ئالتۇن ئۈزۈزك
(نەسر)
ئامىنە ئابلىز
( كېرىيە ناھىيە شەنبە بازار بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)
ھەممە نەرسە يوقالغاندىن كىيىن ئادەمگە قىممەتىنى ھىس قىلدۇرىدىكەن. ئانارگۈل قاچان، قايسى ۋاقىتتا يۈتتۈرۈپ قويغىنىنى بىلمەيۋاتقان تۆت گىراملىق ئالتۇن ئۈزىكىنى كۆپ ئويلاپ ساراڭغىلا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى. ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆسۈپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، دىمىسىمۇ بىر ئاددى خىزمەتچى ئۈچۈن بۇ ئادەتتىكى زىيان ئەمەس ئىدى.
«شۇ ئۈزۈكنىڭ پۇلىغا چىرايلىك كۆينەكتىن ئىككى-ئۈچنى ئالالايتتىم، ھېچ بولمىغاندا ئازراق پۇل قۇشۇپ زەنجىر ئەتكۈزۈپ سالالايتتىم» ئۇ شۇنداق خىيال قىلىپ ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنەتتى. شۇنداق خىيال بىلەن ئالدىنقى شەنبە كۈنى قېيىن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى تاقاپ چىرايلىق ياسىنىپ بارغىنى ئۇنىڭ ئىسىگە كەلدى.
-ماۋۇ كۆينىكىڭىز بىلەن قىزىل چاچ قىسقۇچ قىسىۋېلىڭە، بەك ماسلىشىدۇ.
-مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، ھازىر يېشى چوڭراق ئاياللاردەك تۇيغۇ بىرىدىكەن.
شۇ چاغدا قىزىل كۆينىكىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ناھىيە بازىرىدىن تاللاپ ئەكەلگەن چاچ قىسقۇچىنى ياراتمىغان يەڭگىلىرىگە ئاچچىقى كەلگەن ئىدى.
- مىنىڭ يەڭگىلىرىمنىڭ ئىچى بەك تار ئاداش، ئازراق ياسىنىپ ئۆيگە بارسام چىدىمايدۇ. قىزىل كۆينەك بىلەن قىزىل چاچ قىسقۇچ قىسىڭ دەيدۇ. مەن يا ھەممىنى قىپقىزىل قىلىپ يۈرىدىغان ساھرالىق بولمىسام.
- مىنىڭمۇ شۇنداق، قېيىن ئانامنى دەيمەن تېخى، ئۆتكەن يىلى ئالغان كىيىمىمنى كەيسەممۇ قاچان ئالدىڭىز دەپ ئاغزىنى ئېچىپ قالىدۇ، «يېقىندا ئالغان» دەپ قويسام باتۇرجانغا نېمە ئالدىڭلار دەپ سوراشلىرى بار، ھېچنەرسە دەپ سالسام خېلى كۈنلەرگىچە چىرايىغا قارىغىلى بولمايدۇ.
- شۇنداق قىلغان يىرىگە ئۇلارنىڭ يېنىغا تازا ياسىنىپ بارايلى ئاداش.
- ئۇلار چىدىماي قېلىپ بىزنى نەس باسسىچۇ ئاداش؟
- بۇ گەپمۇ بار تېخى.
- يامان كۆز ئادەمگە ھەقىقى دۈشمەن....
ئۇ ئاچچىق خىيال بىلەن دوستى پاتىگۇل بىلەن قىلىشقان شۇ پاراڭلىرىنى ئەسكە ئالدى ھەم شۇ ھامان كۆڭلىگە ئالتۇن ئۈزىكىنىڭ يوقاپ كىتىش سەۋەبى ئايان بولغاندەك بولدى.
«توغرا، ماڭا ئۇلارنىڭ يامان كۆزى دۈشمەن بولدى، دائىم ھېلى تېلىۋىزور ئۈستىدە، ھېلى تارتمىدا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئۈزۈك ئۇلارنىڭ يامان كۆزىدە يوقاپ كەتتى.» شۇنداق خىيال بىلەن ئۇنىڭ قېيىن ئانىسىنىڭ ئۆيىسىگە بارغۇسى كەلمەيدىغان بولدى. «مىنىڭ مىجەزىم يوق، ئۆزىڭىز بېرىپ كەلسىڭىز، دوستلىرىم بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدىم» دىگەندەك باھانىلەر بىلەن باتۇرنىڭ چوڭ ئۆيگە بىللە بېرىپ كىلىش تەكلىپىنى رەت قىلاتتى.
- ئانام بىلەن تېلفۇندا بولسىمۇ كۆرۈشۈپ قويامسىز، سىزنى داۋاملىق تېلفۇن قىلساملا سوراۋاتىدۇ، ئەنسىرەپ قالمىسۇن- دېدى بىر كۈن كەچتە باتۇر ئۇنىڭغا.
- مەندىن ئەنسىرمىسىمۇ بۇلىدۇ.
- نېمە دىگىنىڭىز بۇ؟
- قاچانلا تېلفۇن قىلسا سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى سورايدىكەن«خەقنىڭ يۇرتىدا چىرايلىق ئۆتۈڭلار، باتۇرجاننىڭ كىيىملىرى كىر بولۇپ قالمىسۇن» دىگەندەك گەپتىن باشقا گەپ يوق، مەندىن ئەنسىرەمىش تېخى. ئەلۋەتتە مەنمۇ سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز بولمىغاندىن كىيىن كىيىملىرىڭىزنى پاكىز قىلىپ بىرىمەندە، ئالتۇن ئۈزۈكۈم تېخى يوقاپ كەتتى.
- ئۈزۈكنىڭ يوقاپ كىتىشى ئانام بىلەن مۇناسىۋەتسىزغۇ؟
- مۇناسىۋەتسىزمىش، سىز نېمىنى بىلەتتىڭىز؟ ئۆيۈڭلارغا بارساملا ئۆيىڭىزدىكىلەر بېشىمدىن ئايىغىمغىچە قارىشىدۇ ماڭا، ئۈزىكىمگە كۆز تەككەچ يوقاپ كەتتى.
- بۇنداق ئاساسسىز گەپنى قىلماڭ، سىز ئوقۇغان ئادەم.
- نېمە دىسەم ئىشەنمەيسىز...
ئانارگۈل يەنە نېمىنىلەرنىدۇر دىمەكچى ئىدى، لېكىن باتۇرنىڭ بۇنداق گەپلەرگە قانچىلىك سەزگۈر ئىكەنلىكىنى ھەم تاقىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا كوتۇلداپ، كوتۇلداپ ئىش چېڭىغا چىقاي دىگەندە توختاپ قېلىشنى ئاقىلانىلىك دەپ ئويلايتتى.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سوغوقچىلىق چۈشۈپ قالدى.
- قىزىم، ئەجەپ ئوڭلۇق قىز ئىكەنسىز، بىزگە ئىيتسىڭىز كۆڭلۈمىزنىڭ غەش بوپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، شۇنچە ئىچ ئاغرىقىنى ئۆزىڭىزلا تارتىپسىز، ئوغلۇمنىڭ ھەقىقەتەن كۆزى بار ئىكەن، مەن تولىمۇ تەلەيلىك ئىكەنمەن.
بىر كۈنى چۈشتە قېيىن ئانىسىدىن كەلگەن تېلفۇن ئۇنى قايمۇقتۇرۇپ قويدى.
- مەن دەسلەپ ساختا ئۈزۈك ئوخشايدۇ دەپ قۇلۇمغا سېلىۋاپتىمەن،بىر نەچچە كۈندىن كىيىن بىلدىم. بىزنىڭكىگە كەلسىڭىز ئۆي تازلايمەن، تاماق ئىتىمەن، قاچا-قۇچا يۇيىمەن دەپ بىكار بولالمايتتىڭىز. شۇ چاغلاردا ئېلىۋېتىپ سېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز، ھويلىدىكى گۈل تەشتىكىنىڭ يېنىدىن چىقتى. ئالتۇن يوقاپ كەتسە ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ، سىز شۇ ۋاقىتتا دىگەن بولسىڭىز بەلكىم كۆڭۈلسىزلىك بولاتتى، ئوغلۇمنىڭ كۆڭلىنى دەپسىز، رەھمەت قىزىم، خۇدايىم بەختىڭلارنى بىرەر، ئۈزىكىڭىزنى ئوبدان ساقلاپ قويدۇم، بۇدا كەلگىنىڭىزدە بىرەي...
ئانارگۈل ھېچنەرسە دىيەلمىدى. يوقالغان ئۈزۈكنىڭ ئازابىدىن بەكرەك تېخىمۇ چوڭقۇر بىر ئازاپ شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكىنى كۆيدۈرۈپ يۈزىنى قىزارتقان ئىدى.