تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاياللارنىڭ ئاسان ئاغرىيدىغان بەش ئەزاسى

 1. سۈت بېزى. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىر قىسىم سۈت بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارغا ئادەتتە سەل قارىلىدۇ. مەسىلەن، ئىچ كىيىمنىڭ بەدەنگە ماس كەلمەسلىكى، ئوزۇقلىنىش ئادىتىنىڭ ئىلمىي بولماسلىقى قاتارلىقلار.

    2. بالىياتقۇ بوينى. ئاياللارنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئىچىدە بالىياتقۇ بوينى يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەزا ھېسابلىنىدۇ. ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈش جەھەتتە سۈت بېزى راكىدىن كېيىنلا تۇرىدىكەن.

    3. دوۋساق. دوۋساقمۇ ئاياللارنىڭ كېسەللىك كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەزالىرىنىڭ بىرى، %20 ئايال ھاياتىدا قىسقا مۇددەتلىك دوۋساق ياللۇغىنىڭ دەردىنى تارتىدىكەن. تەيۋەن قاتارلىق جايلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، دوۋساق ياللۇغى سۈيدۈكنى ئۇزاق ۋاقىت قىسىش، جىنسىي مۇناسىۋەت، ھەيز مەزگىلىدىن كېيىنكى ۋاقىت ۋە سۈيدۈك يولى، ئاياللار بۆلۈمىدىكى تەكشۈرۈشلەردىن ئاسانلا پەيدا بولىدىكەن.

    4. پەي. ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ پېيى ئاسان زەخىملىنىدۇ، چۈنكى ئاياللارنىڭ پېيى تۇغما ئاجىز بولىدۇ.

    5. ھەزىم قىلىش سىستېمىسى. ئەر-ئاياللار يېمەكلىكلەرنى ئوخشاش مىقداردا يېگەن تەقدىردىمۇ، ئاياللارنىڭ ھەزىم قىلىشىغا كۆپرەك كېتىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئاياللار سوزۇلما خاراكتېرلىك قەۋزىيەت ۋە ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز