما خادىملار بىلەن پۇتبول ئويناۋاتقان ياش ياردەمچى كونسۇل جورج. شىرىف ئەپەندى خانىمغا يىراقتىن ئىھتىرام بىلدۈردى. پەيتۇن يولنىڭ ئىككى يىقىدىكى رەتلىك سىلىنغان ياللانما خىزمەتچىلەر ئۆيى، ھىندىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ، كونسۇلخانا دوختۇرىنىڭ ئۆيىدىن ئۆتۈپ دۆڭدىكى ئىچكىركى قورۇنىڭ ئالدىدا توختىدى. پەيتۇنكەش ئاۋۋال سەكرەپ چۈشۈپ پەيتۇننىڭ ئېشىكىنى ئىچىپ خانىمنىڭ پەيتۇندىن چۈشۈشىگە ياردەملەشتى.گىللېئان خانىم دەرەخلەر ئارىسدىكى بالكۇنلۇق ،يوغان دىرىزىللىرى كۈن نورىدا ۋالىلداپ تۇرغان كونسۇلخانا بىناسىغا نەزەر سالغىنىدا ھەر قاچانقىدەك كۆڭلىدە مەمنۇنلۇق ۋە قانائەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى. ئۇ، پەي قىستۇرۇلغان شىلەپىسىنى قولىغا ئىلىپ ئاق تور پەلىيىنى يەشكەچ كەڭ پەلەمپەيگە چىقتى. قولىدىكى نەرسىلەرنى ئىشىكنى ئىچىپ بەرگەن ھىندىستانلىق خىزمەتكارغا بىرىپ :
-ئەپەندىم ئۆيدە بارمۇ ؟ دەپ سورىدى.
-ئەپەندىم ھازىرلا ئاتلىق چىقىپ كەتكەنىدى،-دىدى خىزمەتكار ھۆرمەت بىلەن. ئۇ ، خىزمەتكارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەندەك تاملىرىغا ھايۋان مۇڭگۈزلىرى ۋە باش سۆكەكلىرى چوڭايتىلغان سۈرەتلىرى ئىسىلغان قۇبۇلخانىنى ، تورۇسى ئىگىز، تىپتىنىچ، سۈرلۈك ئىشخانىلارنى ، ئىككىنچى قەۋەتتىكى چىرايلىق بىزەلگەن، ئوتتۇرسىغا بىليارت شىرەسى ، پاتىفۇن، تام بويلاپ ئىگىز ئەينەكلىك كىتاب ئىشكاپلىرى قويۇلغان چوڭ ئۆينى ئارىلىدى. ئۇ شۇ تاپتا گىللېئان ئەپەندىنى بۇ يەردە كۆرۈشنى، بۈگۈن بازاردا كۆرگەنلىرىنى، كالىلىسىدىكى خىلمۇ -خىل ئوي -پىكىرىنى ئىيتىپ بىرىشنى ، ئۇنىڭ تەسەللى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلىدىكى غەشلىكلەرنى ئۇنتۇپ كىتىشنى شۇ قەدەر خالايىتتى- ھە. ھەر قاچان ، ھەر قانداق ئىشتا بۈيۈك بىرتانىيە ئىمرىيەسىنىڭ مەنپەتى نۇقتىسىدىن پىكىر يۈرگۈزىدىغان گىللېئان ئەپەندى ھەددىدىن ئارتۇق ھىسياتچان خانىمنى بىر نەچچە ئېغىز ماختـاپ ئۇچۇرۇپ ۋە يىنىككىنە تەنبىھ بىلەنلا پەسكويغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. خانىممۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قايىل بولاتتى ۋە ئۇنىڭدىن تەسەللى تاپاتتى.
ئۇ كىتاب ئىشكابىنىڭ ئالدىغا بىرىپ كىتابلارنىڭ يۇقىرسىغا چاپلانغان « ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت قىممەتلىك ھۆجقەتلەر ۋە ئەسەرلەر »، « ئوۋچىلىق قامۇسى »، «رازۋېدكا رومانلىرى » دەپ يىزىلغاي كىچىك باغاقچىلارغا بىر دەم قاراپ تۇردى. ئارقىدىن ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا كىلىپ كىچىك شىرەدىكى پاتىفۇن پىلاستىلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. نىمىدىگەن قىزىق - ھە! قەشقەرلىكلەر پاتىفۇننى « شەيتان نەغمىسى » دەپ ئاتىشىدۇ.
ئۇ پاتىفۇننى ئىچىپ كونا بىر پىلاستىنكىنى قويدى، ئۇ موزارتنىڭ مۇزىكىسى ئىدى. ئۇ بۇ يەردە - قەشقەردە موزارتنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلاش تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلدى.
ئۇ تەۋرەنمە ئورۇندۇقتا مۇھەببەت كۈيلەنگەن يىقىملىق مۈزىكىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ نىمىشقىدۇر نوبىشى كوچىسىدىكى ھىكىقى كىچىككىنە قىستۇرمىنى - نازۇك، لاتاپەتلىك، گۈزەل قىز بىلەن ئۇنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغان بۇركۈتتەك چەبدەس يىگىتنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرىدى.
ئۇ يىگىت شۇ تاپتا قەشقەردىن ئاتۇشقا قاراپ سوزۇلغان يولدا چاپىنىنى مۈرىسىگە سىلىپ تىز قەدەملەر بىلەن كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇغداي ئۆڭ، يۇمىلاقراق كەلگەن يۈزىگە يارىشىپ، ئەقىل ۋە ھىسيات بايلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كىرپىكلىك يوغان قارا كۆزلىرىگە چۇڭقۇر خىيال ۋە مۇڭ چۆككەن، يۈرىكى ھاياجانغا تولغانىدى. سېھرلەنگەندەك ئالدىدىكى نامەلۇم بوشلۇققا تىكىلگەن كۆزلىرى گويا قاندۇقتۇر خىيالى بىر ئىشنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ياكى كىم بىلەندۇر سۆزلىشىۋاتقاندەك گاھ غەزەپتىن ئوتتەك چاقناپ كەتسە، گاھ مۇھەببەتتىن مۇلايىم، خۇمارلىق جىلۋىلىنەتتى. ەۋلىرى نىمىلەرنىدۇ پىچىرلاۋاتقاندەك بىلىنەر-بىلىنمەس تىترەيتتى .... ئەجەپ بىر ئىش بولدى - ھە .خۇددى بىرسى ئىتتىك بول دىگەندەك پىشىمدىن تارتقاندەك يۈگۈرۈپ كەلگەنىدىم. بىر قەدەم كىچىككەن بولسامزە .... كارامەتلىك خۇدا ئىككىمىزنىڭ دىلىغا بۇ ئوتنى ئۆزەڭ سالغان بۈگۈن بۇ يەردە مىنى بىر سىنىماقچى بولغانمىدىڭ ؟ سىنىقىڭدىن ئۆتكەن بولسام ئىشىمنى ئۆزۈڭ ئاسان قىلغايسەن، يىتىم بەندەڭنى مۇرادىمغا يەتكۈزگەيسەن، ئاھ، خۇدا !
ئۇ بۈگۈن قەشقەرگە ئاشۇ قىزنى بىر كۆرۋىلىش ئۈچۈن كەلمىگەنمىدى، ئۇنىڭ كوچىسىنى ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى نەچچە ئايلانمىغانمىدى. ئاخىر قىزنى كۆرۈش ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ھىيتگاھنى بىر پەس ئايلىنىپ قايىتىپ كەتمەكچى بولدى. ئاشۇ چاغدا كۆڭلى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك، بىر نەرسە ئۇنى ئاشۇ مەھەللە تەرەپكە تارتقاندەك بولدى. ئۇ ئاشۇ يۇگۈرەك پۇتلىرىغا تايىنىپ قىزنى ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدىن تارتىۋالدى. ئۇ قىز ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىشقىمۇ رازى ئىدى.
ئۇ قىزنىڭ يۇمران تېنىنىڭ ھارارىتىنى ، قاتتىق ھاسىراپ، ئوق تەككەن كىيىكتەك تىپىرلاشلىرىنى سەزگىنىدە بىردىنلا قاتتىق ھۇدۇقۇپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. قىز ئۇنىڭ قولىدىن ئاجراپ ئۇنىڭغا لەپپىدە بىر قاراپ قويدى- دە تېزلىكتە ئۆزىنى ئوڭشاپ ئۆيى بار تار كوچىغا كىرىپ كەتتى.
ئۇ، قىزنىڭ قىزارغان يۈزىنى، ھاسىراشتىن نازۇك گەۋدىسىنىڭ تىترەشلىرىنى، كۆزلىرىدىكى ۋەھىمە ۋە ھاياجاننى، ئۇياتچانلىقنى شۇنچە يىقىندىن كۆردى. ئۇنىڭ ئاشۇ لەپپىدە بىر قاراپ قويۇشى ئۇنىڭ يۈرىكىگە چۇڭقۇر ئورناپ كەتتى. ئۇ ھېسابسىز مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاراش ئىدى. ئۇنى تىل تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پەقەت ئاشىق يۇرىكى ئارقىلىق سېزىۋالاتتى. شۇ تاپتا ئۇ خۇددى بېخىل پۇل پارچىلىغاندەك قىزنىڭ ئاشۇ قارىشىنى ئۆز خىيالىدا پارچىلاپ ئۇنىڭ ھەر بىر بۆلىكىدىن ئۆزگىچە زوق - لەززەت ئالاتتى . بۇ زوق ۋە لەززەت تەڭداشسىز كۈچ - قۇۋۋەتكە ئايلىنىپ ئۇنى قانائەتلەندۈرەتتى. ئۇنىڭ خوشلۇقى ئىچ - ئىچىگە سىغماي، كۆز ئالدىدىكى يىشىل دالىنى، يەر ۋە ئاسمانىنى قۇچاقلىماقچىدەك قوللىرىنى كىرىپ شامالغا قارشى يۈگۈرۈپ كىتەتتى. ئەگرى-توقاي يوللار، ئىگىز-پەس سارغۇچ دۆڭلەر ، كۆكىرىشكە باشلىغان ئوت - چۆپ چاتقاللار، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سۈرەتتەك رەڭدار تاغلار ھەزرەت، ئاۋات بەشكىرەمنىڭ باغلىرى ئۇنىڭ ئۇچقۇر تاپانلىرى ئاستىدىن يىراقلاپ كەتتى. ئەمدى ئۇ ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ تاغ باغرىنى بويلاپ بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن يۇرت - مەھەللىرى ئىچىدە كىتىپ باراتتى. ئەنە ھەمرا باينىڭ خۈۋەينى ئۈرۈكلۈك باغلىرىمۇ كۆرۈندى. بىر چاغلاردا بۇ باغنىڭ ئىگىز ئەنجان تاملىرى ئۈستىدىن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان قىزنىڭ زىل ئاۋازدا ئىيتقان ناخشىللىرى ئاڭلىناتتى. قىز قەشقەرگە كەتكەندىن بىرى بۇ چوڭ باغ ئۇنىڭ كۆزىگە چۆلدەرەپ قالغاندەك كۆرىنىدىغان بولدى.
يىراقتىن ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم مازىرىنىڭ ئىگىز مۇنارىسى كۆرۈنگەندە ئۇ قەدىمىنى تىزلەتتى. ھەبىب ئەجەم مازىرى يېنىدىكى ئاددى قەبرىدە ئاجايىپ بىر ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى، ياق، ئۇنىڭ جىسمى ئۆلگەن بىلەن روھى ھاياتتۇر، ئوغۇللىرى قىلىۋاتقان خاسىيەتلىك ئىشلارنى ئاشۇ روھ ئۇلارنىڭ دىلىغا سىلىپ تۇردىغاندۇ...
مازارغا يانداپ سىلىنغان بىر كورپۇس ئاپئاق بىنا ، قاپقاقلىرى ھاۋارەڭ سىرلانغان چوڭ دېرىزىلىك سىنىپلار ، ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى، يىڭىدىن سىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار ياتاقلىرى، تاش مۇنچا، تىياتىرخانا، كەڭ كەتكەن توپ مەيدانى... مانا بۇئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئىچكىرسىدىكى مازارلار بىلەن تولغان بىر سەھرادا يۈز بەرگەن مۆجىزە - «ھۆسەيىنىيە » مەكتىۋى ئىدى. ئىللىق چىرايىدىن سەبىلىك، ئاق نىيەت پارلاپ تۇرغان بۇ يىگىت بولسا مۇشۇ مەكتەپنىڭ بالا ئەپەندىسى ئىدى.
قىز بىلەن يىگىت ئەسلىدە بىر مەھەللىدە-ئۈستۈن ئاتۈشنىڭ ئىكساق كەنتىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بالىلار ئىدى . ئوغۇلنىڭ ئىسمى كىرەم بولۇپ كىشىلەر ئۇنى دادىسى كىچىكئاخۇننىڭ ئىسمىنى قوشۇپ كىرەم كىچىك دەپ چاقىرىشاتتى، قىزنىڭ ئىسمى مەرىگۈل ئىدى . كىچىك ۋاقىتلىرىدا مەھەللىنىڭ ئىرىق - ئۆستەڭلىرىدە چۆمۈلۈپ، لاي ئويناپ يۈرگەن چاغلىرىدا ئۇلار باراۋەر ئىدى . كىرەم مەرىگۈللەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنى ئوينىغىلى چاقىرىپ چىقاتتى ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئاشۇ جەننەتتەك باغ ئىچىدە ئەتىدىن-كەچكىچە بىللە ئوينايتى. ئۇلا ئاستا-ئاستا چوڭ بولدى. مەرىگۇلمۇ باشقا قىز بالىلاردەك ئۆيىدىن تالاغا چىقمايدىغان، ئۇلار كۆرۈشمەيدىغان بولۇپ قالدى.مەرىگۇلنىڭ دادىسى پات-پات تاغ ئارقىسىغا سودا قىلغىلى بېرىپ تۇرىدىغان چوڭ سودىگەر ئىدى. ئۇنىڭ قەشقەردىمۇ كاتتا دۇكانلىرى، ئۆيلىرى بار ئىدى.كىرەمنىڭ دادىسى كىچىك ئاخۇن بولسا كىرەم قورساقتىكى چاغدا كارۋانلارغا ئەگىشىپ ئەنجان تەرەپلەرەگە چىقىپ كەتكىنىچە خەت-خەۋرى بولمىغان ئىدى. ئانا-بالا ئىككىسى مەھەللنىڭ ئايىغىدىكى كىچىك بىر ھويلىدا يالغۇز ياشايىتتى. كىرەم ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا ئانىسىغا ياردەملىششكە باشلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىنن بىر-ئىككى چاقىرىم يىراقلىقتىكى جاڭگالدا كىرەمنىڭ چوڭ ئانىسىنىڭ ئۆيى بار ئىدى. ئانىسى ھەركۈنى ئاشنى تاۋاققا ئۇسۇپ داستىخانغا چىڭ چىگىپ:« ئوبدان بالام، يۈگۈرۈپ ماۋۇ ئاشنى چوڭ ئاناڭغا ئاپىرىپ بەر. ئاش سوۋۇپ كەتسە چوڭ ئاناڭنىڭ دۇئاسىنى ئالالماي قالىسەن، يۈگۈرۈپ بىرىپ ،يۈگۈرۈپ كەل!» دەيىتتى. قۇلقى يۇمشاق كىرەم ئاشنى ئىسسىق پىتى ئىلىپ بارىمەن دەپ پىلدىرلاپ يۈگۈرۈپ ماڭاتتى. چوڭ ئانىسى ئىسسىق ئاشنى ئىچىپ ئۇنىڭغا ۋە ئانىسىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ بولۇپ « تاتلىق نەۋرەم، قارا كۆز نەۋرەم» دەپ ئەركلىتەتتى. قولغا قۇيماقتەك ساپسىرىق، شىرىن قاقلارنى تۇتقۇزۇپ:«بىچارە ئاناڭ ئەنسىرەپ قالمىسۇن، يۈگۈرۈپ-يۈگۈرۈپ ئۆيۈڭگە كەتكىن، بىركىملەر ئېتىڭنى چاقىرسا ئالدى-كەينىڭگە قارىمىغىن» دەپ تاپىلايىتتى.كىرەم ئانىسىنىڭ چۆچەكلىرىدىكى دەرەخ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرىۋالدىغان، مەھەللىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئېتىنى بىلىدىغان جىنلارنىڭ ئۆزنى تۇتۋىلىشىدىن قورقۇپ، ئالدى-كەينىگە قارىماي ئۇدۇل ئۆي تەرەپكە چاپاتتى. ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى مۇسا ھاجىمنىڭ ئوغۇللىرى ئاچقان« ھۈسەيىنىيە» مەكىتىپىگە ئوقۇشقا كىردى. ئۇ مەكتەپكە كىرگەن تۈنجى كۈنى تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئۇنى يىتىلەپ ئىسسسىق مۇنچىغا ئەكىرىپ يۇيۇندۇرغىنى، سارغۇچ ماتادا تىكىلگەن مەكتەپ فورمىسىنى كىيدۈرۈپ قويغىنى ئۇنىڭ ئېسىدىن زادى چىقمايدۇ. ئۇ، مەكتەپ ھاياتىغا تېزلا ئۆزلىشىپ كەتتى. بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ يۈگۈرۈك، چەبدەسلىكى بىلەن تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيىتىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈندى. مەكتەپ مۇدىرى تۇرسۇن ئەپەندى تۈركىيىنىڭ داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئون يىللاپ ئوقۇپ كەلگەن ئالىي مەلۇماتلىق، بىر نەچچە خىل چەت ئەل تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ھەممە ئادەمنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشى ئىدى. ئۇ يەنە چېنىققان تەنتەربىيىچى، ئۇستا توپچى ئىدى. بىر قىتىم كېرەم كىچىك 100مېتىرغا يۈگۈرۈشتە بىرىنچىلىكنى ئالغاندا، شۇ ئەپەندىم ئۇنىڭ باش-كۆزىنى سىلاپ «بارىكاللا ئوغلۇم، ئاتاڭغا رەھمەت، خۇدا خالىسا مۇشۇ يۈگۈرۈك پۇتلىرىڭ بىلەن ھەممەمۇراد-مەقسىتىڭگە يېتىسەن» دەپ پىشانىسىدىن سۆيگەنىدى. ئۇ سەل چوڭ بولغاندا تۇرسۇن ئەپەندى ئۇنى قولىدىن يىتىلەپ ئاپىرىپ مەكتەپ پۇتپول كوماندىسىدىكىلەرگە؛ «مانا بۇ يىگىت ئۇزاققا بارمايلا ناھايىتى ياخشى بىر ھۇجۇمچى بوپقالىدۇ»دەپ تونۇشتۇردى. ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنىڭ ئەس-يادى پۇتپۇلغا باغلاندى. ئۇ، «كېرەم توپچى »دېگەن نامغا ئاشۇ مۇشتەك ۋاقىتلىرىدىلا ئېرىشتى. تۇرسۇن ئەپەندى ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مىھرىبان، ئەڭ قەدىرلىك، شۇنداقلا كۆزيەتكۈسىز ئۇلۇغ ئادەم ئىدى.
ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئانىسى نامازغا قوپقاندا كېرەم كىچىكىمۈ تەڭلا ئورنىدىن تۇراتتى. ئالدىراپ ناشتا قىلىۋېلىپلا مەكتەپكە يۈگرەيتتى. ئۇ ئەمدى جىندىن قورقمايدىغان بوپ قالغان ئىدى. مەكتەپكە بالدۇرراق بېرىش ئۈچۈن باغلارنىڭ شورلىرىدىن ئۆمىلەپ كىرەتتى. قاشالاردىن ئاتلاپ، ئۆستەڭلەرنى كېچەتتى. بەزىدە ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن يوغان بۆرە ئىتلار چىقىپ ئۇنى قوغلاپ كېتەتتى. تاپانلىرى يەرگە تېگەر-تەگمەي دېگۈدەك يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان كېرەمنىڭ ئارقىسىدىن بىردەم قوغلاپ بېقىپ، ئۈمىدسىزلەنگەندەك توختاپ قېلىشاتتى. تاڭ نۇرى ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم ئاسمانپەلەك پەشتىقىنى، پەشتاق يېنىدىكى ئاپئاق ئاقارتىلغان سىنىپلارنى، توپ مەيدانىنى، مەكتەپ ۋە مەيدان ئەتراپىدىكى قويۇق تېرەكلەرنى غۇۋا يورۇتۇشقا باشلىغاندا ئۇ مەكتەپكە يېتىپ كېلەتتى. ئۇ ھەرقانچە بالدۇر كەلسىمۇ مەيداندا ئۆزىدىن بۇرۇن كەلگەن تۇرسۇن ئەپەندىنى كۆرەتتى. ئاق كۆڭلەك كىيگەن، ئوتتۇرا بوي، خۇشپىچىم كەلگەن تۇرسۇن ئەپەندى ئۇنى كۆرۈپ:
_ تىنچ قوپۇپسەنمۇ ئوغلۇم؟ _ دەپ سورايتتى.
_ تىنچ قوپتۇم، ئەپەندىم، سىزمۇ تىنىچ قوپۇپسىزمۇ؟_ دەپ سورايتتى كېرەم كىچىك بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ. تۇرسۇن ئەپەندى ئۇنىڭ جاۋابىغا مەمنۇن بولۇپ كۈلۈپ كېتەتتى. كېرەم يۈگۈرۈپ بېرىپ دەرەخكە ئېسىپ قويۇلغان توپ خالتىسىدىن توپنى ئېلىپ كېلەتتى. بۇ، تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزى قەشقەردىكى موزدۇزلارغا بۇيرۇتۇپ تىككۈزگەن سارغۇچ تېرە توپ ئىدى. خالتىدا يەنە توپچى بالىلارنىڭ ئانىلىرى كونا تۇماق، بۆكلەرنىڭ ئىچىگە سامان، زىغىر پاخىلى سېلىپ تىكىپ بەرگەن توپلارمۇ بار ئىدى. ئادەتتە توپ ئوينايدىغان ھەرقانداق بالىنىڭ چەكمەن چاپان تىكىدىغان قىل رەختە ياكى قېلىن ماتادا تىكىلگەن توپى بولاتتى. ئۇلار ئۇنى ھويلىدا، يوللاردا، خاماندا تېپىپ ئوينايتتى. مەھەللىدىكى ئۇششاق بالىلارمۇ ئۇلارنى دوراپ ئانىلىرىغا ھەرخىل بۇرۇچ رەختتىن گۈل تەپچىلەنگەن توپلارنى تىكتۈرۈپ ئويناپ يۈرىشەتتى.
تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن كېرەم كىچىك بىر-بىرىگە پاس بېرىپ، توپنى پۇت، بەل، مۈرە، باش بىلەن توسۇشنى مەشىق قىلاتتى.
تۇرسۇن ئەپەندى توپنى پىرقىرىتىپ پۇتىنىڭ ئۇچى، دۈمبىسى، تىزى، تاپىنى بىلەن تەپكۈچ تەپكەندەك تېپىپ، گاھ تىزىنىڭ ئارىسىدىن، گاھ مۈرە، قولتۇقىدىن چىقىرىپ ھۈنەر كۆرسىتەتتى. توپ خۇددى ئۇنىڭ بەدىنىگە چاپلىشىپ، ئۇنىڭغا ئۈنسىز ئىتائەت قىلىۋاتقاندەك كۆرنەتتى. مەيداننىڭ ئىككى بېشىدا كېسەك بىلەن ياسالغان ۋاراتا بار ئىدى. تۇرسۇن ئەپەندى توپ تەپسە، كېرەم ۋاراتار بولاتتى. كىچىكلىكىگە، بويىنىڭ پاكارلىقىغا باقماي يىقىلىپ-قوپۇپ، دومىلاپ يۈرۈپ توپنى تۇتۇۋېلىشقا تېرىشاتتى. ئۇ توپ تەپكەندە تۇرسۇن ئەپەندى ۋاراتار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەربىر توپ، ھەربىر ھەركىتىنى ماختاپ ياكى تۈزىتىپ تۇراتتى. بارا- بارا مەيدانغا ئابدىراخمان ئەپەندى، ئالىز ئەپەندى، مەسئۇد ئەپەندىلەر، پۇتبول كوماندىسىدىكى ئەنىۋەر، ئىبراھىم،غوپۇر، پەخرىدىن، تۇرسۇن قارى، بېشىراخۇنلار يىغىلاتتى. ئابدىراخمان ئەپەندى بىلەن ئەنۋەرمۇ قالتىس توپچىلاردىن ئىدى. بولۇپمۇ قاش-كۆزى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان مەڭزى قىزىل كەلگەن ئەنۋەرنىڭ تەپكەن توپى زايا بولمايتتى. شۇڭا ھېچقانداق مۇسابىقە ئەنۋەرسىز قىزىمايتتى.
يىغىلغانلا ئادەم سانىغا قاراپ بەش-ئالتىدىن ياكى سەككىزدىن كوماندا بولۇپ مۇسابىقىگە چۈشۈپ كېتەتتى. بەزىدە مۇسابىقىنى كۆرگىلى كەلگەن دېھقان ياشلارمۇ مەيدانغا چۈشەتتى. ئادەم بارغانچە كۆپىيىپ، مەيدان قىقاس-چۇقان، بارىكاللا سادالىرى بىلەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈلەتتى.
ئەتىگەن سائەت سەككىزدە مەكتەپنىڭ بىر كۈنلۈك مەشغۇلاتىنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان گىمناستىكا باشلىناتتى. ھەر-بىر ئوقۇغۇچى مەيداندىكى مۇقۇم ئورنىنى تېپىپ رەتلىك تىزىلاتتى. ئابدىراخمان ئەپەندى باشچىلىقىدىكى دۇخۇۋۇي مۇزىكا ئەترىتى ناغرا-سۇناي، نەي چېلىپ مەيدانغا كىرەتتى. ئوقۇغۇچىلار مۇزىكا ساداسىغا تەڭكەش قىلىپ گىمناستىكا ئوينايتتى. گىمناستىكىدىن كېيىن نۆۋەتچى ئەپەندىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ ئالدىنقى كۈندىكى، تەرتىپ- ئىنتىزام، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن خۇلاسە چىقىراتتى، ئەلاچى- ئىلغار ئوقۇغۇچىلار تەقدىرلىنەتتى، سەۋەنلىكلەر تەنقىد قىلىناتتى. خۇلاسە ئاياغلىشىشى بىلەن يەنە مۇزىكا ياڭراپ ئوقۇغۇچىلار:
قوپ ئى ئاداش تۇر،
ئەتراپىڭغا باق.
باق نە كۆرەرسەن،
ئويلىغىن ئۇزاق!
...
مارش ساداسى ئىچىدە سىنىپلارغا قاراپ ماڭاتتى. «ھۆسەينىيە»نىڭ يېڭى بىر كۈنى ئەنە شۇنداق باشلىناتتى.
«ھۆسەيىنىيە»دە شۇ ۋاقىتنىڭ ئادىتى بويىچە شەنبە ھەپتە بېشى ھېسابلىنىپ، جۈمە كۈنى ئارام ئېلىناتتى. چارشەنبە ئەتىگەندە قۇرئان تەجىۋىت ئۆتىلىپ پەيشەنبە پۈتۈن كۈن «قۇرئان» ئوقۇلغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا شىپاھىيە يات ئىملا، ھىساپ، يۇرت تەھسىلى،تەبىئەت، رۇس تىلى، ئەرەپ تىلى، جۇغراپىيە قاتارلىق دەرىسلەر ئۆتۈلەتتى. تۇرسۇن ئەپەندى شىپاھىيە، يات ئىملا ۋە تارىخ ئۆتەتتى. ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ دەرسىنى ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئاڭلايىتتى، قاچان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ دەرسى كىلەركىن، دەپ تۆت كۆزى بىلەن كۈتىشەتتى. تۇرسۇن ئەپەندى «ئانا تىلنى تولۇق بىلىش، توغراقوللىنىش ھەر-بىر ئىنسان پەرزەنتى ئۈچۈن پەرز ۋە قەرزدۇر. بىزنىڭ چىرايلىق، يېقىملىق ئانا تىلىمىز بولغاچقا، بىز ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا ئانا، دادا دەپ چاقىرشنى، باشقىلار بىلەن ئالاقىلىششنى، جاھاندارچىلىق قىلىشنى ئۈگەندۇق.
ئانا تىلىمىز بىلەن خۇدانى، دۇنيانى بىلدۇق. دۇنيادىكى، ئىنسانچىلقتىكى نۇرغۇن-نۇرغۇن ئىشنى چۈشەندۇق. ئانا تىلىمىز بىلەن شۇنداق چىرايلىق ناخشىلارنى ئاڭلىدۇق ھەم ئىيىتتۇق. ئانا تىلىمىز بىلەن بوۋاقلارنى ئىغىزلاندۇرۇپ، ئۆلگەنلەرنى ئۇزاتتۇق. ئانا تىلىمىز بولمىغان بولسا بىز بىچارە خەلق بوپ قالغان بولاتتۇق. شۇڭا ئانا تىلنى ياخشى ئۈگنىشىمىز، ئۇنى بىشىمىزغا ئىلىپ، ئەتىۋارلىشىمز كىرەك» دەيىتتى.دەرىسنى بەك ئەستايىدىل ئۆتۈپلا قالماي، ئىملا ۋە تىل قائىدىسى جەھەتتە تەلەپنى قاتتىق قوياتتى. ئۆزى خەتنى چىرايلىق،ئۆلچەملىك يازاتتى. ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ شۇنداق يىزىشنى تەلەپ قىلاتتى. تارىخ ئۆتكەندە، دۇنيادىكى، يىراق ئەللەردىكى زور ئىشلارنى خۇددى مۇشۇ يۇرۇتتا بولغان ئىشلاردەك قىزقارلىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بىرەتتى. دۇنيانى سۆزلەپ بولۇپ شىنجاڭنى، قەشقەرنى، ئاتۇشنى، سەلتەنەتلىك، ئازاپ-ئوقۇبەتلىك ھەم ئىچىنىشلىق تارىخنى، ئەركىنلىك، ئازادلىق يولدا كۆرەشكەن، قان تۆككەن باتۇر ئەزمەتلەرنى، داڭدار بىلىم-مەرىپەت ئىگىلىرنى سۆزلەپ، ئۆز نۆۋىتىدە مۇشۇ يۇرۇتتىن چىقىپ جاھان كىزىپ، كۆزى ئىچىلىپ پۇل ۋە يۈز تىپىپ زور ئىشلارنى قىلغان كاتتا بايلارنى بىر-بىرلەپ ساناپ،« ئەشۇلار بىزنىڭ يۇرۇتلۇق، بىر مەھەللىك قان-قىرىنداشلىرىمىز ئىدى، ئۇلار قىلغاننى بىز قىلالمامدۇق؟» دەپ بالىلارنىڭ كۆڭلىگە بىر ئوتنى سىلىپ قوياتتى.يۇرۇتنى، ۋەتەننى، ئۇنىڭ تارىخنىلا ئەمەس، تاغ-دەريالارنىمۇ چۈشۈنىشنى، بىلىشنى، يۇرۇت كۆرۈپ، شەھەر، دۆلەت ئاتلاپ دۇنيانى چۈشىنىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. بىر قىتم ئۇ قەشقەر توغرىسىدا سۆزلەپ كىلىپ ئوقۇغۇچىلاردىن:
-ئاراڭلاردا قەشقەرگە بىرىپ باققانلار بارمۇ؟- دەپ سورىدى.
13-14 ياشلارغا كىرىپ قالغان بۇ بالىلار كۆزلىرىنى يوغان ئىچىپ، ئۈندىمەي ئولتۇرۇشتى. ئۇ يەنە:
- قەشقەرگە بىرىشنى خالايدىغانلار بارمۇ؟- دىدى.
- مەن خالايمەن!
-مەنمۇ خالايمەن!
-مەنغۇ خالايتىم، لىكىن شۇ ... ئاشۇ...
پەيشەنبە كۈنى تۇرسۇن ئەپەندى باشلىق ئون نەچچە بالا ئوزۇق-تۈلۈك ۋە يىپىنچا ئىلىپ پىيادە قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتى. قەشقەردە تۇرسۇن ئەپەندى ئۇلارنى باشلاپ ھىيگاھ جامەسى، خانلىق مەدىرسە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى، بۇلاق بىشى، قىلىچ بۇغراخان مازىرى، ھەزرەت قااتارلىق جايلارنى ئايلاندۇردى. قەشقەرنىڭ ئاۋات بازىرى، مىغ-مىغ ئادەملەر ئىكساقلىق بالىلارنىڭ كۆزنى ئالا-چەكمەن قىلۋەتتى. شۇ كۈنى كىرەم كىچىىك بىلەن ئەنۋەر ئىگىز بوي، سىرىق چاچ، كۆزلىرى كۆپكۈك بىر ئادەمنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئاچقانچە ئارقىسىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپ يوڭلدى ئىززىپ قالغاندا، تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئۈگەتكىنى بويىچە خانلىق مەدىرسەنى ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ ھەمراھلىرى بىلەن ئاخىرى تىپىشقاندى. شۇ قېتىمقى سەپەردىن كىيىن بۇ سەپەرنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن بالىلار بىردىنلا چوڭ بوپ قالغاندەك بولدى. تۇرسۇن ئەپەندى ئۇلارغا قازان، ئىستانبول، پارىژ، بىرلىن دىگەندەك شەھەرلەرنىڭ قەشقەردىن نەچچە ھەسسە چوڭلىق، ئۇ شەھەرلەردىكى كىشىلەرنىڭ رادىئو ئارقىلىق دۇنيادىكى يىڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولالايدىغانىلىقى، ئايروپىلان، ئاپتوموبىل، پويىز پاراخوتلارنىڭ سۈرئىتى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەندە، بۇ سۆزلەر ئۇلارغا چۆچەكتەك تۇيۇلمايدىغان بولدى.
تەبىئەت دەرىسىنى مەسئۇد ئەپەندى، جۇغراپىيىنى ئەمرۇللا ئەپەندى ئۆتەتتى. مەسئۇد ئەپەندى ياز كىچى