ھېنرى دىرېكتورغا تېلېفون بېرىپ، ئۆزىنىڭ كاناي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى، ئىشقا بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
— كاناي ياللۇغىغا گىرىپتار بولساڭ، نېمىشقا بوشراق گەپ قىلماي، ۋارقىراپ – جارقىرايسەن؟ – دەپ سوراپتۇ دىرېكتور گۇمانلىنىپ.
— نېمىشقا بوشراق گەپ قىلغۇدەكمەن؟ – دەپتۇ ھېنرى غەزەپ بىلەن، – كاناي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىش يا بىر مەخپىيەتلىك بولمىسا!
※ ※ ※
بىر مىليونىر قورسىقىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشتىن ئاۋۋال، ئالايىتەن ئادەم تەكلىپ قىلىپ، ساپ ئالتۇن ساپلىق بىر يۈرۈش تاشقى كېسەللىك ئوپېراتسىيە سايمانلىرىنى ياسىتىپتۇ ھەمدە دوختۇر – سېستىرالارغا:
— بۇ قايچا، پىچاقلار ئوپېراتسىيىدىن كېيىن سىلەرگە يادىكار بولۇپ قالسۇن، – دەپتۇ. ئۇ، بۇ قېتىم ھەرگىز قانداقتۇر بىر نەرسە قورسىقىمدا ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغان بولدى، دەپ ئويلاپتۇ.
ئەمما ئوپېراتسىيە تەڭ بەلگە كەلگەندە، ئۇ باش ئوپېراتسىيىچىنىڭ دەرغەزەپ بىلەن:
— ھېچكىمنىڭ سايمانلارنى تىقىۋېلىشىغا رۇخسەت يوق، ئوپېراتسىيە تېخى ئاياغلاشمىدى، – دەۋاتقىنىنى ئاڭلاپتۇ.
※ ※ ※
بىر خىزمەتكار ئېغىز غېرىچلاشقا ئامراقكەن، ئۇ باشلىقى مېھمانلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندىمۇ قىلچە تەپتارتماستىن ۋاتىلداۋېرىدىكەن. دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرگىلى ئۇزۇن بولغان باشلىقى ئۇنىڭغا قاتتىق تەنبىھ بېرىپتۇ ھەمدە:
— بۇنىڭدىن كېيىن مېھمانلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقىنىمدا يەنە ئېغىز غېرىچلايدىغان بولساڭ، ئېتىپ تاشلايمەن! – دەپتۇ.
بىر نەچچە كۈن ئۆتەر – ئۆتمەيلا بىر مېھمان باشلىق بىلەن دۇنيادا قانداق يوپۇرماقنىڭ ئەڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى تالىشىپ قاپتۇ، بىرى ئۈجمە يوپۇرمىقى دېسە، يەنە بىرى چىنار يوپۇرمىقى دەپ، زادىلا بىر يەرگە كېلەلمەپتۇ.
بىر چەتتە دېمى تۇتۇلۇپ ھۆپپىدە قىزىرىپ كەتكەن خىزمەتكار ئاخىر چىدىيالماي، مەيدىسىگە ئۇرۇپ ۋارق
— ئېتىۋەتسەڭ ئېتىۋەت! پالما يوپۇرمىقى ئەڭ چوڭ!
※ ※ ※
سوت ئۈچ بالىلىق بىر جۈپ ئەر – خوتۇننىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلوسىغا قاراپ چىقىۋاتقاندا، ئۇلار ئۈچ بالا ئۈستىدە تالاش – تارتىش قىلىشىپ قاپتۇ. خوتۇنى:
— بالىنىڭ ئىككىسىنى مەن ئالىمەن، – دەپتۇ. ئېرى:
— بولمايدۇ، ئىككىسىنى مەن ئالىمەن، – دەپتۇ.
ئۇلار مانا مۇشۇنداق تالاش – تارتىش قىلىشىپ، بىر سائەتكە يېقىن ئۇرۇشۇپتۇ. ئاخىرى ئاۋۋال خوتۇنى يول قويۇپ:
— يۈرۈڭ، بىز قايتىپ كېلەر يىلى يەنە كېلەيلى، شۇ چاغدا بالىمىزمۇ تۆت بولۇپ قالار، – دەپتۇ
ىراپتۇ: