تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(11)
پوچتا ماركىسى بۇلاش دېلوسى
پوچتا ماركىسى يىغىپ ساقلىغۇچى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق سودىسىدا ئۆزى بەك ياخشى كۆرىدىغان ماركىدىن بىرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاۋۋال ھاجەتخانىغا كىرىپ، ئاندىن دەرھال بۇ يەردىن چىقىپ يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كەلدى. بۇ ئەمدى ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىغا، ئارقىدىن ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇۋېتىلدى.
ئۇ ھوشىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ مەھكەم باغلانغانلىقىنى، يېنىدا ئەلپازىدىن شۇملۇق چىقىپ تۇرىدىغان بىر نەچچە ئادەمنىڭ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
«ساڭا جان لازىم بولسا ئاۋۇ پوچتا ماركىسىنى چىقار، بىزگە شۇ كېرەك».
«قايسى پوچتا ماركىسىنى دەيسىلەر؟»
«خۇپسەنلىك قىلما، بىز كىم ئارتۇق بازىرىدىن تارتىپ مۇشۇ يەرگىچە ساڭا دىققەت قىلىپ كەلدۇق».
«ئۇنداق بولسا ئۆزۈڭلار ئاختۇرۇپ تېپىۋېلىڭلار».
ھېلىقىلاردىن ئىككىسى بۇ ئادەمنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇردى، ئۇنىڭ يانچۇقىدىن سەپەر نەق پۇل چېكىدىن بىر تال، 300دوللار نەق پۇل، ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى ۋە ئىشلىتىلگەن ئىناۋەتلىك كارتىدىن باشقا ھېچنېمە تاپالمىدى.
«ياق،بۇ دېگەن ياپونىيىدىكى ئەڭ ئادەتتىكى خاتىر ماركىسى،ئۇ چوڭ بولغىنى بىلەن بىر دوللارغىمۇ يارىمايدۇ».
« لېكىن باشقا ماركا كۆرۈنمەيدىغۇ، باشلىق؟ ئۇ بۇ ماركىنى كىم ئارتۇق بازىرىدىكى ئىشكاپىغا سېلىپ قويدىمۇ-يا؟».
«ياق، ئۇ ئۇنداق قىلمايدۇ، ئۇ بىر قېتىم ھاجەتخانىغا باردى، ئاندىن دەرھال ماشىنا توختىش مەيدانغا كەلدى».
«ئۇ نەچچە يۈز مىڭ دوللارغا يارايدىغان ماركىنى يەڭگىللىك بىلەن ئۇ يەرگە قويۇپ قويمايدۇش كېلىڭلار! ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇڭلار! ئۇ دېگەن كىچىككىنە قەغەز پارچىسى، كىيىمنىڭ ئارىسىغا ياكى ئايىغى ئىچىگە تىقىۋالغان بولۇشى مۇمكىن».
قارا نىيەتلەر ئۇ ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئۇستىرا بىلەن كېسىپ پارچە-پارچە قىلىۋەتتى، ئايىغىنىمۇ كېسىپ نەچچە قىلىپ، باشتىن ئاخىر تۈجۈپىلەپ ئاختۇرۇپ چىقتى، ھەتتا چاچلىرىنىڭ ئارىسىنىمۇ قويماي ئاختۇرۇپ چىقتى. ئاخىر يەنىلا ھېلىقى ماركىنى تاپالمىدى.
ئۇ ماركىنى زادى نەگە يوشۇرۇپ قويدى؟
تاللانما رازۋېدكا ھېكايىلىرى(10)نىڭ جاۋابى:
كاننارسېن غەيرىي ئاجرالما تىپىدىكى بەدەن قۇرۇلمىسىدىكى ئادەم بولغاچقا، ئۇنىڭ شۆلگىيى،ئاشقازان سۇيۇقلۇقى، ئىسپېرمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن قان تىپى ماددىسىنى ئاجرىتىپ ئالغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ قان تىپى خاتا ھالدا Aتىپ قىلىپ بەلگىلەنگەن. تەھدىت خېتىنىڭ ماركىسىدىكى شۆلگەي Aتىپلىق بولغاچقا، ئۇ كاننارسېننىڭ قېنى دەپ قارالغان. خېرىس بۇنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كاننارسىنىڭ بارماق ئىزى بار پوچتا ماركىسىنى تېپىپ، ئۇنى تەھدىت خېتىگە چاپلىغان.