ئابدۇللا موللا قاردۇ
تەپەككۇر-ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ زور بايلىقى، ئىنسانىيەت تارىخىنى يەنە بىر مەنىدىن تەپەككۇر تارىخى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، يۈكسەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشى-توختىماستىن تەپەككۇر قىلىش، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى، ئىقتىدارىنى قېزىش، ئۆزلۈكى بىلەن ئالەمنىڭ يۈكسەك بىرلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئۆزىدىن ھالقىپ كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىش بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.
تارىختا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش، تەرەققىياتلار ياخشى تەپەككۇر ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قەدىمكى يۇناننىڭ ئاتاقلىق پەيلاسوپلىرىدىن سوقرات، ئەپلاتون، ئارىستوتىل قەدىمكى دەۋرلەردە ئالەم، تەبىئەت، ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتى، ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسىلىشىنى يۈكسەك تەپەككۇر نەمۇنىلىرى باغلاپ، ئىنسانىيەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
مىلادى 7-، 8-ئەسىرلەردە ئابباسىيلار خانلىقى باغدادتا قۇرۇغان بەيتۇل ھېكمەت، يەنى ھېكمەت ئۆيى ناملىق تەتقىقات يۇرتىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەپەككۇر، ئالىملار قەدىمكى يۇنان، رىمنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنى تەرجىمە ۋە تەھلىل قىلىپ ھەم يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ئەينى دەۋردىكى مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى ياراتقان.
ئاتاقلىق ئالىم، پەيلاسوپ ئەل فارابى ئارىستوتىل ئەسەرلىرىگە شەرھى يېزىپ، شەرقنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇرى بىلەن غەربتە مەيدانغا كەلگەن ئەسەرلەرنىڭ روھىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە خاس تەپەككۇر خەزىنىسى يارىتىپ، شەرقنىڭ كۆزىگە ئايلانغان.
11-ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «قۇتاغۇبىلىك»تە، دۆلەت، قانۇن، ئەخلاق، ئەقىل، بىلىم ھەققىدىكى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئىلغار بولغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تەپەككۇر خەزىنىسىنىڭ چوققىسىنى ياراتقان.
دېمەك، تەپەككۇر ئەقىل بۇلىقى، ئىلىم سەيناسى، ئۆزلۈكنىڭ تاۋلىنىش مەيدانى، ئىنسان تەپەككۇر ئارقىلىق دۇنيانىڭ سىرى، ئىنساننىڭ ماھىيىتى، تەرەققىياتنىڭ ھېكمىتىنى تونۇپ يېتىدۇ، تەپەككۇر ئارقىلىق قەلبىدىكى قاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇپ، ئىلىم دۇنياسىنىڭ چىرىغىنى يورۇتىدۇ، كەلگۈسىنىڭ نۇرانە مەنزىلىگە بەردەم قەدەم بىلەن يول ئالىدۇ.
ئىنسانىيەت تەپەككۇرنىڭ ئۈزۈلمەس مەنزىللىرىدە ھېكمەت خۇرجۇنلىرىنى يۈدۈپ، پاراسەت دۇلدۇلىنى چاپتۇرۇپ، بىلىم مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزلۈكنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىپ، بۈگۈنكى ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت دۇنياسىنى ئاپىرىدە قىلدى ھەم يۈكسەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. مەن كىم، نەدىن كەلدىم، نەگە كېتىمەن، مېنىڭ مەۋجۇتلۇق غايەم نېمە، دۇنيادىكى ئورنۇم قانداق دېگەن سوئاللار ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ توختىماي ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
تەپەككۇر يەنە دۇنياۋى قىممەتكە ئىگە ئۆلمەس نەزەرىيەۋى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئوقۇش، مۇلاھىزە قىلىش بىلەن تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدۇ، ئىنساننىڭ قەلبى يورۇپ، مەنىۋى دۇنياسى تۈگىمەس مەنىۋىيەت بايلىقىغا ئېرىشىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى چوڭقۇر تەپەككۇر بىلەن ئېرىشكەن مەنىۋىيەت چەكسىزلىكى، مەنىۋىيەت مەنزىللىرىنىڭ پارلاق قارارگاھىدۇر. ئىنسان توختىماي ئىزدەنمەكتە، تەپەككۇر قىلماقتا، ئىنسانىيەتنىڭ قەلبى تەپەككۇر بىلەن توختىماي ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەخت-سائادىتى ئۈچۈن پىكىر تەلقىنلىرىنى ئۇچقۇنلىتىپ، كېلەچەك مەنزىلىنىڭ ئېسىل مەنزىلىنى يارىتىش ئۈچۈن، ئۆزلۈك سەيناسىدا پاراسەت دۇلدۇلىنى داۋاملىق چاپتۇرماقتا. دانالار ئېيتقاندەك، تەپەككۇرسىز قەلب ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ خورىماس بايلىقى تەپەككۇر بىلەن سوقۇۋاتقان پاراسەتلىك يۈرەكتە! مەۋجۇت بولىمەن، يۈكسىلىمەن دەيدىكەنسەن، توختىماي تەپەككۇر قىل!
مەنبە: http://www.uycnr.com/xwzx/tpxw/201512/t20151230_997533.html