تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلارنى ئۆزلۈكىدىن ئوي – پىكىرىنى ئاشكارىلاشقا ئىلھاملاندۇرۇش

كۆپ ساندىكى ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ قېيداش، قارشىلىشىش پوزىتسىيەسىگە ئۇچرىغاندا كۆپىنچە باشلىرىنى چايقاپ قىيىن ئەھۋالغا قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: بالىلار زادى نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ ئۇلار نېمىنى ئويلايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئوچۇقىنى ئېيتمايدۇ ؟ ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى چۈشىنىپ، نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىش ھەر بىر ئاتا – ئانىنىڭ بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىسى.

كۆپ ساندىكى ئاتا – ئانىلار بالىلار بىلەن يېقىن ئۆتسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى تولۇق چۈشەنمەيدۇ، نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، بۇنداقتا ئۇلارنىڭ بالىلارنى ئۆزى ئۈمىد قىلغاندىكىدەك ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى قىيىنغا چۈشىدۇ.

بالىلار بىلەن سۆزلەشكەندە چوڭلار بىلەن سۆزلەشكەندەك ئەستايىدىل، مۇلايىم، ئىشەنچ نەزىرى بىلەن قاراش، بالىلاردىنمۇ سۆزلىگەندە ئۆزىگە قاراپ سۆزلەشنى تەلەپ قىلىش كېرەك، چۈنكى كۆزنىڭ دەلمۇدەل ئۇچرىشىمۇ بىر خىل ئالاقە مۇناسىۋىتىدۇر. بالىلار كۆڭۈلدىكىنى سۆزلىگەندە بەزىدە قىلغان سۆزلىرى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، ئاتا – ئانا بولغۇچى كۈلۈپ تۇرۇپ مەسخىرە قىلماسلىقى، ئەيىبلىمەسلىكى زۆرۈر. بالىلارنى توغرا يولغا يېتەكلىشى، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ قويۇشى لازىم.

ئۇنداقتا بالىلارنى قانداق قىلغاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى سۆزلەتكىلى بولىدۇ؟

1 . بالىلارنىڭ سۆز – ھەرىكىتىگە توغرا باھا بېرىش. بالىلار ياخشى ئىش قىلغاندا ياخشىلىقى قەيەردە؟ خاتا قىلغاندا خاتالىقى قەيەردە ؟ قانداق ئىشلىسە توغرا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش.

2 . بالىلار بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىش. ھازىرقى ئاتا – ئانىلارنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى «ئالدىراش»، ئانىسمۇ ئالدىراش، دادىسىمۇ ئالدىراش، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى دائىملىق ئاساسىي سۆزى. بالىلارنى ئالدىرتىپ سۈيلەش : «تېزرەك يۇيۇنۇۋال، تامىقىڭنى يە ! دەرسىڭنى ئۆگەن، تاپشۇرۇقىڭنى ئىشلە !...»

مۇنداق جىددىي، ئالدىراشچىلىقتا نەدىمۇ بالىلار بىلەن پاراڭلىشىشقا ۋاقىت بولسۇن؟ بىراق بالىلار بىلەن پاراڭلاشمىسا، ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى قانداقمۇ بىلگىلى بولسۇن؟ بالىلار بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ پاراڭلاشقاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگىلى، ئۇلارغا نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتالىقىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ. بالىلار خاتالاشقان شۇ دەقىقىلەردە كۆڭلىگە دەرھال ئاتا – ئانىسىنىڭ تەربىيەۋى سۆزلىرى تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنى چەكلەش، تۈزىتىش كۈچى شەكىللىنىدۇ. خاتالىق قايتا سادىر بولمايدۇ ياكى تەكرارلانمايدۇ.

3 . بالىلار ئۈچۈن بىخەتەر پىسخىك قورغىنى ھاسىل قىلىش. بالىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىلگىرىكى كەچۈرمىشلىرىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ناچار ئامىللارنىڭ زادى قايسى ئىكەنلىكىنى بىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەربىيە ئارقىلىق كۆڭۈلسىز ئىشلارنى سۆزلىتىپ ئۇلارنى ئۇنۇتقۇزۇش لازىم. ئاتا – ئانا بولغۇچى چوقۇم بالىلار ئۈچۈن بىخەتەر پىسخىك قورغىنىنى ھاسىل قىلىپ، بالىلارنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمىگە ئايلىنىشى لازىم. شۇنداقلا يەنە مۇۋاپىق سورۇندا بالىلارنى ئۈنلۈك سۆزلىتىپ، باشقىلار ئالدىدا ق ئۆز قارىشىنى ئورقماي ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئۈندەش كېرەك.

4 . ئەيىبلەپ تىللاشنىڭ ئورنىغا قائىدە سۆزلەپ رىغبەتلەندۈرۈش. بەزى بالىلار ئاتا – ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىشقا ناھايىتى ئامراق. بىراق شۇنداق ئېغىز ئېچىش بىلەن رەت قىلىش، تىللاشقا ئۇچراپ، بارا – بارا ئاتا – ئانىسىغا كۆپ سۆزلىمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاتا – ئانا پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ بالىلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىش، كۈلۈمسىرەش، قۇچاقلاش ئارقىلىق بالىلارنىڭ قورقۇنچىسىنى تۈگىتىش لازىم. 




ئەسلى مەنبەسى: xueqian.eol.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز