تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بۇ ئۈچ خىل ئاغرىق سامساق يېسە بۆرەك بىلەن جىگەرگە زىيانلىق

پىياز، زەنجىۋىل، سامساق كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان تەم تەڭشىگۈچ يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. سامساقنىڭ ناھايىتى ياخشى مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى بار. شۇنداقتىمۇ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل كىشىلەر سامساق ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ.

 جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ: نۇرغۇن كىشىلەر سامساق باكتېرىيىگە، ۋىرۇسقا قارشى، شۇنىڭ ئۈچۈن سامساق يېيىش ئارقىلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ھەتتا بەزىلەر جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ تۇرۇپمۇ ھەر كۈنى سامساق يەيدۇ. بۇنداق قىلىش جىگەرگە ئىنتايىن پايدىسىز، چۈنكى سامساقنىڭ جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا قارىتا ھېچقانداق رولى يوق، ئەكسىچە سامساقنىڭ بەزى تەركىبى ئاشقازان، ئۈچەيگە قارىتا غىدىقلاش رولى بار، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. سامساق يەنە قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسى ۋە قان قىزىل ئاقسىلى قاتارلىقلارنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى ھەمدە قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىگەر ياللۇغىنى داۋالاشقا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 غەيرى باكتىرىيەلىك ئۈچەي ياللۇغى ئاغرىقلىرى ئىستېمال قىلىشىغا پايدىسىز: غەيرىي  باكتېرىيە خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلىرى ئىچى سۈرگەن ۋاقىتتا، سامساق يېسە بولمايدۇ. چۈنكى سامساق يېگەندە ئۈچەي يولىنى غىدىقلاپ ئۈچەي شىللىق پەردىسىگە قان تولۇپ، سۇلۇق ئىششىق ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

 كۆز كېسىلى ئاغرىقلىرى ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ: جۇڭيى تېبابىتىدە سامساقنى ئۇزاق مۇددەت كۆپ ئىستېمال قىلسا «جىگەر ۋە كۆزگە زىيانلىق» دەيدىغان قاراش بار. شۇڭا كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئامال بار سامساق ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك، بولۇپمۇ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئاجىز ئاغرىقلار،  قېنى ئاز ۋە بەدەن قۇۋۋىتى تۆۋەن كىشىلەر تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك، بولمىسا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، قۇلاق غۇڭۇلداش،بېشى ئېغىرلىشىپ پۇتىدا جان قالماسلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە ياكى باشقا كۆز كېسىلىگە  گىرىپتار بولۇپ، جۇڭيى دورىسىنى ئىشلەتمەكچى بولغان بىمارلار سامساقنى تېخىمۇ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك، بولمىسا داۋالاش ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر يېتىدۇ.




ئەسلى مەنبەسى: fashion.ifeng.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز