بەزىلەر بىكار بولۇپ قالسىلا قۇلىقىنى كولايدۇ، بەزىلەر ھەتتا چاچ قىسقۇچ ۋە تىرنىقى بىلەن قۇلىقىنى كولاشقا ئادەتلەنگەن. بۇنداق قىلسا راھەتلەنگەندەك تۇيغۇ بەرگەندەك قىلسىمۇ، قۇلاق تېرىسى ئاسانلا زەخىملىنىپ، قۇلاق ئىچىدە باكتېرىيەلەر تۇرۇپ قالىدۇ، نەتىجىدە ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قۇلاقنى كۈچەپ كولىغاندا قۇلاق پەردىسى يىرتىلىپ، گاس بولۇپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا قۇلاقتىكى باكتېرىيەلەر سەۋەبلىك راك كېسىلى قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ. قۇلاق كىرىنىڭمۇ قۇلاقنى قوغداش رولى بار، چۈنكى تاشقى قۇلاق يولىدىكى ئىچكى بەز تەنچىسىدىن ئاجرىلىپ چىققان ماددىنىڭ ئاجىز كىسلاتالىق رولى بولۇپ، قۇلاقتىكى باكتېرىيە، قۇرت قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرىدۇ، شۇڭا قۇلاقنى دائىم كولىماسلىق كېرەك.